جەنۇبىي سۇدان دۆلىتى قۇرۇلغانلىق تەنتەنىسىدىن كېيىنكى ئىنكاسلار

سۇدان جۇمھۇرىيىتىنىڭ جەنۇبىدىكى خەلق ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلىپ، مەركىزى ھۆكۈمەتكە قارشى 20 يىلغا يېقىن ئۇرۇشۇش نەتىجىسىدە، 2005-يىلى ئىككى تەرەپ ئۇرۇش توختىتىپ، مەسىلىنى سۈلھى يولى بىلەن ھەل قىلىشقا قايىل بولغان ۋە ئۇرۇش توختىغان ئىدى.

0:00 / 0:00

ئۆتكەن 6 يىلدىن بىرى سۇدان مەركىزى ھۆكۈمەت بىلەن جەنۇبلۇقلار ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتلەر داۋام قىلغان ئىدى. بۇندىن يېرىم يىل ئىلگىرى جەنۇبىي سۇدانلىقلار مۇستەقىللىقى ئۈچۈن خەلق رايىنى سىناش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان ۋە جەنۇبلۇقلارنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى سۇدان مەركىزى ھۆكۈمىتىدىن مۇستەقىل بولۇپ، جەنۇبىي سۇدان دۆلىتىنى قۇرۇش پىكرىنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن ئىدى. جەنۇبىي سۇدان ئاھالىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى خرىستىئانلارنى تەشكىل قىلىدۇ.

2011-يىلى 9-ئىيۇل كۈنى جەنۇبىي سۇدان دۆلىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى چوڭ بىر مۇراسىم بىلەن ئېلان قىلىنغان، مۇراسىمغا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى، سۇدان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ۋە باشقا مۇھىم شەخسىيەتلەر ئىشتىراك قىلغان، مۇراسىم جەنۇبىي سۇدان پايتەختىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ سانى 55 كە يەتتى

ئەنگلىيىنىڭ «گاردىيان» گېزىتىدە ئېيتىلىشىچە، جەنۇبىي سۇدان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ سانى55كە، دۇنيادىكى دۆلەتلەر سانى193كە يەتكەن.

لوندوندا چىقىدىغان «ئوتتۇرا شەرق» گېزىتىنىڭ2011-يىلى 10-ئىيۇل كۈنىدىكى سانىدا «جەنۇبىي سۇداننىڭ مۇستەقىللىق تەنتەنىسىدىن كېيىنكى ئىنكاسلار» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان: «جەنۇبىي سۇدان دۆلىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ تەنتەنە ھەققىدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ناھايىتى ئالدىراش ھالدا خەۋەر تارقىتىشقا كىرىشىپ كەتتى. ئەمەلىيەتتە سۇداندا يېڭى بىر دۆلەتنىڭ دۇنياغا كۆز ئاچقانلىقى تارىخىي ۋەقەلىك سانىلىدۇ. بۇ ئەسنادا تەھلىلچىلەرمۇ بوش تۇرمىدى. ئۇلار جەنۇبىي سۇدان دۆلىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى بىر خۇشاللىق بولسا، ئۇنىڭ يېنىدا چوڭ خەتەرلەرنىڭمۇ بارلىقىنى سۆزلىمەكتە. مەسىلەن: جەنۇبىي سۇدان نېفىت ۋە باشقا مەدەن بايلىقى بىلەن مەشھۇر رايون. سۇدان مەركىزى ھۆكۈمىتى بۇ رايوننى ئاسانلىق بىلەن بەرگىنى يوق. ئىككى سۇدان دۆلىتى ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا مەسىلىسى تەلتۆكۈس ھەل بولغىنى يوق. بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا قالغان ئەبيى رايونى قايسى تەرەپكە قارايدۇ دېگەن مەسىلە ئۈستىدىكى تالاش-تارتىش داۋام قىلماقتا. ئۆتكەن ماي ئايدا سۇدان مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسكەرلىرى ئەبيى رايونىغا بېسىپ كىرىپ، رايوننىڭ ۋالىسىنى مەنسەپتىن چۈشۈرۈۋەتكەن ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزلىرىدىن بىر ۋالىي تىكلەپ قويغان. بۇ ۋەقەدە 21ئادەم ئۆلگەن. كېيىن تاشقى دۆلەتلەرنىڭ بېسىمى ئارقىسىدا سۇدان ئارمىيىسى رايوندىن ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرگەن.»

ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان: «يەنە بىر تەرەپتىن جەنۇبىي سۇدان خەلقى ئىنتايىن نامراتلىقتا ھايات كەچۈرۈۋاتقان بولۇپ، نوپۇسىنىڭ يېرىمدىن كۆپرەكى سۇ كرىزىسىدىن دەرتلەنمەكتە. ئومۇمىي نوپۇس سانى 9 مىليون بولغان بۇ رايوندا ئاچارچىلىق ھۆكۈم سۈرمەكتە. رايوندا يۇقۇملۇق كېسەللىك نىسبىتى كۆپ بولۇپ، ھەر بىر 7 بالىدىن بىرى دۇنياغا كېلىش جەريانىدا ھاياتلىقتىن كۆز يۇمىدۇ. بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە يېڭى قۇرۇلغان جەنۇبىي سۇدان ھۆكۈمىتىنىڭ يۈكى ئېغىر ۋە قىلىدىغان زۆرۈر ئىشلىرى كۆپ. دۇنيادىكى چوڭ دۆلەتلەر قايسى تەرىقىدە بۇ يېڭى دۆلەتكە ياردەم قىلىپ، ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ قوشۇشى لازىم دېگەن سوئال كۆپ ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. ئەڭ ياخشىسى جەنۇبلۇقلار ئۆزلىرىنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى قوللىنىپ ئۆزلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئاتلىنىشى زۆرۈر.»