بۇ تەبرىكلەش زىياپىتىگە، ئىستانبۇل شەھەر باشلىقىنىڭ ۋەكىلى، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى قاتارلىق بىر قىسىم سىياسىي پارتىيە ۋەكىللىرى، مەدەنىيەت، مائارىپ، ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانا ۋەكىللىرى تەكلىپ قىلىنغان.
بۇ تەبرىكلەش زىياپىتىنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن
[ http://news.china.com.cnOpens in new window ]
تور بېتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىملىق تەبرىكلەش زىياپىتىگە قاتناشقان ئۇيغۇرلار "ۋەتەنپەرۋەر مۇھاجىرلار ۋەكىللىرى" دەپ تونۇشتۇرۇلغان.
خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، بۇ زىياپەتكە قاتناشقان ئۇيغۇرلار، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئاتالمىش "شىنجاڭ سىياسىتى" نى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى، "ۋەتەننىڭ پۈتۈنلۈكى، بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشقا بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشۇشنى خالايدىغانلىقىنى، تۈركىيە - خىتاي ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ راۋاجلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى" نى بىلدۈرگەن.
زىياپەتكە قاتناشقان ئۇيغۇرلار، خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى بىلەن خاتىرە رەسىمگە چۈشكەن.
بىز،
[ خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىOpens in new window ]
تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش زىياپىتىگە قاتناشقان دىلشات ئۇيغۇرئۇغلۇ ئىسىملىك ئۇيغۇر بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.
ئەمما، بىز زىياپەتكە قاتناشقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارىتىمىزدە، يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان سۆزلەرنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى، ئۇ يەردە ھېچ قانداق ئۇيغۇرنىڭ ئۇ مەزمۇندا سۆز قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىز يەنە، بۇ تەبرىكلەش زىياپىتىگە قاتناشقان ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باشلىقى ھامۇت كۆكتۈرك قاتارلىق بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.