كرىزىستىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇققا سەل قاراشقا بولمايدۇ

ئامېرىكىدىن باشلانغان پۇل - مۇئامىلە كرىزىسى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىغا ئوخشىمىغان دەرىجىدە سەلبىي تەسىرلەرنى كۆرسەتمەكتە. بۇ كرىزىسنىڭ قانچىلىك ۋاقىت داۋام قىلىدىغانلىقى ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا زادى قانچىلىك تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى نۆۋەتتە تالاش - تارتىش ئۈستىدىكى مەسىلە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻛﺎﻣﯩﻞ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ
2008.10.29
urumchi-olympik-terror-saqchi-305 ئۈرۈمچى خەلق مەيدانى ئەتراپىدىكى، ئولىمپىك مەشئەل ئۇزىتىش پائالىيىتى ئۈچۈن، خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قامال قىلىنغان كوچىلار. 2008-يىلى 17-ئىيۇن،
AFP Photo

بۇ ئىقتىسادى داۋالغۇشتىن قانداق قىلىپ ئەڭ ئاز زىيان بىلەن قۇتۇلۇپ چىقىش ۋە قانداق ئۇسۇل بىلەن ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش مەسىلىسى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرنىڭ ۋە كارخانا ئىگىلىرىنىڭ بېشىنى قاتۇرۇۋاتقان جىددىي مەسىلىلەرنىڭ يەنە بىرىدۇر.

كانادانىڭ ستاتىستىكا رەقەملىرىگە قارىغاندا،دۇنياۋى پۇل - مۇئامىلە كرىزىسى كانادا ئىختىسادىغىمۇ بەلگىلىك تەسىرلەر كۆرسەتكەن. كانادانىڭ تاشقى سودىسىدا، ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. كانادا ئىقتىسادى ئامېرىكا ئىقتىسادى بىلەن چەمبەرچەس باغلىنىدۇ. بۇ يىلنىڭ 3 - پەسىلدىكى كانادانىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىدا ياۋاشلاش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن بولۇپ، 4 - پەسىلدىكى ئىقتىسادى رەقەملەرنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا كانادا ئىقتىسادىدا مۇھىم ئورۇننى تۇتىدىغان نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە باشقا تەبىئىي بايلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ خەلقئارا بازاردىكى باھالىرى كۆرۈنەرلىك چۈشۈپلا قالماستىن، يەنە بۇ مەھسۇلاتلارغا بولغان خەلقئارالىق تەلەپمۇ ئازىيىشقا باشلىدى.

شۇڭا كانادا ئىقتىسادشۇناسلىرى ۋە سودا ساھەسىدىكىلەر دۇنياۋى كرىزىس بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقان نازۇك بىر مەزگىلدە، يېڭى سودا پۇرسەتلىرىنى يارىتىش ۋە سېلىنغان مەبلەغنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يىراق شەرقتىكى دۆلەتلەرگە نەزەر ئاغدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلماقتا. ئۇلار كۆزدە تۇتۇۋاتقان يىراق شەرقتىكى دۆلەتلەر ئىچىدە، 1 - ئورۇندا خىتاي تۇرىدىغان بولۇپ،ئىقتىسادى كرىزىستىن قۇتۇلۇش ئۇچۇن خىتاينى بىر پۇرسەت دەپ قارىماقتا.

سېتېپھېن ھارپېر رەھبەرلىكىدىكى كونسېرۋاتىپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى يىلدىن بۇيانقى، خىتاي بىلەن بولغان سىياسى مۇناسىۋەتلىرى بىر قەدەر سوغۇق بولغان بولسىمۇ،ئەمما ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى ئالاقىلىرى ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرى يەنىلا نورمال داۋام قىلىپ كەلگەنىدى.

