ئىتالىيە زورلۇقسىز رادىكاللار پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە قارار لايىھىسى ماقۇللانغان

ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ يول باشچىسى رابىيە قادىر خانىم، رەسمىي تەكلىپكە بىنائەن ئىتالىيە زورلۇقسىز رادىكاللار پارتىيىسىنىڭ چوڭ قۇرۇلتىيىغا قاتناشتى. بۇ قۇرۇلتايدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس قارار لايىھىسى ماقۇللانغان.

0:00 / 0:00

ماقۇللانغان قاراردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى قاتتىق ئېيىبلەنگەندىن باشقا، تۈرمىگە تاشلانغان ئۇيغۇرلارنى شۇنداقلا رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىككى ئوغلىنى دەرھال قويۇپ بېرىش تەلەپ قىلىنغان.

قاراردا يەنە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى داۋاملىق ھالدا ئىتالىيە ۋە ياۋروپا پارلامېنتلىرىدا كۈن تەرتىپكە ئەكىلىش تەلەپ قىلىنغان. بۇ لايىھە زورلۇقسىز رادىكاللار پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان بولۇپ، ئىتالىيە ۋە ياۋروپا پارلامېنتلىرىغا يوللىنىدىكەن. بۇ قارار پارلامېنتلاردا قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ رەسمىي تاشقى سىياسىتىگە ئايلىنىدىكەن.

مەزكۇر قاراردا يەنە نېمە مەزمۇنلار بار؟ رابىيە قادىر خانىم ئىتالىيىنىڭ پايتەختى رىمدا يەنە نېمە پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ؟ بۇ ھەقتە رابىيە خانىم ئۆز پائالىيەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.