ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىتېتىنىڭ 61-يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئېچىلىدىغان يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن جەنۋەگە يېتىپ كەلگەن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ھىللارىي كىلىنتون ئامېرىكىنىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق ۋەكىللىك ئورگىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرغان يىغىندا 10 دېكابىر دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇھىم سۆز قىلدى.
1948-يىلى 10-دېكابىر كۈنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى قوبۇل قىلىنغان كۈن بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خىتابنامە قوبۇل قىلىنغان كۈن بولغان 10-دېكابىر كۈنىنى كىشىلىك ھوقۇق كۈنى دەپ بېكىتكەن. 30 ماددىدىن تەركىب تاپقان كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدە پەقەت دېموكراتىك ئاساسىي قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن تۈپكى ھوقۇقلار ئەمەس، بەلكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي ھوقۇقلارقىمۇ ئىزاھ بېرىلگەن. ئۇنىڭدا ياشاش، ئەركىنلىك ۋە كىشىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئوخشاش ھوقۇقلار بىلەن بىرلىكتە يەنە، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، خالىغانچە قاماش ۋە سۈرگۈننى چەكلەش، ئادىل، تەرەپسىز شۇنداقلا ئوچۇق -ئاشكارا ھالدا سوتلىنىش ھوقۇقى بېرىش، پىكىر، ۋىجدان، دىن ۋە يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، تەشكىللىنىش ۋە نامايىش قىلىش ئەركىنلىكلىرى بەلگىلەنگەن.
كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى ئامېرىكا، فرانسىيە قاتارلىق ئەللەردە كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدە ئېلان قىلىنغان نىزامنامىلەرگە ئوخشىمايدىغان ھالدا ئىجتىمائىي خەۋپسىزلىك، ئىشلەش، تەلىم-تەربىيە ئېلىش ۋە پەن-تەرەققىياتتىن بەھرىمەن بولۇشقا ئوخشاش ھوقۇقلارنىمۇ قوشۇپ تېخىمۇ مۇكەممەللەشكەن.
10-دېكابىر كىشىلىك ھوقۇق كۈنى يېقىنلىشىپ قالغان مەزگىلدە جەنۋەگە يېتىپ كەلگەن ھىللارىي كىلىنتون بۇ كۈننىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختالدى.
بىز بۇ ھەپتە ئاخىرى 20-ئەسىردىكى ئەڭ مۇھىم ئۇتۇقلاردىن بىرى ھېسابلىنىدىغان كىشىلىك ھوقۇق كۈنىنى خاتىرىلەيمىز. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى شۇ كۈنى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىنسانلارنىڭ كىشىلىك قەدىر-قىممىتى ۋە ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان شەرتنامىگە قول قويدى. خىتابنامىنى تەييارلىغۇچىلارنىڭ 2 يىللىق جاپالىق ئەمگىكىدىن كېيىن خىتابنامە ئاۋازغا قويۇلۇپ، ئاخىرى 1948-يىلى 10-دېكابىر كۈنى قوبۇل قىلىندى.
ھىللارىي كىلىنتون خانىم كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنىڭ تولىمۇ ئاددىي ئەمما تولىمۇ قۇۋۋەتلىك بولغان بىر ئىدىيىنى ئالغا سۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ يەنە مۇنداق دەيدۇ:
-خىتابنامىدە، بارلىق ئىنسانلارنىڭ ھۆر تۇغۇلغانلىقى، قەدىر-قىممەت ۋە ھوقۇقتا باراۋەرلىكىگە ئوخشاش تولىمۇ ئاددىي، ئەمما ئوخشاش ۋاقىتتا تولىمۇ قۇۋۋەتلىك بولغان بىر ئىدىيە ئالغا سۈرۈلگەن. بۇ خىتابنامە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ھۆكۈمەتلەر تەرىپىدىن بېرىلىدىغان ھوقۇق ئەمەس، بەلكى تۇغۇلۇشتىنلا كىشىلەر ئىگە بولىدىغان ھوقۇقلىقىنى ئوچۇق قىلىپ ئىپادىلىگەن. سىزنىڭ قايسى دۆلەتتە ياشىشىڭىز، كىمنىڭ رەھبەر بولۇشى، ياكى بىزنىڭ كىم بولۇشىمىز مۇھىم ئەمەس. بىز پەقەت ئىنسان بولىدىكەنمىز، بىزنىڭ ھەممىمىزنىڭ ھوقۇقى بار. ھۆكۈمەتلەر دەل مۇشۇ ھوقۇقنى قوغداش ئۈچۈن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.
