ئىستانبۇلنىڭ تاكسىم مەيدانىدا نامايىش

2010 - يىلى 7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تۈركىيىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئاممىۋىي تەشكىلاتلار شەرقىي تۈركىستان مۇنبىرى نام ئاستىدا بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، ئۆتكەن يىلى يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايغا قارشى ئىستانبۇلنىڭ تاكسىم مەيدانىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

2010 - يىلى 7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تۈركىيىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئاممىۋىي تەشكىلاتلار شەرقىي تۈركىستان مۇنبىرى نام ئاستىدا بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، ئۆتكەن يىلى يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايغا قارشى ئىستانبۇلنىڭ تاكسىم مەيدانىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

نامايىشقا شەرقىي تۈركسىتان ۋەخپى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتى، شەرقىي تۈركىستان ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتى قاتارلىق ئاممىۋىي تەشكىلاتلار ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى نامايىشقا سەپەرۋەر قىلىش نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلاردىن ئەر - ئايال ۋە كىچىك بالىلار بولۇپ 1000 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

نامايىشقا تۈركىيىنىڭ سائادەت پارتىيىسى، بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى قاتارلىق سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق مەسئۇللىرى ۋە ئەزالىرى، ئاممىۋىي تەشكىلاتلاردىن ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى، مەزلۇملار جەمئىيىتى، ئالپەرەن ئۇجاقلىرى، ئۆلكىچىلەر تەشكىلاتى قاتارلىق ئاممىۋىي تەشكىلاتلار ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ نامايىشقا قاتناشتى.

نامايىشچىلار قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ۋە تۈرك بايراقلىرى كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ، بەزى نامايىشچىلار، شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا قىرغىنچىلىق قىلىۋاتىدۇ، زۇلۇمغا سۈكۈت قىلما دېگەنگە ئوخشاش خىتايغا قارشى ھەر خىل شوئارلار يېزىلغان ۋىۋىسكا تاختىلارنى كۆتۈرگەن ھالدا گالاتاساراي تولۇقئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالدىدىن تاكسىم مەيدانىغا قاراپ ماڭدى.

نامايىشچىلار بىردەك، ياشىسۇن مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان، ھەق - ھوقۇق، ئادالەت تۈركىستانغا ھۆرىيەت دېگەنگە ئوخشاش شوئارلار توۋلىدى. نامايىش جەريانىدا 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئالاقىدار بايانات ئېلان قىلىندى، باياناتىنى شەرقىي تۈركىستان مۇنبىرىگە ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باشلىقى ھامۇت كۆكتۈرك ئوقۇپ ئۆتتى.

ھامۇت كۆكتۈرك سۆزىدە، ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر قىزلىرىغا ئەخلاقسىزلىق قىلغان خىتايلارغا قارشى تىنچلىق بىلەن نامايىش قىلغان ئۇيغۇرلارغا قارشى خىتايلار قۇراللىق قارشىلىق كۆرسەتتى ۋە ۋەقە قىرغىنچىلىققا ئايلاندى. خىتايلار مەجبۇرى ئىشغال قىلىۋالغان شەرقىي تۈركىستاندا بېسىم، زۇلۇم ۋە يوق قىلىش سىياسەتلەر ئىجرا قىلىۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئىسلام قۇرۇلتىيى تەشكىلاتى، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى قاتارلىق خەلقئارالىق سەھنىلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلىشى كېرەك، دېدى.

بىز نامايىش ئاخىرىدا نامايىشقا قاتناشقان بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسىنىڭ ئىستانبۇل شۆبە باشلىقى گۈۋەن ئەپەندى قاتارلىق بىر قىسىم شەخسلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.