ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا ھاشار ئەمگىكى ھېلىمۇ داۋاملاشماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتى 90-يىللارنىڭ ئاخىرىدا دېھقانلارنىڭ ھاشار ئەمگىكىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئەمما جەنۇبتىكى دېھقانلار بۈگۈنگە قەدەر ھاشار ئەمگىكىدىن قۇتۇلالمىغان.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2011.02.24
20-Esirning-beshidiki-hashar-ishlewatqan-Uyghur-dixanlar-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪﺩﻩ 1917 - ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ 'ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﻪﺩﻩﻡ - ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ 25 ﻳﯩﻞ' ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﺨﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻫﺎﺷﺎﺭﻏﺎ ﺋﯩﺸﻠﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﻯ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
'ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﻪﺩﻩﻡ - ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ 25 ﻳﯩﻞ' ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﯩﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ. / Yalqun

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن دىيارىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر دېھقان بىز بىلەن سۆھبەتلىشىش جەريانىدا بىرنەچچە يىلدىن بۇيان دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشى ئىلگىرىكىدىن بىرئاز ياخشىلانغان بولسىمۇ، ئەمما ھەر يىلى ئەتىياز پەسلىدە دېھقانلارنىڭ يەنىلا ھەقسىز ھاشار ئەمگىكىگە زورلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ دېھقاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىللىق ھاشار تېخى بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى باشلانغان بولۇپ، ئۇ ئۆزى ياشىنىپ قالغىنى ئۈچۈن ئوغلى بۇ يىللىق ھاشار ئەمگىكىگە چىقىپ كېتىپتۇ.

ئىگىلىگەن ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 80-يىللاردىن كېيىن يېزىلاردا يەككە ئىگىلىك تۈزۈمىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، ئىلگىرىكى مەجبۇرى ئەمگەك تۈزۈمىنى پەيدىن-پەي ئەمەلدىن قالدۇرغان. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىدىكى غۇلجا، چۆچەك ۋە ئالتاي قاتارلىق جايلاردا بولسا، بۇ خىل ھەقسىز ئىشلەپ بېرىدىغان ھاشار ئەمگىكى 90-يىللارنىڭ ئاخىرى ئەمەلدىن قالغان ئىكەن.

ئىلى رايونىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر دېھقاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، غۇلجا تەۋەسىدىكى يېزىلاردا ھازىر بۇ خىل ھاشار ئەمگىكى پۈتۈنلەي يوقىغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئۇلارنىڭ يېزىسىدا ئەگەر يېزا تەۋەسىدىكى ئېرىق-ئۆستەڭلەرنى راۋانلاشتۇرىدىغان قۇرۇلۇشلار بولسا، يېزىلىق ھۆكۈمەت پۇل چىقىرىپ، بۇ ئەمگەككە قاتنىشىشنى خالىغان دېھقانلارغا ھەق بېرىپ بۇ خىل قۇرۇلۇشلارنى ئېلىپ بارىدىكەن.

بۇ كىشى ئۆز بايانىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى دېھقانلارنىڭ مەجبۇرى ھاشار ئەمگىكىگە زورلىنىشىدىكى سەۋەب ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى دېھقانلار بىلەن شىمالدىكى دېھقانلارنىڭ ئەھۋالىدا مەلۇم پەرق بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقانلار ئوخشاشلا ئېزىلىشكە ئۇچراۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئىلى يېزىلىرىدا دېھقانلار بىلەن يېزا كادىرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە نىسپىي ھالدىكى باراۋەرلىك مۇناسىۋىتى بولۇپ، دېھقانلار يېزا كادىرلىرىنى پەقەت ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتچىلىرى دەپلا بىلىدىكەن. شۇڭا دېھقانلاردا ئۆزىنىڭ شەخسى مەنپەئىتىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا قانۇن دائىرىسىدە تۇرۇپ ئۆز مەنپەئىتىنى قوغداش ئېڭى تەبىئىي ھالدىلا شەكىللەنگەن ئىكەن.

خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان، تۈرمىدىكى جىنايەتچىلەرنى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش، خالىسانە ئەمگەك نامىدا ھەر يىلى قىش پەسلىدە مەكتەپلەر ھەم ئىدارە جەمئىيەتلەرگە مەجبۇرى ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان قار تازىلاش، ئەتىيازلىق كۆچەت تىكىش، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پاختا تېرىش قاتارلىق پۇقرالارنى ھەقسىز ئىشلەپ بېرىشكە زورلاش ئەمگەكلىرىمۇ ئوخشاشلا خەلقئارا ئەمگەك قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلار ھېسابلىنىدىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا داۋاملىشىۋاتقان بۇ خىل ھەقسىز ھاشار ئەمگىكى ھەققىدە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىق خەلقئارا ئاخبارات ئورگانلىرىدا كۆپ قېتىم خەۋەرلەر بېرىلىپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەم خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى كۆپ قېتىم ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى جايلاردا دېھقانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنىدىغان بۇ خىل ھەقسىز ھاشار ئەمگىكى ھېلىمۇ داۋاملاشماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.