ھىللارىي كىلىنتون سۆزىنىڭ داۋامىدا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى ئېلان قىلىنغاندىن بېرى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش يولىدا دادىل قەدەملەرنى تاشلىغانلىقىنى، ئىنسانلىق قەدىر-قىممەت ۋە ھوقۇقلاردىن تولۇق بەھرىمەن بولۇش ئالدىدىكى توسالغۇلارنى پەيدىن-پەي يوقىتىۋاتقانلىقىنى دېدى. ئۇ يەنە، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ قانۇنلىرىدىكى ئىرقچىلىق ئىپادە قىلىنغان ماددىلارنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئاسانغا توختىمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھىللارىي كىلىنتون يەنە، كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاپ، خىتابنامىنى ھەقىقىي تۈردە ئىجرا قىلىش ئۈچۈن يەنە قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن خىزمەتلەرنىڭ بارلىقىنى، يەنە نۇرغۇن دۆلەتلەردە ھەر خىل كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنىڭ ھېلىھەم مەۋجۇتلۇقىنى تەكىتلىدى.
ھىللارىي كىلىنتون بۇ قېتىملىق نۇتقىدا ئوخشاش جىنسلىقلارنىڭ مۇھەببەتلىشىش مەسىلىسى ۋە ئۇلار ئۇچراۋاتقان ناچار مۇئامىلە ئۈستىدە ئالاھىدە توختىلىپ، ئۇلارنىڭمۇ ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن باشقا ئىنسانلار بىلەن ئوخشاش مۇئامىلىگە ئۇچرىشى كېرەكلىكىنى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا بۇنى غەربنىڭ مەھسۇلاتى دەپ قارايدىغان بىر خىل چۈشەنچە بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل ئەھۋالنىڭ دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە مەۋجۇت بولغان ۋە بارلىق مىللەتلەردە مەۋجۇت بولغان رېئاللىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ھىللارىي كىلىنتون سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، ئامېرىكا تارىخىنىڭ تەڭسىزلىكلەرگە قارشى كۈرەشلەر بىلەن تولغان بىر تارىخلىقىنى، ئامېرىكا خەلقىنىڭ قۇللۇققا، ئىرقچىلىققا قارشى كۈرەش قىلغانلىقىنى، مانا مۇشۇنداق بىر تارىخقا ئىگە بولغان ئامېرىكىنىڭ ھەر دائىم كىشىلىك ھوقۇق تەرەپدارى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بۈگۈن ئېلىنغان قارارلارنىڭ كېلەچەك ئەۋلادلارنىڭ ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ھىللارىي كىلىنتون چارشەنبە كۈنى جەنۋەدە مۇساپىرلار ئالىي كومىتېتىنىڭ 2010-يىلىدىكى خىزمەتلىرىنى خۇلاسىلەش ۋە ئۇنىڭ 61 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن مىنىستىر دەرىجىسىدە ئېچىلىدىغان ئىككى كۈنلۈك يىغىنغا قاتنىشىدۇ. يىغىنغا 150 كە يېقىن دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى قاتنىشىدىغان بولۇپ، يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى ئالىي كومىتېتنىڭ كومىسسارى ئانتونىئو گۇتېررەس قىلىدۇ. 21-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى ئون يىلىدا ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقان كىشىلەر، ۋەتەنسىز مۇساپىرلارنىڭ مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىدىغان مەزكۇر يىغىنغا يەنە ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلارنىڭ ۋەكىللىرى، مۇتەخەسسىسلەر، مۇساپىرلار ۋە ۋەتەنسىز كىشىلەر ۋەكىللىرى قاتنىشىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، دۇنيادىكى مىليونلىغان مۇساپىرلارنىڭ مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش، مۇساپىر ئاياللار ۋە بالىلارنى قانداق قوغداش قاتارلىق مەسىلىلەر يىغىننىڭ مۇھىم كۈن تەرتىپى ھېسابلىنىدىكەن.