فرانسىيە ئاۋازى رادىئوسىنىڭ 5-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، فرانسىيە ئازادلىق گېزىتىنىڭ بېيجىڭدىكى دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇخبىرى گراندە ئەپەندى «بېيجىڭنىڭ دۆلەتكە ئاسىيلىق قىلغان جاسۇسلىرى خىتاينىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىن چىقتى» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلغان. ماقالىدە چەتئەلگە سېتىلىپ، خىتايغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئاخباراتلارنى ئوغرىلىغان سەككىز نەپەر يۇقىرى قاتلامدىكى خىتاي ئەمەلدارلىرى توغرىلىق مەلۇمات بەرگەن. بېيجىڭدىكى بۇ خىتاي جاسۇسلارنىڭ بىرى ئامېرىكىغا قېچىپ كەتكەن. قالغان يەتتە نەپىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن ياكى يۈزىنىڭ تۆكۈلۈپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن باشقا جىنايەتلەر بىلەن مەخپىي جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى ئۆزى ئوغرىلىغان مەخپىيەتلىكنى بىر يۇمشاق دېتال ئۈسكۈنىسىگە كۆچۈرۈپ، ئۇنى ئاسان بايقىغىلى بولمايدىغان يەرگە تىقىپ، ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى CIA نىڭ خوڭكوڭدىكى خادىمىغا تاپشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن خوڭكوڭ چېگراسىدىن ئۆتىدىغان چاغدا، تەكشۈرۈشتە سېزىلىپ قېلىپ قولغا ئېلىنغان. خىتاينىڭ توكيودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىدىكى ياپونىيىگە سېتىلغان خىتاي جاسۇسى تىڭشىغۇچنى ئەلچىخانىدىكى ئىشخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ، ياپون تەرەپنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىدىكى پائالىيەتلەرنى دائىم بىلىپ تۇرۇشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن. خىتاينىڭ جەنۇبىي كورىيە پايتەختى سېئۇلدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىكى كورىيىگە سېتىلغان جاسۇسى لى بىڭمۇ كورىيە ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 2000-يىلىنىڭ باشلىرىدىمۇ يەنە بەش نەپەر چەتكە سېتىلغان خىتاي يۇقىرى قاتلىمىدىكى جاسۇسلارنىڭ نازۇك ساھەلەرگە ئائىت جاسۇسلۇق قىلمىشلىرى بايقالغان. خىتاينىڭ بۇ مەخپىيەتلىكىنى خىتاي دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتى ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ئەمەلدارى گېنېرال جىن يىنەن ئاشكارىلىۋەتكەن. ئۇ نۇتۇق سۆزلىگەن ۋاقتىدا سەككىز نەپەر يۇقىرى قاتلامغا مەنسۇپ خىتاي جاسۇسى ۋەقەسىنى تىلغا ئالغان. ئۇنىڭ نۇتۇق سۆزلىگەن ۋاقتى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى بولۇپ، سىنالغۇغا ئېلىۋېلىنغان. بۇ فىلىم يېقىندا خىتايدىكى بەزى فىلىم توربەتلىرىگە ۋە يوتۇب تورىغا قويۇۋېتىلگەن. فرانسىيە مۇخبىرى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۇ ۋەقەلەرنىڭ راست ياكى يالغانلىقى ھەققىدە سوراپ ھېچقانداق جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن. خىتاي ئەمەلدارلىرى «راست شۇنداق بولغان» دېيەلمىگەن بولسىمۇ، يالغان دەپمۇ ئىنكار قىلالمىغان. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر خىتايدىكى تورلاردىن سىرت، چەتئەلدىكى تور بەتلىرى ۋە داڭلىق خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ سەھىپىلىرىدىنمۇ ئورۇن ئېلىپ بولغان.
