ئىستانبۇلدا 'ئۇيغۇر ۋەزىيىتى' ھەققىدە دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2010 ‏- يىلى 1 ‏- ئاينىڭ 16 ‏- كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن جەمئىيەت يىغىن زالىدا 'ئۇيغۇر ۋەزىيىتى" ھەققىدە دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدىن ئىستانبۇلغا كېلىپ ئۇنىۋېرىستىتلاردا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردىن كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. يىغىنغا خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ناجى ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلىش بىلەن باشلاندى. يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىيىت تۈمتۈرك يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى ۋەزىيىتى شۇنداقلا 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ئالدى كەينىدىكى ۋەزىيەت ھەققىدە تەپسىلى دوكلات بەردى.

يىغىن ئاخىرىدا سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى شۇنىڭدەك يەنە، خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ۋەيسەل ئەپەندى بىلەن ئىشخانىسىدا ئۇچرىشىپ ئىستانبۇلدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ئەھۋالى ۋە ئۇلارنىڭ نۆۋەتتە دۈچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەتلەشتى.

بابى ئالەم خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدىن تۈركىيىگە كېلىپ ئوخشىمىغان ئۇنىۋېرىستىتلاردا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىش، ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتە ياردەم قىلىش، تۇرالغۇ ۋە ئوقۇش شارائىتى يارىتىپ بېرىش مەقسىتىدە، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھەمكارلىق جەمئىيىتى نامى بىلەن ئىستانبۇلدا 2004 ‏- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ جەمئىيەت 2008 ‏- يىلى ئىسمىنى "بابى ئالەم خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتى"گە ئۆزگەرتكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.