مۇتەخەسسىسلەر: ئەگەر ئامېرىكا جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىدىكى مەيدانىنى بوشاشتۇرمىسىلا، خىتاي سۆھبەتلىشىش يولىنى تۇتىدۇ

خىتاي يېقىندىن بۇيان جەنۇبىي دېڭىزدىكى سپراتىل ۋە پاراسىل تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى يەنە كۆتۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، مەزكۇر دېڭىز ۋەزىيىتىدە جىددىيلىك پەيدا بولدى.

0:00 / 0:00

خىتاي دائىرىلىرى ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر دېڭىز مەسىلىسىگە ئارىلاشماسلىقىنى تەلەپ قىلغان بولسا، بۇ ھەقتە توختالغان مۇتەخەسسىسلەر ئەگەر ئامېرىكا بۇ دېڭىز مەسىلىدىكى مەيدانىنى بوشاشتۇرمىسىلا، خىتاينىڭ سۆھبەتلىشىش يولىنى تۇتىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

جەنۇبىي دېڭىز رايونى خىتاي، فىلىپپىن، تەيۋەن، برۇنېي، ۋيېتنام ۋە مالايشىيا قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن چېگرىلىنىدۇ. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر دېڭىزنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسى ئۇزۇن يىللىق مەسىلە بولسىمۇ، بۇ دېڭىزغا چېگرىداش دۆلەتلەر دېڭىزنىڭ «ئۆزىگە تەۋە» دەپ قوبۇل قىلىنغان قىسىملىرىدىن كۆپ ئىختىلاپسىز پايدىلىنىپ كەلگەن.

ھالبۇكى، يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر دېڭىز ۋە دېڭىزدىكى تاقىم ئاراللىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەزكۇر دېڭىزدىكى ھەرىكىتىنى چەكلەشكە ئۇرۇنغان.

ۋيېتنام دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل 26-ماي جەنۇبىي دېڭىزدا نېفىت قىدىرىپ-تەكشۈرۈۋاتقان بىر ۋيېتنام كېمىسى خىتاي چارلىغۇچى كېمىسىنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىغان.

خىتاي چارلىغۇچى كېمىسى ۋيېتنام كېمىسىنىڭ تەكشۈرۈش كابېلىنى كېسىۋەتكەن، بۇ خىل ھادىسە بۇ يىل 8-ئىيۇنمۇ يەنە تەكرارلانغان. مەزكۇر ۋەقەلەر ۋيېتناملىقلار ئارىسىدا كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىغان ۋە 13-ئىيۇن ۋيېتنام ھۆكۈمىتى تالاش‏-تارتىشتىكى مەزكۇر دېڭىزغا يېقىن جايدا ھەقىقىي ئوق ئىشلىتىلگەن ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن ئىدى.

ئۇنىڭدىن باشقا خىتاي دېڭىز چارلىغۇچى كېمىلىرى بۇ يىل مارتتا فىلىپپىننىڭ بېلىقچى كېمىسىگە پاراكەندىچىلىك سالغان ۋە بۇ يىل مايدا خىتاينىڭ ئىككى ھەربىي ئايروپىلانى فىلىپپىن ئىگىدارچىلىقىدىكى پالاۋان ئارىلىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەن.

مەزكۇر ۋەقەلەر جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىغا چېگرىلىنىدىغان دۆلەتلەردە ئەندىشە پەيدا قىلغان ئىدى.

بۇ ھەقتە توختالغان ئىستراتېگىيىلىك ئىستىخبارات شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى رودگېر بەيكېر ھەپتىلىك تور باياناتىدا نۆۋەتتە فىلىپپىننىڭ خەۋپسىزلىك ئەھۋالىنى باھالاشنى كۈچەيتىشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: خىتاينىڭ فىلىپپىنغا بىر قانچە قېتىملىق پاراكەندىچىلىك سالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەندىن كېيىن، فىلىپپىن ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ خەۋپسىزلىك مۇھىتىنى ئىزچىل تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا باشلىدى.

بۇ خىلدىكى جىددىيلىك كۈچەيگەندىن كېيىن، ئامېرىكا بۇ ھەقتىكى مەيدانىنى ئىپادىلىگەن ۋە مەزكۇر دېڭىز ئەتراپىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىگەن.

22-ئىيۇن خىتاي مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۈي تيەنكەي ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز بىلەن چېگرىلىنىدىغان دۆلەت ئەمەسلىكىنى كۆرسەتتى ۋە مۇنداق دېدى: شۇڭا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بۇ ئىختىلاپلارنى بۇ دېڭىزدا تەۋەلىكى بار دۆلەتلەرگە قويۇپ بېرىشى كېرەك.

