د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئىتالىيىدە بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى

ئىتالىيىدىكى «دۆلەت ھالقىغان رادىكال پارتىيە» دەپ ئاتالغان سىياسىي پارتىيىنىڭ 39-قېتىملىق قۇرۇلتىيى 2-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە ئىتالىيىنىڭ كانجىيانۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2011.02.21
marco-pannella-we-rabiye-20-fewral 2011-305.jpg رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئىتالىيە دۆلەت ھالقىغان رادىكال پارتىيە رەئىسى مارچو پانەللا ئەپەندى بىلەن بىللە. 2011-يىلى 20-فېۋرال.
RFA/Erkin Tarim
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئىتالىيىدە بىر قاتار مۇھىم پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى. ئۇ بۇ جەرياندا ئىتالىيىدىكى رادىكال پارتىيىنىڭ قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ، مۇھىم رەھبىرىي شەخسلەر بىلەن ئۇچراشتى.

بۇ قۇرۇلتايغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بىر قىسىم تەشكىلات رەھبەرلىرى، دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە ئىتالىيىنىڭ ئاممىۋى قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئەزالىرى قاتناشتى.

مەزكۇر قۇرۇلتايغا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى مەمەت توختى ئەپەندىلەر قاتناشتى.

قۇرۇلتايدا نۇقتىلىق ھالدا «قانداق قىلىپ زوراۋانلىققا تايانماي تۇرۇپ ھاكىم مۇتلەق دۆلەتلەرنىڭ تۈزۈمىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ؟»، «دېموكراتىيىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەك؟» دېگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.

رادىكال پارتىيىنىڭ قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىمۇ تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم مۇھىم سىياسىي رەھبەرلەر ۋە ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بارغان. بىز قۇرۇلتاي ھەققىدە مەمەت توختى ئەپەندى مەلۇمات بەردى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.