خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە تەيىنلىگەن پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەننىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي قانۇن ساھەسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش پىكرى، شىنجاڭ گېزىتى، تەڭرىتاغ تورى قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاساسلىق ئورگان گېزىتى ۋە باشقا ئاخباراتلىرىدا دۈشەنبىدىكى باش ماقالە سۈپىتىدە ئېلان قىلىندى.
بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، جاڭ چۈنشيەن قانداقتۇر پۇقرالارنىڭ ئۆز ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قانۇن ئارقىلىق قوغداشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، قانۇنىي كاپالىتى قانۇنىي مۇلازىمەت مۇھىتىنى مۇكەممەشتۈرۈش ھەققىدە ئەمەس، يەنىلا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارغا قانداق زەربە بېرىشتە سىياسىي قانۇن ساھەسىنىڭ قانداق تاقابىل تۇرۇشى زۆرۈر ئىكەنلىكى ھەققىدە بەكرەك توختالغان. ئۇ «شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا قانۇن ئەڭ مۇھىم ئاساس. شۇنىڭ ئۈچۈن، قانۇنچىلىق تەربىيىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پۈتۈن جەمئىيەت قانۇنغا بويسۇنىدىغان، قانۇن بويىچە ئىش كۆرىدىغان ياخشى ۋەزىيەتتە يارىتىپ ھەر مىللەت كادىر، ئاممىنىڭ دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى ۋە قانۇنىي ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇننىڭ ئەمەلىيلىشىشى، ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە ئەۋزەل سىياسىي قانۇن مۇھىتى يارىتىش كېرەك» دېگەن.
گەرچە، جاڭ چۈنشيەن ئۇيغۇر ئېلىدە يىللاردىن بۇيان ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتقان «مۇقىملىق» دېگەن ئاتالغۇنىڭ ئورنىغا سەل سىلىقلاشتۇرۇلغان «ئۇزاق ئەمىنلىك » دېگەن ئاتالغۇنى ئالماشتۇرۇپ قوللانغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ مەزمۇنى ئوخشاش يەنى ئۈچ خىل كۈچلەرنى قاتتىق باستۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش، ئەمما جاڭ چۈنشيەننىڭ بايانلىرىدىن ئۇنىڭ ئۇزاق ئەمىنلىك ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارىدىغان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ تاكتىكا جەھەتتە يەنىمۇ ئىنچىكە ۋە سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە.
ئۇ يەنە سىياسىي قانۇن خىزمىتىنىڭ ئاساسىي نىشانى ھەققىدە نۇقتىلىق ھالدا ئايرىم توختالغان بولۇپ، مۇقىملىق شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە شۇنداقلا ئۇزاق ئەمىنلىك ۋە ھالقىما تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى. شۇڭا سىياسىي قانۇن ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى ۋەزىپىسى كوممۇنىستىك پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ھەققىدە ئالغان قارارلىرىنى شەرتسىز تولۇق ئىجرا قىلىش، ئىككى قولدا چىڭ تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇش پرىنسىپى بويىچە ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارىتا قاتتىق باستۇرۇشنى بوشاشتۇرماي، باشلامچىلىرىنى، جاھىل كۈچلەرنى يالغۇز قالدۇرۇپ قاتتىق زەربە بېرىپ، كۆپ ساندىكىلىرىنى تەربىيىلەپ ئۆزگەرتىشكە ئوخشاش تاكتىكىلىق تېخىمۇ سىستېمىلىق ئۇسۇللار بىلەن باستۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىش كېرەك. بۇ ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئۇزاق ئەمىنلىك ۋە ھالقىما تەرەققىياتىغا ئاساس يارىتىشىمىز زۆرۈر» دەپ قاتتىق تەكىتلىگەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاساسىي قاتلاملارغىچە ئەۋزەل بولغان سىياسىي قانۇن مۇھىتى يارىتىش ئۈچۈن قاتلاممۇ-قاتلام ساھەلەر بويىچە مۇقىملىق ئاساسى يارىتىشنى تەلەپ قىلغان.
بۇنىڭدىن بىر ئاي ئىلگىرى ئېچىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سىياسىي قانۇن خىزمەت يىغىنىدا ئوخشاشلا ئۇيغۇر ئېلىدە 2012-يىلىدىكى سىياسىي قانۇن خىزمىتىنىڭ نىشانى ئېنىق كۆرسىتىلىپ،سىياسىي قانۇن ئورگانلىرىنىڭ ۋەزىپىلىرى بەلگىلەنگەن ئىدى، يىغىن دوكلاتىدا «شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدىن ئىبارەت ۋەزىپىلىرىنى چۆرىدىگەن ئاساستا، چوڭ كۆلەملىك سىياسىي خاراكتېرلىك ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قانۇنسىز يىغىلىشلارغا يول قويماسلىق، چوڭ كۆلەمدىكى توپلىشىپ زوراۋانلىق قىلىش ھەرىكەتلىرىگە يول قويماسلىق، قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرنى چەكلەشنى تېخىمۇ كۈچەيتىش، قانۇنسىز تەشۋىقات قىلمىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك» دەپ ئاشكارا كۆرسەتكەن ئىدى.
جاڭ چۈنشەننىڭ سىياسىي قانۇن مۇھىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش تەلىپىنى قايتا تەكىتلىشىنى، بەزى ئۇيغۇر كۆزەتچىلەر تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە بىر دەۋر سىستېمىلىق قاتتىق باستۇرۇشنىڭ باشلانغانلىقىنىڭ بېشارىتى دەپ مۇلاھىزە قىلماقتا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ ھەقتە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ «بۇ پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ۋە كۆچمەنلىرىنىڭ مەنپەئىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلاردا نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆتۈرۈلۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا يەنىمۇ قاتتىق ۋە سىستېمىلىق تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، ئەگەر خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە ئەۋزەل ۋە خەلققە پايدىلىق سىياسىي قانۇن مۇھىتى يارىتىمەن دەيدىكەن، ئالدى بىلەن ئۆزى ئېلان قىلغان مىللىي ئاپتونومىيە قانۇنىنى ئىجرا قىلغان بولاتتى، ئەمما ئەمەلىيەت شۇكى، ئۇنى ئىجرا قىلىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقلاردىنمۇ مەھرۇم قالدۇرۇپ، ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىنىمۇ دەپسەندە قىلماقتا» دېدى.