ئۇ يەنە جەنۇبىي دېڭىز بىلەن چېگرىلىنىدىغان باشقا دۆلەتلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ: باشقا دۆلەتلەر ئوت بىلەن ئوينىشىۋاتىدۇ. مەن بۇ ئوتنىڭ ئامېرىكىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىپ قويماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى.

سۈينىڭ بۇ سۆزلىرى فىلىپپىن دائىرىلىرى سپراتىل ئاراللىرى مەسىلىسىدە ئامېرىكىدىن ياردەم تەلەپ قىلىۋاتقان ھەمدە ئەگەر فىلىپپىن ھۇجۇمغا ئۇچراپ قالسا ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىننى قوغداش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى ئەسكەرتكەن مەزگىلگە توغرا كەلدى.

22-ئىيۇن فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلغان ۋە ئامېرىكا-فىلىپپىن ئوتتۇرىسىدا بۇ ھەقتە كېلىشىم بارلىقىنى تەكىتلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 1951-يىلى 30-ئاۋغۇست فىلىپپىن-ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا «ئۆز-ئارا قوغداش كېلىشىمنامىسى» ئىمزالانغان بولۇپ، كېلىشىمدە ئەگەر، كېلىشىمدىكى قايسى بىر دۆلەت تاشقى كۈچلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قالسا، قارشى تەرەپ ھەربىي ياردەم بېرىش بەلگىلەنگەن.

بۇ ھەقتە ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان رودگېر بەيكېر ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىننى ئىلغار ھەربىي قوراللار بىلەن تەمىنلىگۈچى دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن فىلىپپىننىڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى ئىكەنلىكىنى، ئەمما ھەربىي مۇداخىلە مەسىلىسىنىڭ مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: لېكىن، فىلىپپىن بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ھەربىي توقۇنۇش قايسى دەرىجىگە يەتكەندە ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارىتا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىدىغانلىقى يەنىلا ئېنىق ئەمەس.

ئۇ يەنە، خىتاينىڭ دېڭىز تەۋەلىكى مەسىلىسىدە ياپونىيە ۋە فىلىپپىنلارغا پاراكەندىچىلىك سالغانلىقى، ئەمما ئامېرىكىنىڭ بۇلارغا قارىتا كونكرېتنى ھەرىكەت قوللانمىغانلىقىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى.

بۇ ھەقتە توختالغان تاشقى مۇناسىۋەتلەر مەسلىھەت بېرىش تەتقىقات جەمئىيىتىدىكى تەتقىقاتچى جوش كۇرلانتزىك، مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، ئامېرىكىنىڭ بۇ دېڭىز مەسىلىدىكى مەيدانىنىڭ قاتتىق بولۇشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ بىزگە بۇ ھەقتە يوللىغان يازما جاۋابىدا: ئەگەر ئامېرىكا بۇ مەسىلىدە بەل قويۇۋەتسە، خىتاي بۇ دېڭىزدىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىنى قوغلاپ چىقىرىدۇ. ئەگەر ئامېرىكا بېسىمنى ساقلاپ قالسا، بۇ دۆلەتلەر سۆھبەتلىشىش يولىنى تۇتۇپ، خىتاينى ئۆز ئىچىدە ئالغان باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ مەزكۇر دېڭىزدا نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈشىگە يول قويۇلىدىغان بىر پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىشقا تېرىشىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى خىلى ئۇزۇندىن بۇيان مەزكۇر دېڭىزدا تەۋەلىك ھوقۇقى بار دۆلەتلەر ئارىسىدا تالاش-تارتىش قىلىپ كېلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۆتكەن يىلى خانويدا چاقىرىلغان بىخەتەرلىك يىغىنىدا سۆز قىلغان ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون خانىم، جەنۇبىي دېڭىزدا «ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەنپەئىتى بار» لىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ ھەقتە توختالغان رودگېر بەيكېر مەيلى قانداقلا بولسىمۇ، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى كېڭەيمىچىلىكى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن كەلگۈسىدە مەسىلە تۇغدۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە مۇنداق دېدى: ئامېرىكا خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەرىكىتىنى ناھايىتىمۇ روشەن كۆزىتىپ تۇرماقتا ۋە مەزكۇر رايونغا كىرىشتىكى ئامېرىكىنىڭ كونتروللۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بۇ رايونغا قارىتىلغان دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەكتە.

بۇ يىل 4-ئىيۇن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گېيتىسمۇ رايون بىخەتەرلىك مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، سىنگاپورغا ئىلغار تىپتىكى ھەربىي پاراخوتىنى ئەۋەتىدىغانلىقى ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.