ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ئۈچۈن ئىستراتېگىيە توغرىسىدا لېكسىيە بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2 يىلدىن بېرى ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسلىرىنى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىپ، ئىستراتېگىيە ھەققىدە لېكسىيە بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە.

0:00 / 0:00

ئۇلار ھازىرغىچە تۈرك، ئەرەب ۋە باشقا مىللەتلەردىن ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسلىرىنى چاقىرىپ لېكسىيە سۆزلەتكەن بولۇپ، 12-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۇيغۇر ئىستراتېگىيە تەتقىقاتچىسىنى تەكلىپ قىلىپ دوكلات بەرگۈزدى. يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 10دا ئىستانبۇل فەنەر جەمئىيىتىنىڭ زالىدا چاقىرىلغان بۇ لېكسىيە سۆزلەش يىغىنىدا تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى «ئىستراتېگىيىنىڭ سىياسەت بەلگىلەشتىكى ئورنى» تېمىسىدا دوكلات بەردى. ئۇ دوكلاتىدا ئىستراتېگىيىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى، ئوتتۇرىغا چىقىش جەريانى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، ئىستراتېگىيىنىڭ بىر دۆلەت ياكى بىر مىللەتنىڭ ئالىي مەنپەئىتىنى قوغداپ قېلىشتىكى رولى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

istrategiye-toghrisida-leksiye-385.jpg
ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ئۈچۈن ئىستراتېگىيە توغرىسىدا لېكسىيە بېرىش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2011-يىلى 18-دېكابىر، ئىستانبۇل. (RFA/Erkin Tarim)

بۇ لېكسىيىنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ۋە شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەزالىرىدىن بولۇپ 70 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. لېكسىيە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن لېكسىيىنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلار بىلەن لېكسىيىگە قاتناشقانلارغا مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق. ئۇلار بىردەك بۇ لېكسىيە ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قانداق ئېلىپ بېرىشنى نەزەرىيە جەھەتتىن چۈشىنىۋالغانلىقىنى، ئەمما بۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىشىنىڭ سىياسەتچىلەرگە قالغانلىقىنى ئېيتتى.