سوتتىن كېيىن شىۋېتسىيە رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغان جاسۇس گۇماندارىنىڭ باش ئەيىبلىگۈچىسى توماس لىندستراند ئەيىبلىنىشنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "ئۇ چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ شەخسىي ھاياتىغا، سالامەتلىكىگە، سىياسى پاناھلىق تىلەش ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلارنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر خىل سىياسى پائالىيەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى، بولۇپمۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن قويۇق ئالاقىسى بار ئون نەچچە ئادەمنىڭ ئەھۋاللىرىنى، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى بىلىشنى خالىغان ھەرقانداق ئەھۋاللارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىۋېتسىيىدە دىپلومات ۋە مۇخبىرلىق سالاھىتى بىلەن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي جاسۇسلۇق ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن."
ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: "خىتاي ئىشپىيونلۇق ئورگانلىرىغا ماتېرىيالى تاپشۇرۇپ بېرىلگەن بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم ئادەملىرى بولسا، يەنە بىر قىسمى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تېررورىست ئېلان قىلىنغان كىشىلەردۇر. ئەگەر ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى يەنە مۇشۇنداق ئۇزۇن داۋاملاشسا ياكى بىر سىستېمىغا ئايلىنىپ قالسا، ماتېرىيالى خىتاي جاسۇسلۇق ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن كىشىلەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ياكى تۇغقانلىرىغا ئېغىر زىيان - زەخمەت يېتىشى مۇمكىن. كىم بىلىدۇ، بۇ چاققىچە قانچىلىك ئىنسان بۇ ئىشنىڭ زىيىنىغا ئۇچراپ بولدى."
شىۋېتسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ تارقاتقان بىر خەۋىرىدە ئەيىبلىگۈچىنىڭ سۆزى نەقىل قىلىنىپ مۇنداق يېزىلىدۇ: "ئىشپىيون گۇماندارى خىتاي ئىشپىيونلۇق ئورگانلىرىغا ماتېرىيال يوللاشتا مەخپىي تۇتۇش، ئالداش قاتارلىق كىلاسسىك ئىشپىيونلۇق ۋاسىتىلىرىنى قوللانغان بولۇپ، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا كوچا تېلېفونلىرىدا تېلېفون قىلغان، زۆرۈر تېپىلغاندا بەلگىلەنگەن ئورۇنلاردا مەخپىي ئۇچراشقان. ئۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن يالغاندىن ئۇيغۇر دەۋاسىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان قىياپەتكە كىرىۋالغان."
شىۋېتسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ تارقاتقان بۇ خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلىدۇ: "ئىشپىيون گۇماندارى خىتاي ئىشپىيونلۇق ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرىغا يەتكۈزگەن ماتېرىياللىرى ئۈچۈن داۋاملىق ھەق ئېلىپ تۇرغان، ساقچىلار ئۇنىڭ ئۆيىنى ئاختۇرغاندا ئۇنىڭ چاپىنىنىڭ يانچۇقىدىن 110 مىڭ كرون شىۋېتسىيە پۇلى چىققان. شىۋېتسىيە قانۇنى بويىچە بۇخىل قانۇنسىز ئاخبارات يەتكۈزۈش جىنايىتى بېكىتىلسە ئەڭ كۆپ بولغاندا 4 يىل تۈرمە جازاسى بېرىلىدۇ. بىراق، ئىشپىيون گۇماندارى ھازىرچە جىنايىتىگە ئىقرار بولمىغانلىقى ئۈچۈن 1 - ئايدا يەنە سوت ئېچىلىدۇ."
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.