جەنۋەدىكى ئۇيغۇرلاردىن قېرىنداشلارغا سالام

شۋېتسارىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ جەنۋە شەھىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپادىكى باش شتابى، قىزىل كرېست جەمئىيىتى باش شتابىغا ئوخشاش ئىككى يۈزدىن ئارتۇق خەلقئارالىق تەشكىلاتلار جايلاشقان خەلقئارالىق بىر داڭلىق شەھەر.

0:00 / 0:00

شۇنداقلا ئۇ دۇنياغا داڭلىق شۋېتسارىيە سائىتىنىڭ يۇرتى ۋە يەر شارىدىكى ئەڭ گۈزەل شەھەر دەپ نام ئالغان ۋە ئىنسانلار ھەممىدىن تەلپۈنىدىغان ساياھەت مەنزىلى. ھازىر بۇ سىمۋوللۇققا ئىگە رىۋايەتلەردىكىدەك گۈزەل ھەم تارىخىي داڭلىق شەھەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ سانى بارغانچە كۆپەيمەكتە. جەنۋەدە ياشاپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن، ئاكتىپ پائالىيەتچى تۇرسۇنجان ئەپەندى ئامېرىكىغا قاراتقان زىيارىتى داۋامىدا 17-ئاپرېل ئەركىن ئاسىيا رادىئومىزنى زىيارەت قىلىپ، جەنۋەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سالامى ۋە ئارزۇلىرىنى ئاڭلاتتى.

جەنۋەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋاللىرىدىن خەۋەردار بولۇشنى خالىسىڭىز، دىققىتىڭىز مۇخبىرىمىزنىڭ تۇرسۇنجان ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىدە بولسۇن.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.