ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتىگىيە-ئىقتىساد دىئالوگى بەزى ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەردىكى ئىختىلاپ ھەل بولماي ئاخىرلاشتى

خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ئامەرىكا-خىتاي ئىككى تەرەپ بەزى مەسىلىلەردە كېلىشىم ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بەزى ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەردىكى پىكىر ئىختىلاپى يەنىلا ھەل بولمىغان.

0:00 / 0:00

بۇ نۆۋەتلىك ئامېرىكا-خىتاي ئىستىراتىگىيە-ئىقتىساد دىئالوگى ئامېرىكىنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى كەسكىن تەنقىد قىلىپ، 2009‏-يىلدىن بۇيان يىلدا بىر قېتىم ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودا، ئىقتىساد، تاشقى سىياسەتتىكى ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىشقا باشلىغان دىئالوگ، بۇ قېتىم كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى بىلەن باشلانغان ئىدى. تەرەپلەر ئىككى كۈنلۈك دىئالوگ ئاخىرلاشقاندا، ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ خىتاي بازىرىغا كىرىپ، مەھسۇلات سېتىشىنى كېڭەيتىشكە يول قويۇش قاتارلىق 40 نەچچە تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي پۇلىنىڭ كۇرسىنى كۆتۈرۈش، كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق ئامېرىكا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلالمىغان. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى كلىنتون خانىم سەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ، خىتاي بىلەن «ھەممە مەسىلىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى كۈتمەيدىغانلىقى، چۈنكى ئۆزلىرىنىڭ بەزى سەزگۈر مەسىلىلەرگە بولغان قارىشى بىلەن خىتاي تەرەپنىڭ قارىشى پەرقلىنىدىغانلىقى»نى، بىراق تەرەپلەر بۇ دىئالوگ ئارقىلىق بىر-بىرىنىڭ قارىشىنى چوڭقۇر چۈشىنىشكە مۇيەسسەر بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى. كلىنتون خانىمنىڭ مۇخبىرلارغا بىلدۈرۈشىچە، ئىككى كۈنلۈك دىئالوگ جەريانىدا تەرەپلەر كىشىلىك ھوقۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.

ئۇ «بىز ھەممە مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلدۇق. مۇزاكىرە قىلىنغان مەسىلىلەرنىڭ بەزىلىرى بىزگە نىسبەتەن سەزگۈر مەسىلىلەر، يەنە بەزىلىرى خىتايغا نىسبەت سەزگۈر مەسىلىلەر. بىز كىشىلىك ھوقۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق مۈشكۈل مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدۇق. شۇنداقلا يەنە، ھەر ئىككىلا تەرەپ ئۆزى كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى قارشى تەرەپكە چۈشىنىشلىك بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويدى. بىز شىمالىي كورىيە، ئىران مەسىلىسىدىن تارتىپ، يەر شارى ئىقتىسادىنى تەڭشەشكە قەدەر بولغان قىيىن مەسىلىلەردە سەمىمىي مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق» دەيدۇ. كلىنتون خانىمنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ خىتاي بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىدە ئەڭ جىددىي مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان. «ھەر بىر مەسىلە ئوچۇق-ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ھېچقانداق مەسىلە يوشۇرۇپ قېلىنمىغان ۋە ياكى كۈنتەرتىپ سىرتىدا قالمىغان.»

