دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يىغىنغا ئۇيغۇرلارنىڭ 14 ماددىلىق تەلىپىنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، مەزكۇر تەكلىپ بۇ قېتىمقى يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن. 29-نويابىر كۈنى جەنۋەدە باشلانغان يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پەخرىي رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. رەئىسى ناۋاڭ كوپېر ئەپەندى ئۆتكەن ئىككى يىللىق خىزمەت دوكلاتى، باش سېكرېتار مارىنو بۇتتاچىن ئەپەندى مالىيە دوكلاتى بەردى. كېيىن ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى ئۆز مىللىتىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بېرىپ ئۆتتى. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن دولقۇن ئەيسا ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتى» تېمىسىدا دوكلات ئوقۇدى.
11-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان يىغىنغا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا 30 مىللەتتىن 60 ۋەكىل قاتناشماقتا. يىغىننىڭ كۈن تەرتىپى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان دولقۇن ئەيسا بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.