«بېيجىڭنىڭ دۆلەتكە ئاسىيلىق قىلغان جاسۇسلىرى خىتاينىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىن چىقتى» ناملىق ماقالىدە يەنە، جىن يىنەننىڭ 2000-يىلى ئامېرىكىنى ئاخبارات بىلەن تەمىنلىگەن بىر ھەربىي ئەمەلدار توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. بۇ ھەربىي ئەمەلدار خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى ئامېرىكا قىتئەسى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى خۇ جۇنپىڭ بولۇپ، ئۇنىڭ خىتايدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىلەن مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى ئىكەن. ئۇ ئامېرىكا تەرەپنى خىتايدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ سانى ۋە قۇرۇلمىسى توغرىلىق ئەمەس، بەلكى خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ كىشىلىك خاراكتېرى، قارار بەلگىلەش جەريانىدىكى ئادەتلىرى ھەم پرىنسىپلىرى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگەن.
خىتاينىڭ ياپونىيىگە سېتىلغان جاسۇسى ۋاڭ چىڭچيەن 2007-يىلىلا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ھەربىي مەخپىيەتلىكنى سېتىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان بولسىمۇ، بۇ ھەقتىدىكى خەۋەر خىتايدا ھازىرغىچە ئاشكارىلىنىپ باقمىغان.
ماقالىدە بەكرەك دىققەت قوزغىغان تېما، خىتاي يادرو سانائىتى گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى، پارتكوم سېكرېتارى كاڭ رېشىننىڭ جاسۇسلۇق قىلمىشى بولغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئىقتىسادى جىنايەت بىلەن ئەيىبلەپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلغان. خىتاينىڭ سېئۇلدىكى كورىيىگە سېتىلغان باش ئەلچىسى لى بىڭمۇ 2007-يىلى قولغا ئېلىنىپ، جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئىقتىسادى جىنايەت بىلەن جازالانغان. خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارادىكى ئىناۋىتىنىڭ تۆكۈلۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، بۇ خىلدىكى جاسۇسلۇق جىنايەتلىرىنى ئاشكارىلىماي كەلگەن ۋە جازالانغۇچىلارنى ئىقتىسادىي جىنايەتنى ئارتىپ جازالىغان. گېنېرال جىن يىنەن بۇ توغرىسىدا توختالغاندا «دۇنيانىڭ نەرىدىمۇ بىر دۆلەتنىڭ باش ئەلچىسى يەنە بىر دۆلەتكە جاسۇسلۇق قىلىدىغان ئىش بار؟ بۇنداق ئىش پەقەتلا جۇڭگودا بار» دېگەن.
خىتايدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ چەتئەلگە سېتىلىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ مۇھىمى ئۆز دۆلەت ھاكىمىيىتىگە بولغان ئىشەنمەسلىك، ئۆز ئىستىقبالىدىن ئەنسىرەش، ئىقتىسادىي پايدىغا ئېرىشىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنداق جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇرسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى مۇتلەق مەخپىي ئىشلار قاتارىدا سىر تۇتۇپ كېلىدىكەن.
بۇلاردىن باشقا، جاسۇسلۇق قىلمىشلىرى خىتايدا بارغانسېرى ئەۋج ئېلىۋاتقان بىر ساھە بولۇپ، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جاسۇسلۇق بىلەن شۇغۇللىنىپ قولغا ئېلىنغان، قاماق جازالىرىغا ئۇچرىغان خىتايلارمۇ ئاز ئەمەس. خىتاينىڭ ميۇنخېندىكى كونسۇلى جاسۇسلۇق قىلمىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئاخباراتلارنى توپلىغانلىقى ئۈچۈن 2009-يىلى گېرمانىيە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ ميۇنخېندىكى مەسئۇلى مارگارىتا باۋزى خانىم تەرىپىدىن سوتقا بېرىلگەن ئىدى. خىتاينىڭ يەنە ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب ئەللىرىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلاش قىلمىشلىرى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە پات-پات تىلغا ئېلىنىپ تۇرماقتا.