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى تىم گېيتنىر ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتىگىيە-ئىقتىساد دىئالوگىغا قاتناشقان ئامېرىكا تەرەپ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن بىرى. ئۇ سەيشەنبە كۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئەسكەرتىپ، خىتاينى خەلق پۇلى كۇرسىنى ئۈستۈرۈشكە چاقىردى. گېيتنىر، ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادى مۇناسىۋىتى يېقىنقى 2 يىلدا ئىنتايىن مۇھىم ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، لېكىن «بىز خىتاينىڭ خەلق پۇلى پېرېۋوتىنى تېخىمۇ تېز ۋە تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك قويۇۋېتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ پىكىر خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى پۇل پاخاللىقىنى كونترول قىلىپ، سەرمايىنىڭ مۈلك بازىرىدىكى كرېدىتى ۋە شۇنداقلا ئىچكى ئىستېمالنى جانلاندۇرۇشقا ياردەم قىلىدۇ» دەپ كۆرسەتتى. سودا-ئىقتىساد ئامېرىكا-خىتاي دىئالوگىنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى ئەڭ مۇھىم تېما ۋە شۇنداقلا بۇ ئىككى تەرەپ دىئالوگدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىپ، نۇرغۇن كېلىشىم ئىمزالىغان ساھەدۇر. خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋاڭ چىشەن، سەيشەنبە كۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان ئېكسپورت كونترولىنى ئىسلاھ قىلىپ، «خىتايغا ئادىل مۇئامىلە قىلىشنى، يۇقىرى تېخنىكا ئېكسپورت كونتروللۇقىنى بوشىتىشقا ۋەدە قىلغانلىقى » نى بىلدۈردى.

خىتاي دۆلەت ئىشلار كومىسسارى دەي بىڭگو بولسا، تەرەپلەرنىڭ ئىستراتىگىيە-ئىقتىساد دىئالوگىنىڭ رامكىسى ئىچىدە ئىستراتېگىيە بىخەتەرلىك دىئالوگى ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، لېكىن تەرەپلەرنىڭ بەزى مەسىلىلەردىكى پىكىر ئىختىلاپى ھەل بولمىغانلىقىنى دەلىللىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:«مەن ئېيتقاندەك، بىزنىڭ سۆھبىتىمىز ناھايىتى ياخشى ئېلىپ بېرىلدى. لېكىن بۇ دېگەنلىك بىز ھەر بىر مەسىلە ۋە ھەر قانداق مەسىلىدە بىر-بىرىمىزگە قوشۇلدۇق دېگەنلىك ئەمەس. بىراق قانداقلا بولمىسۇن، ھەر قېتىملىق دىئالوگدىن كېيىن، بىزنىڭ بىر-بىرىمىزنى چۈشىنىشىمىز، بىر-بىرىمىزگە بولغان ئىشەنچىمىز ۋە ھەمكارلىقىمىز كۈچەيدى. بۇ بىزنىڭ كەلگۈسىدىكى كۆپ تەرەپلىمىلىك مۇناسىۋىتىمىزنى ئالغا سۈرۈشكە بولغان ئىشەنچىمىزنى ئاشۇردى.» لېكىن دەي بىڭگۇ يەنە ئەسكەرتىپ،«جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىش ۋەدىسىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقى ۋە شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ مەنپەئىتىگە چېقىلمايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى چارشەنبە ئېلان قىلغان مەزكۇر دىئالوگ توغرىسىدىكى باياناتىدا تەرەپلەرنىڭ ئەلقائىدە رەھبىرى ئوساما بىن لادېننىڭ يېقىندا پاكىستاندا ئۆلتۈرۈلگەنلىك ۋەقەسى ۋە بۇنىڭ يەر شارى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى تەسىرى ھەققىدە توختالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن تۈنۈگۈنكى خەۋەرلىرىدە، تىبەت مەسىلىسىنىڭ دىئالوگدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى تىبەت ۋەزىيىتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. لېكىن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغان-قويۇلمىغانلىقى، قويۇلغان بولسا قايسى مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى ھازىرغا قەدەر ئاشكارىلانمىدى. بىراق ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا تەرەپنىڭ دىئالوگدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئۇ ئالدىنقى كۈنى مۇخبىرىمىزغا ئەسكەرتىپ، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ دىئالوگ ھارپىسىدا ئۆزى بىلەن كۆرۈشۈپ پىكىر ئالغانلىقى ۋە دىئالوگدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقىغا ئىشەنچ بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تەۋسىيىسى بولسا، ئامېرىكىنىڭ دىئالوگدا ئۆلۈم جازاسى، ئىز دېرەكسىز غايىب بولغان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ يەر مۈلكىنىڭ مەجبۇرىي تارتىۋېلىنىپ، خىتايلارغا ئېلىپ بېرىلىش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلىشتۇر.

