جىددە شەھىرىدىكى ئۇيغۇرچە رادىئونىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن مەرھۇم سابت ھاجىمنى ئەسلەيمىز

سەئۇدى ئەرەبىستانى دۆلەت رادىئوسى تەركىبىدىكى تۈركىستان بۆلۈمى 1982-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن مۇھاجىر ئۆلىمالارنىڭ ئىش باشلىشى بىلەن ئاڭلىتىش باشلىغان.

0:00 / 0:00

بۇ رادىئودا ئۆتكەن 29 يىل جەريانىدا كۆپ كىشىلەر ئىشلىگەن بولسىمۇ، دەسلەپكى قۇرغۇچىلاردىن مەرھۇم مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامى بىلەن سابىت ھاجىملارنىڭ قالدۇرغان ئىزلىرى ۋە قىلىپ كەتكەن ئۇلۇغۋار خىزمەتلىرى ئۇنتۇلمايدۇ.

سابىت ھاجىم توغرىلىق كۆپرەك مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانى رادىئوسى تۈركىستان بۆلۈمىنىڭ ئەڭ پېشقەدەم دىكتورلىرىدىن ئەللامە ئابدۇلمەننان ھاجىمغا مۇراجىئەت قىلغان ئىدۇق.

ئەللامە ئابدۇلمەننان ھاجىم مۇنداق دېدى: «سابىت داموللام بۇ رادىئودا ئىشلىگەنلەرنىڭ ئەڭ كونىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. بىز ئۇ كىشى بىلەن جىددە رايونىنىڭ بۇخارىيە مەھەللىسىدىكى بىر مەسچىتتە تونۇشقان ئىدۇق، ئۇ كىشى شۇ مەھەللىدىكى بىر مەسچىتتە ئىمام ئىدى. مەنمۇ شۇ كىشىنىڭ ياردىمى ۋە تونۇشتۇرۇشى بىلەن رادىئوغا كىرگەن ئىدىم. ئۆزى كاتتا ئالىم ئىدى. شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ئالدىنقىلاردىن ئىدى. رادىئوغا مۇناسىۋەتلىك كۆپ ئىشلارنى ۋە دىنىي مەسىلىلەرنى ئۇ كىشىدىن ئۆگەنگەن ئىدۇق. بۇ كىشىنى تۈركىستان بۆلۈمىنى تەسىس قىلغانلاردىن بىرى دېسەك بولىدۇ. مەن ئىشقا كىرىپ ئىككى يىل ئىشلىدى. كېيىن تەن ساقلىقى ئاجىزلاپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن رادىئودىن چىقىپ كەتكەن ئىدى.»
سابىت ھاجىمنىڭ ئوغلى ئەھمەد سابىتنىڭ ئېيتىشىچە، سابىت سالىھ تاھىر ھاجىم 1919- يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ گۇما ناھىيىسىدە مەشھۇر دىنىي ئالىم سالىھ داموللامنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئىپتىدائىي تەلىمىنى دادىسىدا ئالغان سابىت ھاجىم قەشقەر خانلىق مەدرىسىگە بېرىپ ئىلىم تەھسىل قىلغان. 1944- يىلى قەشقەردىكى ئوقۇشىنى پۈتتۈرۈپ تۇغۇلغان يۇرتى گۇما ناھىيىسىگە يېتىپ كەلگەن ۋە شۇ يىلى ناھىيىلىك چوڭ مەسچىتنىڭ خاتىپى ۋە ئىماملىقىغا تەيىنلەنگەن ئىكەن. تېخىمۇ كۆپ ئىلىم تەھسىل قىلىشقا بەل باغلىغان سابىت ھاجىم 1947- يىلى ھىندىستانغا چىقىپ كېتىپ، ھىندىستاننىڭ داڭلىق مەدرىسىلىرىدە قايتىدىن ئىلىم تەھسىل قىلىشقا كىرىشكەن. 1952-يىلى ھىندىستاندىن ئايرىلغان سابىت ھاجىم مەككە مۇكەررەمە شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، يەنە ئىلىم تەھسىل قىلىشنىڭ يولىنى ئېلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانى پايتەختى رىياد شەھىرىدە ئىنستىتۇتنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 1961-يىلى مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى داڭلىق ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرىپ 1964- يىلى ئۇنىۋېرسىتېتنى ئالىي نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن ئىكەن.

سابىت ھاجىمنىڭ ئەمگەكلىرى

ئەھمەد سابىتنىڭ ئېيتىشىچە، سابىت ھاجىم 1965-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن شەرقىي رايوننىڭ قەتىف دېگەن يېرىگە مۇئەللىملىككە تەيىنلەنگەن ئىكەن. كېيىنچە خىزمىتى تائىف شەھىرىگە يۆتكىلىپ 1973- يىلىغىچە شۇ جايدا مۇئەللىملىك قىلىپ ئۆتكەن. 1982 - يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھىرىدە ئۇيغۇرچە رادىئو ئېچىلىش ھارپىسىدا، تائىفتىن جىددە شەھىرىگە يۆتكىلىپ كېلىپ، مەزكۇر رادىئونىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن جىددە رادىئوسىنىڭ تۇنجى ئۇيغۇر دىكتورى بولغان. « ئەرەبچە ۋە ئۇيغۇرچە شېئىرلار توپلىمى»، « ھەج قىلىش قائىدىسى» ناملىق كىتابلىرى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان. مۇندىن باشقا «مىراس»، «تەپسىر» قاتارلىق كىتابلارنى ئەرەب تىلىدىن ئۆز ۋاقتىدىكى چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرغان ئىكەن.

سابىت ھاجىمنىڭ ۋاپاتى

سابىت ھاجىم ھاياتىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە رادىئوسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمىدە خىزمەت قىلىپ، 1999- يىلى 82 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن ۋە مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدىكى مۇئەللا قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان.