نورۋېگىيە سابىق پارلامېنت ئەزاسى: شەرقىي تۈركىستان ھامان بىر كۈنى مۇستەقىل بولىدۇ
2011.10.26
ئۇ پائالىيەت جەريانىدا سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان ئىدى. جان سىمونسەن ئەپەندى نۇتقىنى مۇنداق باشلىدى:
بۇ يەردە ئولتۇرغان نورۋېگ مېھمانلارنىڭ كۆپلىرى بەلكىم شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە بىلمەسلىكى مۇمكىن. مەن بۈگۈنكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت پائالىيىتىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە بەزى مۇھىم نۇقتىلارنى سۆزلىمەكچىمەن. مەن ئۇنىۋېرسىتېتتا تارىخ ئوقۇدۇم، 16 يىل نورۋېگىيە پارلامېنتىدا، تۆت يىل ياۋروپا كېڭىشىدە ئىشلىدىم. تاكى مەن نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى بىلەن تاسادىپىي بىر پۇرسەتتە ئۇچۇرۇشۇپ قالغانغا قەدەر شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھەققىدە ھېچ نەرسە ئاڭلاپ باقمىغان ئىدىم. ئەلۋەتتە نورۋېگلار تىبەتلەر ۋە تىبەتلەرنىڭ ۋەتىنىنى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ بېسىۋالغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ. تىبەتلەرنىڭ ئۆز ھەق-ھوقۇقى ۋە دىنىي ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئانا ۋەتىنىنى خىتايلاردىن قايتۇرۇپ ئېلىش ئارزۇسىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدۇ. لېكىن، 1949-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇلارنىڭ مۇستەقىل دۆلىتى بار ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. ئۇ چاغدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رايون نوپۇسىنىڭ 90 پىرسەنتنى ئىگىلىگەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەركىزى ئاسىيادىكى ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىدىغان يەرلىك ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ بىلمەيدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى شەرق بىلەن غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزئارا قوشۇلۇشىدىن شەكىللەنگەن مەدەنىيەت بولۇپ، مۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى سودا يولى بولغان يىپەك يولى چېگراسىغا جايلاشقانلىقىدىندۇر.
لېكىن ھازىر شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەھۋالى تامامەن باشقىچە بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ بىر ئاپتونوم رايونىغا ئايلىنىپ قالغان، خىتايچە «شىنجاڭ» دېگەن نام بىلەن ئاتىلىدۇ.
نۆۋەتتە شەھەرلەر، يېزا-قىشلاقلاردا خىتايلار يەر ۋە ئىش ئورۇنلىرىنى ئىگىلەپ بولغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئاساسەن ئىشسىز، يەرسىز قالماقتا. ئۇيغۇرچە ئوقۇتۇش مەكتەپلەردە ئەمەلدىن قېلىۋاتقان بولۇپ ھەتتا تارىخ ۋە ماتېماتىكا پەنلىرىمۇ خىتايچە ئوقۇتۇلماقتا.
ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مۇسۇلمان خەلقتۇر، مۇشۇ سەۋەبتىن 18 ياشتىن تۆۋەن ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ مەسچىتكە كىرىپ ئىبادەت قىلىشى چەكلەنگەن، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەيدىغان چوڭ ياشتىكى كىشىلەر ناۋادا مەسچىتكە كىرىپ ناماز ئوقۇسا ئۇلار خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.
قەشقەر شەھرى شەرقىي تۈركىستاندىكى قەدىمى تارىخى شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، خىتايلار بۇ يەردە يەر تەۋرەشكە چىداملىق بولغان زامانىۋى بىنالارنى سېلىشنى باھانە قىلىپ قەشقەر قەدىمى شەھىرىنى چېقىشنى باشلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق قىلىشىنىڭ تۈپ مەقسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يەردىكى تارىخى، ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ۋە ئىزىنى يوقىتىشتىن ئىبارەت، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى چوڭ سىياسىي پىلانى ئۇيغۇرلارنى ئانا ماكانىدىن مەھرۇم قالدۇرۇش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، ئۇلارنىڭ ئەنئەنىسىنى، تارىخى، كىملىكىنى تامامەن يوق قىلىشتىن ئىبارەت.
