تۈركىيىدىكى 'ئىستىقلال گېزىتى' گېرمانىيىدە شەرقىي تۈركىستان كۆرگەزمىسى ئاچتى

2004 - يىلىدىن بېرى تۈركىيەدە تۈرك ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا نەشىر قىلىنىۋاتقان ئىستىقلال گېزىتى گېرمانىيەنىڭ ئەسسەن شەھرىدە شەرقىي تۈركىستان تېمىسىدا كۆرگەزمە ئاچتى.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلار دۇنيانىڭ قايسى يېرىدە ياشىسا ياشىسۇن، قولىدىن كېلىشىچە ھەر خىل يوللار بىلەن ئۆز مىللىتىنى تونۇتۇشقا تىرىشىدۇ. بۇ كىشىلەردىن بىرى 40 يىلدىن بېرى گېرمانىيىنىڭ ۋانگەن دېگەن يېرىدە ياشاۋاتقان كەمالىدىن باتۇر ئەپەندىدۇر. ئۇ 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى گېرمانىيىدە " شەرقىي تۈركىستان " نامىدا كۆرگەزمە ئاچقان بولۇپ، بۇ كۆرگەزمىنى گېرمانىيە تۈرك جەمىيەتلىرى بىرلىكى قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان مىڭلارچە كىشى كۆرگەن.

بۇ كۆرگەزمىنى يەنە بۇ قۇرۇلتايغا قاتنىشىش ئۈچۈن تۈركىيىدىن كەلگەن سابىق باش مىنىستىر ياردەمچىسى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى باشلىقى دەۋلەت باغچىلىمۇ كۆرگەن. كۆرگەزمىگە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تۈركىيىدە نەشىر قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى كىتاب - جۇرناللار، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن فوتو سۈرەتلەر، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىگە ئائىت بۇيۇملار قويۇلغان.

بۇ كۆرگەزمىنى ئاچقان ئىستىقلال گېزىتىنىڭ گېرمانىيىدە تۇرۇشلۇق تارقاتقۇچىسى كامالىدىن باتۇر ئەپەندى، 30 - مايدا گېرمانىيىنىڭ ئەسسەن شەھرىدە ئېچىلغان بۇ قۇرۇلتايغا 25 مىڭ ئەتراپىدا كىشىنىڭ قاتناشقانلىقىنى، بۇلارنىڭ كۆپىنىڭ شەرقىي تۈركىستان كۆرگەزمىسىنى ئايلانغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ بىزگە بەرگەن مەلۇماتتا ئۆزىنىڭ 40 يىلدىن بېرى گېرمانىيىدە ياشاۋاتقانلىقىنى، بۇ 40 يىل جەريانىدا 429 قېتىم شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە لېكسىيە بەرگەنلىكىنى، كۆپ قېتىم كۆرگەزمە ئاچقانلىقىنى ئاخىرەتتە ۋەتىنىڭ ئۈچۈن نېمە قىلدىڭ دېسە كۆڭلى راھەت بىر نەرسىلەرنى دېيەلەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.

بۇ كۆرگەزمىنى كۆپلىگەن ئادەملەر كۆرگەن بولۇپ، مەزكۇر كۆرگەزمە ھەققىدە ئىستىقلال گېزىتىنىڭ گېرمانىيىدە تۇرۇشلۇق تارقاتقۇچىسى كامالىدىن باتۇر ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.