'بىز ئۇلارنى ئىزدەشكىمۇ پىتىنالمايمىز'

مەركىزى نيۇيوركتىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5" - ئىيۇل ۋەقەسى" ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ۋەقەدە ئىز ‏ - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىز ‏ - دېرىكىنى ئېلىشقا چاقىردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009.10.21
Kishilik-hoquqni-kuzitish-teshkilati-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻫﻮﻗﯘﻗﻨﻰ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﺶ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ 'ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﺷﻜﯩﻤﯘ ﭘﯩﺘﯩﻨﺎﻟﻤﺎﻳﻤﯩﺰ: ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﻼﺭﺩﺍ ﺗﯘﺗﯘﻟﯘﭖ ﺋﯩﺰ - ﺩﯦﺮﻩﻛﺴﯩﺰ ﻳﻮﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻼﺭ' ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺩﻭﻛﻼﺗﻰ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺏ ﺏ ﺱ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
news.bbc.co.uk ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

دوكلاتتا ۋەقەدە ئىز ‏- دېرەكسىز يوقاپ كېتىپ ئۆزلىرىگە مەلۇم بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى دېڭىز ئاستىدىكى سۈ ئۈستىگە چىقىپ قالغان كىچىككىنە بىر پارچىسىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
'5‏ - ئىيۇل ۋەقەسىدە ئىز ‏- دېرەكسىز يوقاغانلاردىن بىزگە مەلۇم بولغانلار كۆرۈنگەن تاغنىڭ كىچىككىنە بىر قىسىمى'
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى سەيشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5"‏ - ئىيۇل ۋەقەسى"دە خىتاي قوراللىق قىسىملىرى تۇتۇپ كېتىپ، ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى ۋەقەدە قولغا ئېلىنغان بارلىق تۇتقۇنلارنىڭ سانىنى ئېلان قىلىش، 5‏ - ئىيۇلدىكى ۋەقە ئۈستىدىن مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا يول قويۇشقا چاقىردى.

44 بەتلىك، "بىز ئۇلارنى ئىزدەشكىمۇ پىتىنالمايمىز: شىنجاڭدىكى نارازىلىقلاردا تۇتۇلۇپ ئىز - دېرەكسىز يوقالغانلار" دېگەن ماۋزۇدىكى مەزكۇر دوكلات خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى 5"‏ - ئىيۇل ۋەقەسى" ھەققىدە ئېلان قىلغان تۇنجى دوكلاتىدۇر. دوكلاتتا خىتاي قوراللىق قىسىملىرى تۇتۇپ كېتىپ، ئىز ‏ - دېرەكسىز يوقالغان ئۇيغۇرلاردىن 43 كىشىنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلىغانلىقىنى، لېكىن بۇ سان كۆرۈنگەن تاغنىڭ كىچىككىنە بىر قىسىمىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
 
دوكلاتتا، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى برەد ئادامسنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېگەن": بىز ئېنىقلاپ رەسمىيلەشتۈرگەن بۇ كىشىلەر، دېڭىز ئاستىدىكى مۇز تاغنىڭ سۇ ئۈستىدە چىقىپ قالغان كىچىكىنە بىر پارچىسىدىن ئىبارەتتۇر."

خىتاي ھۆكۈمىتى 5 ‏- ئىيۇلدىكى ۋەقەدە 197 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپ قىسىمى خىتايلارنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى، قولغا ئېلىنغانلارنىڭ 1700 گە يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى يېقىندا ئېلىپ بارغان ئىككى نۆۋەتلىك سوتتا ۋەقەگە چېتىلىپ سوتلانغان ئۇيغۇرلاردىن 12 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىككىسىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا بۇيرۇغان ئىدى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بولسا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ سوتنى "سىياسىيلاشتۇرۇپ"، خەلقئارا ئەدلىيە ئۆلچىمىگە پىسەنت قىلمىغانلىقىنى تەنقىدلىگەن ئىدى.
 
