ئەمما بۇ ئىقتىسادى كرىزىس ئۇيغۇرلارغا دۇنيادىكى باشقا خەلقلەردىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى بېسىم ئېلىپ كەلدى. گەرچە خىتاي دۆلەت ئىچىدىكى مەتبۇئاتلاردا ئۆزلىرىنىڭ دۇنياۋى ئىقتسادىي كرىزىسنىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچرىمىغانلىقىنى تەشۋىقات قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەت بۇنىڭ ئەكسىنى كۆرسەتمەكتە.
ب ب س نىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، گۇاڭجۇدا ئامېرىكىنىڭ ماتتېل ۋە دىسنىي قاتارلىق ئويۇنچۇق ماركىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇت يېقىندا 6 مىڭ ئىشچىسىنى ئىشتىن چىقارغان بولۇپ، شىركەت رەھبىرى بۇنى ئىقتىسادىي كرىزىس يۈزىدىن قىلغانلىقىنى دېگەن. خىتايدا پەقەت ئويۇنچۇق ئىشلەپچىقىرىغان چوڭ - كىچىك زاۋۇتتىنلا 3 مىڭ 631 ئى بار بولۇپ، شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇلارنىڭ 7.52 پىرسەنتى2008 - يىلىنىڭ ئالدىنقى 7 ئېيىدىلا ئۆزلىرىنىڭ گۇمران بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ب ب س دا چىققان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا ، يېزىلاردىن چوڭ شەھەرلەرگە ئىشلىگىلى كەلگەن ئىشلەمچىلەر ئىشسىز قالغانلىقتىن تۈركۈم - تۈركۈملەپ ئۆيلىرىگە قايتىۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ سودا - سانائەت مەركىزى بولغان گۇاڭجۇنىڭ قاتناش بىكىتىدە ھەر كۈنى ئون مىڭلارچە كىشى يۇرتلىرىغا قايتىۋاتقان ئىكەن. بەزى ئىقتسادشۇناسلار ، خىتايدا 130 مىليون يېزىلىق پەسىللىك ئىشچىلەمچىلەرنىڭ شەھەرلەرگە ئىش ئىزدەپ كېلىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ رەسمىي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يۈزدە 4 پىرسەنتلىك ئىشسزلىق نىسپىتىنىڭ ئىچىدە يەر ئالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
ئۇيغۇر دىيارى خىتايدا ئىشسىز قالغان پەسىللىك ئىشچىلەمچىلەرنىڭ ئېقىپ كېلىدىغان ۋە ئۆزلىرىگە ئىش ئىزدەيدىغان ئۈمىد دەرۋازىسى بولۇپ قالغان. ئىشسىز قالغان پەسىللىك ئىشچىلەمچىلەر ھازىر تۈركۈم - تۈركۈملەپ ئۇيغۇر دىيارىغا ئېقىن قىلىۋاتقان بولۇپ باھار پەسلىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسى بۇ ئاققۇن ئىشچىلار بىلەن تولۇپ تېشىپ كەتكەن ئىكەن.
خىتاي مەتبۇئاتلىرى بۇ يىل خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر دىيارىغا كەلمەكچى بولۇۋاتقان ئاققۇنلارنىڭ بىر مىليون 600 مىڭدىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. خەۋەرلەردە دىيىشىچە ، ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك ۋە پاراۋانلىق نازارىتى ھەر قايسى پويىز ئىستانسىسى ، ئاپتوبۇس بېكەتلىرى ۋە شەھەرلەردىكى نۇقتىلىق ئەمگەك مۇلازىمەت مەركەزلىرىدە مەخسۇس ئۇچۇر ۋە مەسلىھەت بېرىش پونكىتلىرىنى قۇرۇپ ئىېقىپ كەلگەن خىتاي ئىشسزلىرىنى ساقلاتماستىنلا تۈرلۈك ساھەلەردە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقان ئىكەن. ھەتتا ئۇلارنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈنمۇ بىر قاتار تەدبىر ۋە قانۇنلارنى يولغا قويغان ئىكەن. ئەمما ئۇيغۇر ئىشسىزلارنىڭ دەردىگە يېتىدىغان بىرمۇ ئادەم يوق بولۇپ، بۇ خىل سۆزلەر ھېچكىمنىڭ قۇلىقىغا خوشياقمايدىكەن.
بۇ ھەقتە تېخى يېقىندىلا چەتئەلگە چىققان ئالىيە ئىسىملىك قىز زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. بىز ئۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر دىياردىكى ياشلارنىڭ ئىشسزلىق ئەھۋالى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئالىيە ئۆزىنىڭ ئۇيەردە ئۇنىۋېرسىتېتنى ئەلا نەتىجە پۈتتۈرگەنلىكى، خەنزۇ تىلى ۋە ئىنگىلىز تىلىنى بىلگەنلىكىگە قارىماي ئىش تاپالمىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ يەنە ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن ئىشسىز قالىدىغانلىقىنى، ئەمما خىتايدىن كەلگەنلەرنىڭ بولسا ئىختىساسلىق خادىم سۈپىتىدە دەرھال ئىشقا ئېلىنىدىغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى.
ئالىيە قىزلارنى ئىچكىرىگە يۆتكەش مەسىلسى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا ئېچىلمىغان ساھەلەرنىڭ ئىنتايىن كۆپلۈكىنى، ئۇيغۇر ياشلىرى ئىچكىرىگە بارمىسىمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىمۇ ئىشلىيەلەيدىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭغا يول قويۇلمايۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ يەنە ، ھازىر خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىغا قارىتىلغان ئىدىيە ئۆزگەرتىش تەربىيىسىنىڭ قاتتىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، بۇندىن كېيىن ئىچكىرىدىن كېلىۋاتقان خىتايلارغا قارشىلىق قىلىش ئىدىيىسىدە بولىدىغان ياشلارنى باستۇرىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.
قەدىرلىك ئوقۇرمەنلەر، سلەر يۇقىرىدا ئاڭلىغان ئىنكاسلار خىتايدا ئىقتسادىي كرىزىسنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەسسىلەپ ئېغىر زىيانلارنى تۇغدۇرۇۋاتقانلىقى ۋە ئۇيغۇر ياشلىرىنى ھاڭغا قىستاۋاتقانلىقىغا دەلىل بولۇپ تۇرماقتا. ئۇيغۇر ياشىلىرى بۇ كرىزىستىن ئۆزىنى قانداق قۇتۇلدۇرىدۇ؟ ئۇيغۇرلاردىكى كۈنسايىن كۆپىيىۋاتقان ئىشسىزلىقنىڭ ۋە ياشلار ئۇچراۋاتقان بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئاخىرى نىمە بوپ كېتەر؟ بۇلار ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ باش قاتۇرىدىغان ۋە جاۋاب تېپىشى تەس بولغان مەسىلە بولماقتا.