لېكىن بەزى ئانالىزچىلار، ئامېرىكا-خىتاي دىئالوگىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدە چوڭ ئۆزگىرىش پەيدا قىلالايدىغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، يۇقىرىقى مەسىلىلەرنىڭ پەقەت خىتاي دېموكراتىيىلەشكەندىلا ھەل بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئامېرىكىدىكى خىتاي زىيالىيسى جاڭ ۋېيگو ئەپەندى بۇ قاراشتىكى خىتاي زىيالىيسىدۇر. ئۇ «جۇڭگونىڭ دېموكراتىيىلىشىشى يۇقىرىقى مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولۇشىدىكى ئالدىنقى شەرتلەرنىڭ بىرى. بۇ شەرت ھازىرلانمىسا، سىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت قىلىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس. دالاي لاما بىلەن سۆزلىشىۋاتقىنىغا ئۇزۇن ۋاقىت بولدىغۇ. چۈنكى جۇڭگودا دېموكراتىيە يوق. نۇرغۇن نەرسىلەر ئوچۇق-ئاشكارا ئەمەس. ئۇلار سىزگە بۆلگۈنچى دېگەن بىر قالپاقنى كىيدۈرۈپ قويدى. بۇ ئەھۋالدا ئۇنىڭ بىلەن قانداق سۆزلەشكىلى بولىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت ئۇلارنىڭ ئون نەچچە يىلدىن بۇيان بەرگەن ۋەدىسىگە ئىشەندى. لېكىن ئۇ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلغىنى يوق. ئۇ دېموكراتىيىلەشمىسە، ئۇنىڭ بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھەر قانداق نەرسە يالغان. لېكىن ئۇ بەزىدە سىياسىي ئېھتىياجنى دەپ سەمىمىي بولۇۋالىدۇ. بىراق بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالدامچىلىقلا خالاس» دەپ كۆرسەتتى.

جاڭ ۋېيگو يەنە، ئىقتىسادى تەرەققىيات غەرب ئارزۇ قىلغاندەك جۇڭگوغا دېموكراتىيە ئېلىپ كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:«بۇ، نۆۋەتتىكى نەتىجىسىدىن قارىغاندا ئەكسىچە رول ئوينىغانلىقى مەلۇم. كومپارتىيە ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنى باشلىغاندا غەربتىكى بەزى سىياسىيونلار بازار ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ئارقىلىق جۇڭگونىڭ دېموكراتىيىلىشىشىنى ئالغا سۈرمەكچى بولغان. جۇڭگودا ئوتتۇرا تەبىقە سىنىپى تەرەققىي قىلسا، دېموكراتىيە كېلىدۇ، دەپ ئويلىغان ئىدى. بۇ قاراش بىر مەزگىل مودا بولغان. بىراق يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان كومپارتىيە غەربلىكلەرنىڭ بۇ قارىشىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىدى. كومپارتىيە ھازىر ئۇنىڭ تۈزۈمىدە مەسىلە بارلىقىنى رەت قىلىپلا قالماي، بۇ تۈزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى تۈزۈم دەيدىغان بولدى.»
لېكىن، ئامېرىكا ياردەمچى دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى مايك پوزنېرغا ئوخشاش يەنە بەزى سىياسەتچى ۋە ئانالىزچىلار، ئامېرىكا-خىتاي دىئالوگىنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى بار. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ تۈرلۈك دىئالوگلار خىتاينىڭ خەلقئارا سىستېمىغا قاتنىشىپ، ئۇنىڭ مەسئۇلىيەتكار بىر ئەزاسى بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، بۇ يەنە خىتايدىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە ئىلھام بېرىدۇ. تەرەپلەر ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيە، ئىقتىسادى دىئالوگى ئاخىرلاشقان كۈنى قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىپ، ئىستراتېگىيىلىك سۆھبەتنىڭ زور نەتىجىسىگە ئېرىشكەنلىكىنى، تەرەپلەرنىڭ ئىككى تەرەپلىمىلىك، رايون ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەردە 48 تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالىغانلىقىنى جاكارلىدى.