ئاۋاز لېنتىسىدا، 20 يىلدىن بېرى ئاشكارىلانمىغان، خىتاي رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى بىر قىسىم ئىختىلاپلار ۋە جاۋ زېياڭنىڭ سىياسىي ئىسلاھات قاراشلىرى ۋە ئۇنىڭ 4 - ئىيۇن ۋەقەسىگە قارىتا باھاسى ئاشكارىلانغان.
سابىق باش سېكرىتار جاۋ زېياڭغا ئائىت بولغان بىر قىسىم ئاۋاز خاتىرىسى بۈگۈن رادىئومىزنىڭ خىتايچە بۆلۈمى تەرىپىدىن دۇنياغا ئاشكارىلاندى. ئاشكارىلىنىشىچە، جاۋ زېياڭ خىتاينىڭ سىياسىي سېستىمىسىنى پارلامېنت تۈزۈمىدىكى دېموكىراتىيگە يېتەكلىمەكچى بولغان. بۇ ھەقتىكى ئىزاھاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان كىشى دېڭ شياۋپىڭ ئەمەس، بەلكى جاۋ زېياڭدۇر.
بىز سوتسىيالىزم يولىدا 30 يىل ماڭدۇق: كونا پەدىدە 30 يىل ماڭغان بۇ جۇڭگو خەلقىغە نىمە دەپ خىتاپ قىلىش كېرەك؟ بۇ يەردە پەقەت ئىككى خىل خىتاپ قىلىش ئۇسۇلى بار ئىدى: بىرى، بىز سوتسىيالزم يولىغا بالدۇر مېڭىپ قاپتۇق، كەينىمىزگە قايتايلى، يېڭى دېموكىراتىيە يولىدا ماڭايلى؛ يەنە بىرى، بىز كاپىتالىزمنى باشتىن كەچۈرمەي تۇرۇپ سوتسىيالىزمغا ئۆتۈپ كېتىپ قاپتۇق، كەينىمىزگە قايتىپ سەپەرنى كاپىتالىزمدىن باشلايلى. مانا بۇ ئىككى خىل سۆزلەشنىڭ ھەر ئىككىسى توغرا ئىدى، ئەمما ۋەزىيەت كۆتۈرمەيتتى."
جاۋ زېياڭ، ئەگەر ئەينى چاغدا كاپىتالىزم ۋە دېموكىراتىيەنى ئوچۇق تەشەببۇس قىلسا، ھەم خەلق ئىچىدە، ھەم رەھبەرلىك قاتلىمىدا ئېغىر پىكىر ئىختىلابى تۇغۇلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن ئەمدىلا باشلانغان ئېچىۋېتىش ۋە ئىسلاھاتنىڭ يېرىم يولدا توختاپ قېلىش ئېھتىمالىنى ئەسكەرتكەن. شۇڭا ئۇ غايىسىنى يەنىمۇ باشقىچە ئىپادىلەشنىڭ يولى ئۈستىدە ئويلانغان. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: "
1987 - يىلى 13 - قۇرۇلتاينىڭ دوكلاتى ئۈستىدە ئويلىنىۋاتقان چېغىمدا، ئاخىرى بۇ مەسىلىگە جاۋاب تاپتىم: 'جاۋاب سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى ئىدى.' مۇشۇنداق بولغاندا، ھەم نەچچە ئون يىللىق سوتسىيالىستىك تارىخ ئىنكار قىلىنمىغان بولاتتى، بۇ سەۋەبلىك كونا قاراش، كونا پرىنسىپلارنىڭ توسالغۇسىدىن ساقلانغىلى ۋە ئىسلاھاتنى داۋاملاشتۇرغىلى بولاتتى."
خىتايدا 1978 - يىلى يولغا قويۇلغان يېزا ئىسلاھاتىنىڭ ئەسلى باشلامچىسى دېڭ شياۋپىڭ ئەمەس جاۋ زېياڭ ئىكەنلىكى جامائەت پىكىرى ساھەسىگە ئايان ئىدى. چۈنكى دېڭ شياۋپىڭ 1978 - يىلى يېزا ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇشتىن ئاۋۋال، جاۋ زېياڭ بۇ ئىسلاھاتنى سىچۈەن ئۆلكىسىدە يولغا قويۇپ غەلىبە قازانغان، دېڭ شياۋپىڭ ئۇنىڭ تەجىرىسىدىن پايدىلانغان ۋە ئۇنى مەركىزى ھۆكۈمەتكە ئېلىپ كىرگەن بولسىمۇ، جاۋ زېياڭ ۋە خۇ ياۋ باڭلارنىڭ غەرب تەرەپدارى ئىسلاھات پىكىرلىرى، دىڭ شياۋپىڭ ۋە ئۇنىڭ پىشقەدەم سەپداشلىرىنى راھەتسىز قىلغان.
1989 - يىلى 4 - ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسى يۈز بەرگەندە، جاۋ زېياڭنىڭ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى قوللاش مەيدانىنى يوشۇرالماسلىقى، ئۇنىڭ سىياسىي ھاياتىنىڭ ئاخىرىلىشىشىغا سەۋەب بولغان؛ ئۇ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، ھاياتىنىڭ ئاخىرىغا يەنى 2005 - يىلى 17 - يانىۋارغا قەدەر نەزەربەنت ئاستىدا ياشىغان.