ئىستىقلال گېزىتى 5 ياشتا

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ئۇيغۇر داۋاسىنى دۇنياغا تېخىمۇ ياخشى ئاڭلىتىشتا مەتبۇئاتنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى داۋاملىق ھالدا تەكىتلەپ كەلمەكتە.

0:00 / 0:00

چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۆپ ساندا گېزىت ۋە ژۇرنال چىقارغان بولسىمۇ، بۇ گېزىت ۋە ژورناللارنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولمىغان. ئەمما تۈركىيىنىڭ قەيسەرى شەھرىدە چىقىۋاتقان ئىستىقلال گېزىتى ھازىر بەش ياشقا كىردى.

تەتقىقاتچى جۇرنالىست مەمەت ئىمىن باتۇر تەرىپىدىن 5 يىلدىن بېرى نەشىر قىلىنىۋاتقان گېزىتنىڭ سېنتەبىر ئېيىلىق 50 - سانى نەشىردىن چىقتى. گېزىت جەمى 16 بەتتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، گېزىتنىڭ بىرىنچى بېتىدە باش ماقالە، مۇھىم خەۋەرلەر ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ خەرىتىسىگە يەر بېرىلگەن. گېزىتنىڭ 2 - بېتىدە دۇنيا خەۋەرلىرى، 3 - بېتىدە كۈن تەرتىپتىكى ۋەقەلەر، 4 - ۋە 5 - بەتلىرىدە بولسا تۈرك دۇنياسى ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە يەر بېرىلگەن.

گېزىتتىكى پۈتۈن خەۋەرلەر رەڭلىك رەسىملەر بىلەن بېرىلگەن بولۇپ، 7 - 8 - بەتلىرىدە مەدەنىيەت ھەققىدىكى ماقالە ۋە خەۋەرلەرگە، 9 - 10 - بەتلىرىدە بولسا يەنە دۇنيانىڭ كۈن تەرتىپىدىكى مۇھىم خەۋەرلەرگە، گېزىتنىڭ 11 - بېتىدە ئوبزورلارغا يەر بېرىلگەن. ئىستىقلال گېزىتى تۈرك تىلىدا نەشىر قىلىنىۋاتقان بولۇپ، گېزىتنىڭ 14 - بېتىدە ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان خەۋەرلەرگە يەر بېرىلگەن. ئىستىقلال گېزىتىدە يەنە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا بېرىلگەن مۇھىم خەۋەرلەر تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىنغان.

ئىستىقلال گېزىتىنىڭ سېنتەبىر ئېيىلىق سانىنىڭ بىرىنچى بېتىدە `شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلەر جېنىغا تويدى` ماۋزۇلۇق باش ماقالىغا يەر بېرىلگەن بولۇپ، بۇ ماقالىدە نۇقتىلىق ھالدا 8 - ئاي ئىچىدە قەشقەردە، كۇچادا مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەر تەھلىل قىلىنىپ بېرىلگەن. گېزىتنىڭ تۈرك دۇنياسىغا ئايرىلغان بەتلىرىدە گېرمانىيە، كوسوۋا، بۇلغارىيىدىكى تۈركلەر ۋە ئىراقتىكى تۈركمەنلەر ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە يەر بېرىلگەن.

گېزىتتە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرلىرىدىن ئۆمەر قاناتنىڭ `يامانياردىكى ۋەقە خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى قايتىدىن ئۇيغۇرلارغا بۇرىدى` ماۋزۇلۇق خەۋىرى، شۆھرەت ھوشۇرنىڭ `قەشقەر يامانيار يېزىسىدا خىتاينىڭ 3 ئامانلىق خادىمى ئۆلتۈرۈلدى` ماۋزۇلۇق ماقالىسى ۋە گۈلچېھرەنىڭ `شەرقىي تۈركىستاندا ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن كېيىن قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكىتى داۋاملىشىدۇ` ماۋزۇلۇق ماقالىسى ئېلان قىلىنغان.

ئىستىقلال گېزىتى تۈرك تىلىدا چىقىرىلىۋاتقان بولۇپ، دۇنيادىكى ئوتتۇزغا يېقىن دۆلەت ۋە رايوندا گېزىتنى تارقىتىش ۋەكىللىرى بار ئىكەن. بىز ئىستىقلال گېزىتىنىڭ 5 ياشقا كىرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ گېزىت ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن گېزىتنىڭ باش تەھرىرى مەمەت ئەمىن باتۇر ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.