ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش زىياپىتىگە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى

2010 ‏ - يىلى 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، خىتاي دۆلىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 61 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى "خىلتون" مېھمانخانىسىدا زىياپەت ئۆتكۈزگەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ تەبرىكلەش زىياپىتىگە تۈركىيىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلاردىن دىلشات ئۇيغۇرئوغلۇ، شۆھرەت دوختۇر، ۋولقان ئۆزتۈرك، ئالەمدار ئائىلىسىنىڭ بالىلىرى ۋە بىر قانچە قازاقلارمۇ قاتناشقان.

ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻝ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2010 ‏- ﻳﯩﻠﻰ 9 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 28 - ﻛﯜﻧﻰ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺩﯙﻟﯩﺘﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ 61 ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﻪﺵ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﺪﯨﻜﻰ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﯩﺴﻰ "ﺧﯩﻠﺘﻮﻥ" ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ  ﺯﯨﻴﺎﭘﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﯞﻩ ﻗﺎﺯﺍﻗﻼﺭﺩﯨﻦ 3 ﺋﯩﻨﯩﯔ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺑﺎﺵ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﻰ ﺟﺎﯓ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺳﯜﺭﯨﺘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻜﻪ، "ﺑﺎﺵ ﻛﻮﻧﺴﯘﻝ ﺟﺎﯓ ﯞﻩﺗﻪﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﯞﻩ ﻗﺎﺯﺍﻕ ﺧﯘﺍﭼﯩﺌﺎﯞ (ﺧﯩﺘﺎﻱ ﭘﯘﺷﺘﻰ) ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ" ﺩﻩﭖ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ.
ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻝ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2010 ‏- ﻳﯩﻠﻰ 9 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 28 - ﻛﯜﻧﻰ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺩﯙﻟﯩﺘﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ 61 ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﻪﺵ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﺪﯨﻜﻰ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﯩﺴﻰ "ﺧﯩﻠﺘﻮﻥ" ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ ﺯﯨﻴﺎﭘﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﯞﻩ ﻗﺎﺯﺍﻗﻼﺭﺩﯨﻦ 3 ﺋﯩﻨﯩﯔ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺑﺎﺵ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﻰ ﺟﺎﯓ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺳﯜﺭﯨﺘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻜﻪ، "ﺑﺎﺵ ﻛﻮﻧﺴﯘﻝ ﺟﺎﯓ ﯞﻩﺗﻪﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﯞﻩ ﻗﺎﺯﺍﻕ ﺧﯘﺍﭼﯩﺌﺎﯞ (ﺧﯩﺘﺎﻱ ﭘﯘﺷﺘﻰ) ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ" ﺩﻩﭖ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ. (http://istanbul.chineseconsulate.org ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.)

0:00 / 0:00

بۇ تەبرىكلەش زىياپىتىگە، ئىستانبۇل شەھەر باشلىقىنىڭ ۋەكىلى، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى قاتارلىق بىر قىسىم سىياسىي پارتىيە ۋەكىللىرى، مەدەنىيەت، مائارىپ، ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانا ۋەكىللىرى تەكلىپ قىلىنغان.

بۇ تەبرىكلەش زىياپىتىنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن

http://news.china.com.cnOpens in new window ]

تور بېتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىملىق تەبرىكلەش زىياپىتىگە قاتناشقان ئۇيغۇرلار "ۋەتەنپەرۋەر مۇھاجىرلار ۋەكىللىرى" دەپ تونۇشتۇرۇلغان.

خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، بۇ زىياپەتكە قاتناشقان ئۇيغۇرلار، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئاتالمىش "شىنجاڭ سىياسىتى" نى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى، "ۋەتەننىڭ پۈتۈنلۈكى، بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشقا بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشۇشنى خالايدىغانلىقىنى، تۈركىيە - خىتاي ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ راۋاجلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى" نى بىلدۈرگەن.

زىياپەتكە قاتناشقان ئۇيغۇرلار، خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى بىلەن خاتىرە رەسىمگە چۈشكەن.

بىز،

خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىOpens in new window ]

تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش زىياپىتىگە قاتناشقان دىلشات ئۇيغۇرئۇغلۇ ئىسىملىك ئۇيغۇر بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

ئەمما، بىز زىياپەتكە قاتناشقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارىتىمىزدە، يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان سۆزلەرنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى، ئۇ يەردە ھېچ قانداق ئۇيغۇرنىڭ ئۇ مەزمۇندا سۆز قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز يەنە، بۇ تەبرىكلەش زىياپىتىگە قاتناشقان ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باشلىقى ھامۇت كۆكتۈرك قاتارلىق بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.