جەنۇبىي سۇداننىڭ مۇستەقىللىقى ئۇيغۇرلارغىمۇ ئۈمىد بېغىشلىدى

50 يىل داۋام قىلغان مۇستەقىللىق كۈرىشىدىن كېيىن ئۆز مۇستەقىللىقىغا ئېرىشكەن جەنۇبىي سۇدان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن رەسمىي قوبۇل قىلىنىپ، دۇنيادىكى ئەڭ ياش دۆلەتلەرنىڭ بىرى بوپقالدى.

0:00 / 0:00

پەيشەنبە كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا جەنۇبىي سۇداننىڭ بايرىقى تۇنجى قېتىم لەپىلدىدى. جەنۇبىي سۇدان خەلقى مۇستەقىللىقىنى تەبرىكلەۋاتقان ئاشۇ مىنۇتلاردا چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار قانداق ھېسسىياتلاردا، قانداق ئوي-خىياللاردا بولدى؟

يېرىم ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت سۇدان ھاكىمىيىتىگە قارشى ئېلىپ بارغان كۈرىشى ۋە بىر يېرىم مىليون كىشىنىڭ مۇستەقىللىق يولىدا جان بېرىشى نەتىجىسىدە ئاخىرى ھۆرلۈكىگە ئېرىشىپ، ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغان جەنۇبىي سۇداننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى تۇنجى بايراق چىقىرىش مۇراسىمى پەيشەنبە كۈنى بولۇپ ئۆتتى.

مۇراسىمدا ب د ت نىڭ باش سېكرېتارى بان كىمۇن سۆز قىلىپ، ب د ت نىڭ بۇ يېڭى دۆلەتنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ بۇندىن كېيىنكى مۇساپىسىدە داۋاملىق يېنىدا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ تارىخى مىنۇتلار ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا كۆرسىتىلدى. دۇنيا خەلقىمۇ تېلېۋىزىيە ئېكرانلىرى ئالدىدا ئۇلارنىڭ شادلىقىغا جۆر بولۇشتى.

ئۇنداقتا، ئەنە شۇ مىنۇتلاردا چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار قانداق ئوي-خىياللاردا بولدى؟ بىز بۇ مەسىلىدە كەڭ رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى، ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى زۇبەيرە خانىم ۋە گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بەختىيار ناسىر ئەپەندىلەر بىلەن تېلېفون سۆھبىتى قىلدۇق.