5" ئىيۇل ۋەقەسى"نىڭ باش - ئاخىرىدا زادى قانچىلىك ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى ئىزچىل تالاش ‏ - تارتىشتىكى مەسىلە بولۇپ كەلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەقە جەريانى ۋە ۋەقەدىن كېيىنكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدە قولغا ئېلىنىپ ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ سانى بولسا ئاز دېگەندە 10 مىڭغا يېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىز - دېرەكسىز يوقالغان ئۇيغۇرلارغا دىققەت قىلىشقا باشلىغانلىقىنىڭ سىگنالى ۋە بۇ جەھەتتىكى تۇنجى قەدەم بولۇپ، دوكلاتنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دوكلاتتا يەنە، خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ 5" - ئىيۇل ۋەقەسى" يۈز بېرىپ، ئەتىسى ۋە ئۆگۈنى دۆڭكۆۋرۈك ۋە بەيگە مەيدانىدىكى ئۇيغۇر مەھەلىلىرىدە ئېلىپ بارغان تازىلاش ھەرىكىتىگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىپ، خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ بۇ ئىككى رايوندىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنى كوچىغا ھەيدەپ چىقىپ، كىيىم ‏ - كېچەكلىرىنى سالدۇرغانلىقىنى، بەدىنىدە يارا ياكى كۆيۈك ئىزى بار - يوقلۇقىنى تەكشۈرگەنلىكىنى، 12 ياش بىلەن 45 ياش ئارىلىقىدىكى ئەركەكلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بەزى گۇۋاھچىلار ئىلگىرى رادىئومىزغا خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ 5‏ - ئىيۇلدىكى ۋەقەدە ئۇيغۇر نامايىشچىلارغا خىمىيەلىك كۆيدۈرگۈچ بومبا ئاتقانلىقىنى، خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ بۇ بومبا پەيدا قىلغان كۆيۈك ئىزىغا ئاساسەن ئادەم تۇتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن بۇ مەلۇمات تەرەپسىز مەنبەلەرنىڭ ئىسپاتلىشىغا ئېرىشەلمىگەن ئىدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دوكلاتتا، خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ بەيگە مەيدانىدىكى ئاھالىلەرنى كوچىغا ھەيدەپ چىقىپ، نېمە ئۈچۈن بەدەندىكى كۆيۈك ئىزىنى تەكشۈرگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرمىگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىكى دىلشات رىشىت بولسا، خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاي دائىرىلىرىگە رايوندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا رۇخسەت قىلىش توغرىسىدا بېسىم ئىشلىتىشكە يەنە بىر قېتىم چاقىردى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دوكلاتتا، تۇتقۇنغا ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتىنىڭ ‏ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى ئىزدەش ئۇرۇنۇشى بىكارغا كەتكەنلىكىنى، ساقچى ۋە ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ ئادەم تۇتقانلىقىنى رەت قىلغان ھەمدە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ ئىز ‏- دېرىكىنى ئېلىشقا كەلگەن ئائىلە تاۋاباتلارنى قوغلاپ چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى برەد ئادامس خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ئەيىبلىگەن. ئۇ، "خىتاي ھەر بىر كىشى ئائىلە تاۋاباتى ۋە ئادۋوكاتى بىلەن ئالاقىلىشالايدىغان رەسمىي تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىنى ئىشلىتىشى كېرەك. كىشىلەر ئىز ‏ - دېرەكسىز يوقاپ كېتىدىغان بۇ ھادىسە يەر شارىغا يىتەكچىلىك قىلىشنى قوغلىشىدىغان دۆلەتلەرنىڭ خاراكتېرى ئەمەس،" دەيدۇ.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دوكلاتتا، خىتاي دائىلىرىنىڭ ئىز ‏- دېرەكسىز يوقۇتىۋىتىشنى توختىتىپ، جازاغا تارتىلمىغان تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشىنى، تۇتقۇندىكى ھەر بىر ئادەمنىڭ ھېسابىنى بېرىشىنى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىتەكچىلىكىدىكى خەلقئارا تەكشۈرۈشكە رۇخسەت قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى برەد ئادامس ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە خىتاينىڭ شېرىكلىرىنى شىنجاڭدا ئىز ‏- دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ نېمە بولغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە چاقىرىپ، "ئۇلار سودا مۇناسىۋىتى ياكى سىياسىي ئامىللارنى دەپ خىتايغا بۇ خىل قورقۇنچلۇق قىلمىش سادىر قىلغان باشقا دۆلەتلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىسىدىن پەرقلىق پوزىتسىيە تۇتماسلىقى كېرەك،" دېگەن.
 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.