كانادا مەتبۇئاتلىرىدىمۇ، كونسېرۋاتىپ پارتىيىسى ھۆكۈمىتىدىن خىتاي بىلەن بولغان سىياسى مۇناسىۋەتنى يېڭى باشتىن كۆزدىن كۆچۈرۈش ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەر خىل مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاشنى تەشەببۇس قىلىدىغان قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا، كانادانىڭ ھەر قايسى شىتاتلىرىمۇ خىتاي دائىرىلىرى بىلەن سودا مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت ئېلىپ بارماقتا. بۇ ھەپتىدە كانادادىكى ئەڭ چوڭ شىتات بولغان ئونتارىئو شىتاتىنىڭ رەھبەرلىرى سودا ۋەكىللىرىنى باشلاپ خىتاينى زىيارەت قىلغان بولسا، كېلەر ھەپتە كانادانىڭ 5 شىتاتىنىڭ شىتات باشلىقلىرى، سودا ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ، خىتاينى زىيارەت قىلىدىغانلىقى ۋە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان كانادا ‏ - خىتاي سودا يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

كرىزىستىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادى مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىشنى ھەددىدىن ئارتۇق تەكىتلەش، ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە سەل قاراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ - يوق؟

بۇ ھەقتە توختالغان لىبېرال پارتىيىسى پارلامېنت ئەزاسى ۋە بۇ پارتىيىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق باياناتچىسى ئىرۋىن كوتلەر، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مۇھىم ئەزاسى بولغان كانادانىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە سەل قارىيالمايدىغانلىقى تەكىتلەپ: نۆۋەتتە ئىنتايىن جىددىي بولۇۋاتقىنى خىتاي ھۆكۈمىتى دارفۇردىكى قىرغىنچىلىققا شېرىك بولماقتا. خىتاي دائىرىلىرى سۇداننىڭ نېفىتىنى سېتىۋالماقتا. سۇدان بولسا، نېفىتتىن كىرگەن بۇ كىرىم بىلەن خىتايدىن ھەربىي قورال - ياراق سېتىۋېلىپ، دارفۇردا قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارماقتا. مۇنداقچە ئېيتقاندا، خىتاي دائىرىلىرى ئۆز پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى ئېغىر دەپسەندە قىلىپلا قالماستىن، يەنە مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن، دىكتاتورلارنىڭ ئۆز خەلقىنى قىرىشىغا ياردەم بەرمەكتە. كانادا بۇ خىل ئەھۋاللارغا قاراپ تۇرماسلىقى شۇنداقلا بۇ جىنايەتلەرگە شېرىك بولماسلىقى كېرەك، دېدى. ئۇ سۆزىدە سۇداندا 4 نەپەر خىتاي نېفىت ئىشچىسىنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئۆلتۈرۈلگەنلىگىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئىرۋىن كوتلېرنىڭ بۇ قارىشى لىبېرال پارتىيىنىڭ خىتاي ھەققىدە، ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويغان بۇرۇنقى قاراشلىرى بىلەن بىر ئاز زىت كېلىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى لىبېرال، پارتىيىسى سېتېپھېن ھارپېر ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئاشكارا ئەيىبلەۋېرىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزمەكتە،دەپ ئەيىبلەپ كەلگەنىدى.

پائۇل مارتىن ھۆكۈمىتى دەۋرىدە كانادانىڭ ئەدىلىيە مىنىستىرى بولغان ئىرۋىن كوتلەر كانادا سودا ئۆمەكلىرىنىڭ خىتايدىكى بىر ۋەزىپىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ:

كانادادىن خىتايغا بارغان ھەر قانداق ئۆمەكلەرنىڭ ۋەزىپىسى، ئۇ يەردە يۈز بىرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە سىياسىي مەھبۇسلار بولۇپمۇ، كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنى قويۇۋېتىشنى تىلغا ئېلىش شۇنداقلا، خىتاينى فالۇنگۇڭچىلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زورلۇق - زوراۋانلىقلارنى توختىتىشقا ئۈندەش بولۇشى كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن، كانادانىڭ ئاساسىي قىممەت قارىشىدىن چەتنىگەنلىك ۋە ئۇنى دەپسەندە قىلغانلىق بولىدۇ،دېدى.

كانادا باش مىنىستىرى سېتېپھېن ھارپېرمۇ "گلوب ئاند مائىل" يەنى "يەرشارى پوچتىسى" گېزىتىنىڭ يېقىنقى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، كانادانىڭ خىتاي بىلەن بولغان يېڭى مۇناسىۋىتىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بىلەن سودىغا ئوخشاشلا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ۋە خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىلاردا كانادانىڭ ئاساسلىق قىممەت قارىشى بولغان دېموكراتىيە،كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇننىڭ مۇقەددەسلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.لېكىن سېتېپھېن ھارپېر يوقىرىقى گېزىتنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى.



پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.