ئىستانبۇل ۋالىيلىقى بىلەن تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ۋەخپى تەرىپىدىن بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇلغان 15 - نۆۋەتلىك تۇرك دۇنياسى بالىلار ئۇچرىشىش پائالىيىتى 2009 - يىلى 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئىستانبۇلدا غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.
6 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 4 - كۈنىگىچە 4 كۈن داۋام قىلغان بۇ پائالىيەتكە قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان قاتارلىق 41 دۆلەت ۋە رايونلاردىن كەلگەن تۈرك مىللىتىگە مەنسۇپ 11 - ياشتىن 13 - ياش ئارىسىدىكى 600 گە يېقىن ئۆسمۈر بالىلار ئىستانبۇلدا جەم بولۇپ تىلدا، دىلدا، پىكىردە بىر ئىكەنلىكىنى دۇنياغا كۆرسەتتى.
بۇ پائالىيەتكە ئۇيغۇر بالىلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 20 نەپەر ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى قاتناشتى.
پائالىيەتنىڭ 3 - كۈنىدىكى پروگراممىسى ئىستانبۇلدىكى ئالى سامىيەن پۇتبول مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. 30 مىڭ كىشىلىك پۇتبول مەيدانى پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرى بىلەن لىق تولدى،مەيداننىڭ تۆت ئەتراپىغا 41 دۆلەتنىڭ چوڭ ھەجىمدىكى بايراقلىرى ئېسىلغان بولۇپ، ئۇ قاتاردا شەرقىي تۈركىستان بايرىقىمۇ ئورۇن ئالغان. پائالىيەت باشلىنىشتىن ئىلگىرى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ۋەخپىنىڭ رەئىسى تۇران يازغان ئەپەندى ۋە ئىستانبۇل ۋالىيسى مۇئەممەر گۈلەر ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى.
ئىستانبۇل ۋالىيسى مۇئەممەر گۈلەر سۆزىدە مۇنداق دېدى: تارىخنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا بىزنى ئۆز - ئارا زىچ باغلاپ تۇرغان ئورتاق بىر تارىخ ۋە كۈلتۈرىمىز بار. بۇنى بىر - بىرىگە زىچ باغلىغان ئورتاق بىر تىل بار. بۇنىڭ قىممىتىنى بەك ياخشى چۈشىنىشىمىز لازىم، بۇلارنىڭ بىزگە ئېلىپ كېلىدىغان پايدا - مەنپەئەتى مەدەنىي بايلىقلار بىلەن سىياسىي ۋە ئىقتىسادى بىر كۈچ بار. شارسىمان دۇنيادا بۇنىڭدىن ئەڭ ياخشى شەكىلدە پايدىلىنىشىمىز لازىم.
كېيىن ھەر قايسى دۆلەتتىن كەلگەن ئۆسمۈر بالىلار ئايرىم - ئايرىم گۇرۇپپا بولۇپ ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىيىملىرىنى كىيىشكەن ھالدا ئۆز دۆلىتىنىڭ بايرىقىغا ئەگىشىپ پىيادە يۈرۈپ مەيداننى ئايلىنىپ ئىستانبۇل ۋالىيسى مۇئەممەر گۈلەرگە سالام بېرىپ ئۆتتى.
ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى چىمەن دوپپا، ئەتلەس كۆينەكلىرىنى كىيگەن بولۇپ، قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ۋە چوڭ ھەجىمدە شەرقىي تۈركىستان دېگەن خەت يېزىلغان ۋىۋىسكا تاختىنى كۆتۈرگەن ھالدا مەيداننى ئايلىنىپ ئىستانبۇل ۋالىيسى مۇئەممەر گۈلەر قاتارلىق مېھمانلارغا سالام بېرىپ ئۆتتى. ئۇلار سەھنە ئالدىغا كەلگەندە، مىكرافۇندا شەرقىي تۈركىستان كەلدى دەپ ئېلان قىلىندى. كىشىلەر چاۋاك چېلىپ ئالقىش بىلەن قارشى ئالدى. كېيىن ھەر قايسى دۆلەت ۋە رايونغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئۆسمۈر بالىلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئۇسۇلىنى ئوينىدى، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى گۈلمەرەم دېگەن ناخشا مۇزىكىسىغا ئۇسۇل ئوينىدى ۋە قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.
بۇ پائالىيەتتە پىيادە يۈرۈش قىلىپ ئۆزىنى كۆرسىتىش، ناخشا ئېيتىش، ئۇسۇل ئويناش، ئاۋاز مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىش قاتارلىق پروگراممىلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئاخىرىدا ئاۋاز مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ ئىلغار بولۇپ تاللانغانلار مۇكاپاتلاندى.
بىز پائالىيەت ئاخىرىدا بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر بالىلار ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى بىلەن بۇ پائالىيەت ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.