«ئىتتىپاق» نىڭ 7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى ئۆتكۈزۈلدى

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ 7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى 9-ئاپرېل كۈنى بىشكەك شەھىرىدىكى چېڭغىز ئايتىماتوۋ نامىدىكى تىياتىرخانىنىڭ چوڭ زالىدا تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

قۇرۇلتايغا بىشكەك شەھىرىدىكى ھەمدە ئوش، جالالئاباد، قارا بالتا، توقماق، قاراقول شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بولۇپ، 650 نەپەر كىشى قاتناشتى.

ئىتتىپاق جەمئىيىتى قىرغىزىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىردىن-بىر قانۇنىي تەشكىلاتى بولۇپ، بۇ تەشكىلات قۇرۇلغان 20 نەچچە يىلدىن بۇيان سىياسىي، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ ئۇيغۇر خەلقنىڭ مەدەنىي-مائارىپ، ئەدەبىيات-سەنئەت، سودا-سانائەت قاتارلىق بىر قاتار ساھەلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ئاساس سالغان تەشكىلات بولۇپ قالدى. جۈملىدىن قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداش مىللەتلەرگە تونۇشتۇرۇش، قىرغىزىستاندىكى مىللەتلەر ئارا ئىتتىپاقلىقنى راۋاجلاندۇرۇش، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتلىرىنى قوغداش، خەلقنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ دۆلەتتە ئىلىپ بېرىلىۋاتقان سىياسىي-ئىقتىسادى ئىسلاھاتلارغا باشقا مىللەتلەر بىلەن بىردەك قاتنىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆز رولىنى ئاكتىپلىق بىلەن جارى قىلدۇردى.

قۇرۇلتاي ئەتىگەن سائەت 10 دا باشلاندى. قۇرۇلتايغا تەييارلىق قىلىش ھەيئىتىنىڭ رەئىسى روزى مۇھەممەد ئابدۇلباقىيىف يىغىننىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. قىرغىزىستان دۆلەت گىمىنى ئورۇنلانغاندىن كېيىن، گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ئىچىدە د ئۇ ق نىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، ياۋروپا شەرقى تۈركىستان بىرلىكىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا قاتارلىق ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبەرلىرىنىڭ قۇرۇلتايغا يوللىغان تەبرىكنامىلىرى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

رابىيە خانىم ئۆز تەبرىكنامىسىدە «مۇھاجىرەتتىكى مىللىي داۋا سېپىمىزدە ھارماي كۈرەش قىلىۋاتقان ئوت يۈرەك ئىنقىلابچىلارغا، جۈملىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بارلىق رەھبەرلىرىگە ۋاكالىتەن قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئىتتىپاقى رەھبەرلىك ھەيئىتىگە، ئىتتىپاقنىڭ بارلىق ئەزالىرىغا شۇنداقلا قىرغىزىستاندا ياشاۋاتقان بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمغا بولغان چوڭقۇر سالىمىمنى ۋە ھۆرمىتىمنى ئىزھار قىلىمەن» دەپ يازغان.

قۇرۇلتايغا يەنە قىرغىزىستان پرېزىدېنت ئىشخانىسىنىڭ ئېتنىك گۇرۇپپىلار ۋە تارىخى يادىكارلىقلار بۆلۈمى باشلىقى ھەسەنقۇلۇف، قىرغىزىستان مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قاتارلىق ھۆكۈمەت ئەربابلىرى تەكلىپ بىلەن قاتناشتى ھەمدە قىرغىزىستان پرېزىدېنتى روزا ئوتۇنبايىۋا ۋە ھۆكۈمەت باشلىقى ئالماس ئاتامبايىف نامىدىن ئۇيغۇر خەلقىنى قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى ئىتتىپاق رەئىسى دىلمۇرات ۋە تەپتىش ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى ھىلالىدىننىڭ ھېسابات دوكلاتلىرىنى ئاڭلاپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئوچۇق ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى بىلەن ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ يېڭى رەھبەرلىك كوللېكتىپى سايلاپ چىقىلدى. ئارتىق ھاجىم ئابدىراخمانوف ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە، ئايبېك پولات باش تەپتىشلىككە سايلاندى. قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى يەنە 31 كىشىدىن تەركىب تاپقان مەركىزى كومىتېتنى ھەمدە 7 كىشىدىن تەركىب تاپقان ئاقساقاللار كېڭىشىنى سايلاپ بولغاندىن كېيىن، يىغىن رىياسەتچىسى روزى مۇھەممەت ھاجىم قۇرۇلتاينىڭ ئۆز ئالدىغا قويغان ۋەزىپىلىرىنى تاماملاپ غەلىبىلىك يېپىلغانلىقىنى جاكارلىدى.