ئىتتىپاق ' گېزىتى تەسىس قىلىنغانلىقى خاتىرىلەندى

قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاقىنىڭ قارمىقىدىكى "ئىتتىپاق" گېزىتى نۆۋەتتىكى قىرغىزىستاندا نەشر قىلىنىۋاتقان بىردىن - بىر ئۇيغۇر تىلىدىكى مەتبۇئات ئەپكەرىدۇر. مەزكۇر گېزىت 1994 ‏- يىلدىن بېرى نەشر قىلىنىپ كەلمەكتە.

0:00 / 0:00

ئىلگىرى قىرغىزىستاندا "ئىتتىپاق " گېزىتىدىن باشقا يەنە ئۇيغۇر تىلىدىكى گېزىتلەردىن "ۋىجدان ئاۋازى" گېزىتى بار ئىدى. لېكىن " ۋىجدان ئاۋازى" كېيىنچە نەشردىن توختاپ قالغان. "ئىتتىپاق" گېزىتى بولسا ھازىرغا قەدەر نەشر قىلىنىپ كەلمەكتە.

قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئالدىنقى كۈنى مەزكۇر گېزىت نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 15 يىللىقىنى خاتىرىلىگەن.