ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئىتالىيىدە بىر قاتار مۇھىم پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى. ئۇ بۇ جەرياندا ئىتالىيىدىكى رادىكال پارتىيىنىڭ قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ، مۇھىم رەھبىرىي شەخسلەر بىلەن ئۇچراشتى.
بۇ قۇرۇلتايغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بىر قىسىم تەشكىلات رەھبەرلىرى، دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە ئىتالىيىنىڭ ئاممىۋى قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئەزالىرى قاتناشتى.
مەزكۇر قۇرۇلتايغا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى مەمەت توختى ئەپەندىلەر قاتناشتى.
قۇرۇلتايدا نۇقتىلىق ھالدا «قانداق قىلىپ زوراۋانلىققا تايانماي تۇرۇپ ھاكىم مۇتلەق دۆلەتلەرنىڭ تۈزۈمىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ؟»، «دېموكراتىيىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەك؟» دېگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.
رادىكال پارتىيىنىڭ قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىمۇ تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم مۇھىم سىياسىي رەھبەرلەر ۋە ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بارغان. بىز قۇرۇلتاي ھەققىدە مەمەت توختى ئەپەندى مەلۇمات بەردى.
0:00 / 0:00