ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتىنىڭ يەنە بىر شۆبىسى ئېچىلدى

ئىستانبۇل شەھىرىگە قاراشلىق كۈچۈكچەكمەجە ‏- سەفاكۈي رايونىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتىنىڭ شۆبىسى ئېچىلىپ، 2010 ‏- يىلى 1 ‏- ئاينىڭ 30 ‏- كۈنى شۆبىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

مۇراسىمغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. ئېچىلىش مۇراسىمغا يەنە كۈچۈكچەكمەجە شەھەر باشلىقى ئەزىز يېنىئاي باشچىقىلىدىكى بىر ھەيئەت، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ كۈچۈكچەكمەجە رايونلۇق شۆبە باشلىقى تەمەل قارادېڭىز ۋە پىشقەدەم ۋەتەنپەرۋەر زات سەلەي ھاجىم ئارتۇشى ئىشتىراك قىلدى.

مۇراسىمدا ئىستانبۇل ‏- كۈچۈكچەكمەجە شەھەر باشلىقى ئەزىز يېنىئاي، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ كۈچۈكچەكمەجە رايۇنلۇق شۆبە باشلىقى تەمەل قارادېڭىز سۆز قىلدى. مۇراسىمدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، شەھەر باشلىقى ئەزىز يېنىئاي باشچىلىقىدىكى ھەيئەتكە، ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسى ھەققىدە قىسقىچە دوكلات بەرگەندىن كېيىن، شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ خىزمەت ‏- پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۈي رايونى چوڭ ۋە ئاۋات رايونلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ رايوندا 500 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئائىلىسى ياشايدۇ. شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى 2008 ‏- يىلى ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىدا شۆبىسىنى ئاچقان ئىدى.

مۇراسىم ئاخىرىدا، شەھەر باشلىقى ئەزىز يېنىئاي ۋە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسى كۈچۈكچەكمەجە رايونلۇق شۆبە باشلىقى تەمەل قارادېڭىز ئەپەندىلەرگە ئۇيغۇر دوپپىسى تەقدىم قىلىندى.

بىز مۇراسىم ئاخىرىدا شەھەر باشلىقى ئەزىز يېنىئاي ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

‏-- ھۆرمەتلىك شەھەر باشلىقى، بۈگۈن بۇ يەردە ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىۋاتىسىز، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە نېمىلەرنى ئويلاۋاتىسىز؟

‏-- ھازىر خۇسۇسەن شەرقىي تۈركسىتان ئۇيغۇر رايونىدا ئۇزۇن يىللاردىن بىرى جىددىي زۇلۇم بولۇۋاتىدۇ، پات ‏- پات قەتلىئاملار يۈرگۈزۈلۈۋاتىدۇ، ھەتتا بۇ قەتلىئام قىرغىنچىلىققا ئايلىنىۋاتىدۇ، ئەپسۇسلىنارلىقى، ئۇ يەردىكى قانداشلىرىمىزغا، قېرىنداشلىرىمىزغا زۇلۇملار قىلىنىۋاتىدۇ، ئالدى بىلەن مەن بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇنى ھەقىقەتەن ئىنسانىيەتكە داغ تەككۈزىدىغان چوڭ بىر ئەيىب دەپ بىلىمەن ۋە بۇنىڭدىن بىئاراملىق ھېس قىلىۋاتىمىز. بىز بۇ يەردە، شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دەسلەپتە ئۆز ئەركىنلىكلىرىگە ئىگە بولۇشلىرىنى ئارزۇ قىلىمىز، ئۇلار مىللىي سالاھىيىتىنى قوغدىيالىغىدەك شەكىلدە ئۆزى پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان كۈن يېىتپ كەلگەندە، بۇ بىز ئۈچۈن بايرام كۈنى بولىدۇ، چۈنكى ھەر قانداق ئىنساننىڭ، ھەر قانداق مىللەتنىڭ ئۆز مىللىي يادىكارلىقلىرىغا، مەدەنىيەتلىرىگە ئىگە چىقىپ ياشاش ھەققى بار. بۇ مەنادا خۇسۇسەن ئۇ رايوندىكى زۇلۇمنى، ئۇ رايوندىكى تارىخى جەرياننى ھەممىمىز يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتىمىز، بۇنى بىر تۈرك بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھۆجەيرلىرىمىزدە، ئىچىمىزدە ھېس قىلىۋاتىمىز، ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىزغا تىنچلىققا ئېرىشىدىغان، خۇشاللىققا چۈمىدىغان كۈنلەرنىڭ كېلىشى ئۈچۈن ئاللاھقا دۇئا قىلىمىز. بۇ ھەقتە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھەر ساھەدە ياردەم قىلىدۇ، ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ، ئۇ يەردىكى قانداشلىرىمىزنىڭ يۈزلىرى كۈلگەن كۈنلەر بىزنىڭ ئۈچۈن بايرام كۈنى بولىدۇ.

‏-- ھۆرمەتلىك شەھەر باشلىقى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا يوللايدىغان بىرەر سۆزىڭىز بارمۇ؟

‏-- ئۇ يەردىكى قېرىنداشلار بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز، ئۇ يەر بىزنىڭ ئاتا يۇرتىمىز، بىز ئەسلى ئۇ يەردىن كەلگەن، ئۇلار بىزنىڭ قان قېرىنداشلىرىمىز، ئۇلارغا ھەر تۈرلۈك ھۆرمەت ۋە سالام يوللايمىز، گەرچە بىز تۈركىيىدە بولساقمۇ، بىر پۇتىمىز، بىر قەدىمىمىز ئۇ يەردە، روھلىرىمىز ئۇ يەردە، ئەقلىمىز ئۇ يەردە، بىز ھەر زامان ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بىرگە. ئۇلارنى دۇئالىرىمىزدا ياد ئېتىمىز.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.