نۆۋەتتە يېزا-قىشلاقلاردىكى پەقەتلا خىتايچە بىلمەيدىغان تېخى توي قىلمىغان ياش قىزلار خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە بېرىپ ئىشلەشكە مەجبۇرلانماقتا. 2009-يىلى خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىگە ئىشلەمچىلىككە ئېلىپ بېرىلغان بىگۇناھ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بىر قىسمى خىتاي ئىشچىلىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ۋە يارىلاندۇرۇلغان ئىدى. شۇ يىلى 5-ئىيۇل شەرقىي تۈركىستانىڭ پايتەختى ئۈرۈمچىدە ياش ئوقۇغۇچىلار خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ قىزىل بايرىقىنى كۆتۈرۈپ تىنچلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەتتىن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە ئۆلۈپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى سورىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارغا بېرىلگەن جاۋاب، ئوققا تۇتۇلۇش، تۈرمىلەرگە تاشلىنىش، ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىش بولغان.
10 مىڭلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇر بۇ ۋەقەدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. بۇ ھەقتىكى ئېنىق سانلىق مەلۇماتلارنى ئىنسان ھەقلىرى ئورگانلىرى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تەمىنلىگەن. بۇ ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ئىنتېرنېت ۋە تېلېفونلارنى تاقالغان، تا ھازىرغىچە بارلىق ئاخبارات ئورگانلىرىدا بۇ قانلىق ۋەقەنىڭ ھېقىقى سەۋەبىنى سۆزلەش قاتتىق چەكلىنىۋاتىدۇ چۈنكى ئۇ يەردە ئاخبارات ئەركىنلىكى يوق. مانا بۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى قىيىن ئەھۋالى.
ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر بىر رەھبىرى بار بولۇپ، ئىسمى رابىيە قادىر. ئۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسىدۇر، ئۇ كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن سۆزلىگەنلىكى، ئۆز خەلقى ئۈچۈن تىنماي خىزمەت قىلغانلىقى سەۋەبىدىن خىتاي تۈرمىلىرىدە ياتقان ۋە 2005-يىلى 3-ئايدا خىتاي تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن بولۇپ، ھازىر ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا يەنىلا ئۆز مىللىتىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى ۋە ئەركىنلىكى ئۈچۈن زوراۋانسىز ئۇسۇل بىلەن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. ئۇ نورۋېگىيە رافتو جەمئىيىتى تەرىپىدىن رافتو كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن سىرت، يەنە تۆت قېتىم نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، رابىيە قادىر خانىم ئەڭ كۈچلۈك كاندىداتلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.
سابىق پارلامېنت ئەزاسى جان سىمونسەن ئاخىردا مۇنداق دېدى: كىم ئويلىغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىنى، كىم ئويلىغان بالتىق بويىدىكى ئۈچ كىچىك دۆلەتنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىغا چۈشۈپ قېلىشىنى ۋە 1989-يىلى يەنە ئۇلاردىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بۆلىشىنى، يەنە كىم ئويلىغان بېرلىن تېمىنىڭ ئۆرۈلۈشىنى؟ مانا بۇنداق تاسادىپىي يۈز بېرىدىغان تارىخىي ۋەقەلەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىر كۈنى مۇستەقىل بولۇشىغا ئۈمىد ئېلىپ كېلىدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىش كېرەككى ئىقتىسادى جەھەتتىكى يۈكسىلىش خىتاينىڭ مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئاساسى بولالمايدۇ. مەن بۇ يەردە ئولتۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر دوستلىرىمغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھامان بىر كۈنى مۇستەقىل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىشىنى، ئۈمىدىنى ھەرگىز يوقاتماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
جان سىمونسەن ئەپەندىنىڭ نۇتقى قىزغىن ئالقىشلارغا ئېرىشىپ، نورۋېگ مېھمانلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنىڭ ئېشىشىغا زور تۈرتكە بولدى.