جەنۇبىي ئاۋسترالىيە كۆچمەنلەر مۇزېيىدا «ئۇيغۇر» بۆلۈمى ئېچىلماقچى

جەنۇبىي ئاۋسترالىيىنىڭ مەركىزى ئادېلايد شەھىرىدىكى شتاتلىق كۆچمەنلەر مۇزېيىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس كۆرگەزمە ئېچىلىدىغانلىقى مەلۇم.

0:00 / 0:00

بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇماتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئاۋسترالىيە شەرقى تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ ئىشخانىسىغا بېرىپ، جەمئىيەتنىڭ باش كاتىپى نۇرمۇھەممەت تۈركىستانى ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.

نۇرمۇھەممەت ئەپەندى جەنۇبىي ئاۋسترالىيە كۆچمەنلەر مۇزېيىدا ئېچىلىدىغان ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەققىدە مۇنداق دېدى: جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مىللەتلەر ئومۇمى مەدەنىيىتى مىنىستىرلىقى،كۆچمەنلەر مۇزېيى ۋە ئاۋسترالىيە شەرقى تۈركىستان جەمئىيىتى قاتارلىقلارنىڭ بىرلىكتە ھەمكارلىشىشى، ۋەتەنداشلارنىڭ ياردىمى نەتىجىسىدە ۋۇجۇدقا چىقىۋاتقان بۇ پائالىيەت 2007-يىلىدىن ئېتىبارەن تەييارلىق كۆرۈش ۋە مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش ئىشلىرىنى باشلىغان بولۇپ، بۇ يىل 6-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە رەسمىي ئىچىلىدىكەن.

ئۇ يەنە بۇ پائالىيەتنىڭ مەزمۇنى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە مۇنۇلارنى ئېيتتى: كۈنىگە 1500 دىن 1800 گىچە ئادەم قېتىم كىرىدىغان مۇزېيىدا 3 ئاي داۋاملىشىدىغان ئۇيغۇر بۆلۈمىدە شەرقى تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى، تارىخى، بايلىقلىرى، ئېتنوگرافىيىسى، سىياسى-ئىقتىسادى ئەھۋالى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيەت-سەنئىتى، تىل-يېزىقى، ئۆرپ-ئادەتلىرى، كىيىم-كېچەك ۋە چالغۇ ئەسۋابلىرىنى تونۇشتۇرىدىغان ئاسارە-ئەتىقىلەر، كىتاب ۋە ئىلمى ماقالىلەر بولۇپ 2000 دىن ئارتۇق قىممەتلىك بۇيۇملارنى كۆرگەزمە قىلىش ئارقىلىق ، شەرقى تۈركىستاننى جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنى ئاۋسترالىيە خەلقىگە ئىلمىي، جانلىق ۋە پاكىتلىق ئۇسۇلدا كەڭ تونۇشتۇرۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشىنى، بۈگۈنىنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق ئاۋسترالىيە خەلقىنىڭ ھېسداشلىقىغا تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش، ئاۋسترالىيىدە ياشاۋاتقان شەرقى تۈركىستانلىق مۇتەخەسسىسلەر، ئىش بىلەرمەن كارخانىچى-تىجارەتچىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىگە قوشقان تۆھپىلىرىنى نامايەندە قىلىش ئارقىلىق ئاۋسترالىيىدە ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ئورنىنى تىكلەش قاتارلىق چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە، مەزمۇنغا باي پائالىيەت ئىكەن.

بۇ كۆرگەزمە ئۈچۈن مەنىۋى ۋە ئىقتىسادى ياردەمدە بولغان ئورگان ۋە شەخسلەرگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەن نۇرمۇھەممەت ئەپەندى ئۇلارنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مىللەتلەر ئومۇمى مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە ئۆز ئىچىمىزدىن چىققان كارخانىچى-تىجارەتچىلەر ئىقتىسادى ياردەملەرنى قىلدى، جامائىتىمىز كۆپلىگەن ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىدى.

ئۇ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ۋەتەنداشلىرىغا سالام يوللاش بىلەن بىرگە، بۇ كۆرگەزمە پەقەت جەمئىيىتىمىزنىڭلا ئىشى بولماي، پۈتكۈل شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ ئورتاق ئىشى بولغاچقا،كۆپچىلىكنىڭ ياردىمىگە موھتاج ئىكەنلىكىنى ھەمدە قىممەتلىك بۇيۇملىرى بولسا ئارىيەتكە بېرىپ تۇرۇشىنى ئىلتىماس قىلدى.