جىددە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئېنېرگىيە يىغىنى ئېنېرگىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلامدۇ؟

ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ خەلقئارا مىقياسىدا تېز سۈرەتتە ئۆسۈپ كېتىشى دۇنيا ئىقتىسادىغا جىددىي تەسىر كۆرسىتىۋاتقان مەسىلىگە ئايلانماقتا. ماي باھاسىنىڭ تېز سۈرەتتە كۆتۈرۈلۈشى ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فرانسىيە، ياپونىيە، خىتاي، ھىندىستان قاتارلىق ياۋروپا ھەم ئاسىيادىكى نېفىت ئىمپورت قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ نۆۋەتتە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان بولۇپ، مەزكۇر نېفىت ئىستېمالچى دۆلەتلەر نېفىت ئىشلەپ چىقىرىدىغان مەملىكەتلەرنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلماقتا.

0:00 / 0:00

يەكشەنبە كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدە نېفىت ئېنېرگىيە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

نېفىت باھاسىنىڭ تېز ئۆسۈپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان ئېنېرگىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئېنېرگىيە يىغىنىدا ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى بىر قاتار مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.

سېباستىيان ئاببوتنىڭ بىرلەشمە ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ نېفىت ئېكسپورت قىلىدىغان سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى يىغىننىڭ ساھىبخانى سۈپىتىدە نېفىت باھاسىنى تەڭشەش ئۈچۈن پايدىلىق دەپ ھېسابلاپ، نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، كۈنلۈك ئىشلەپچىقىرىشنى يەنە 200 مىڭ تۇڭ كۆپەيتىش ئارقىلىق كۈنلۈك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 9مىليون 500 تۇڭغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى،بۇ پىلاننى 7 - ئايدىن باشلايدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

ئامېرىكىنىڭ " س - سپائىن" تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ نەق مەيداندىن كۆرسىتىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللا نېفىت ئىشلەپچىقىرىش كۈنلۈك مىقدارىنى ئاشۇرۇشتىن باشقا يەنە نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دۇنيا بانكىسى نامىدا بىر مىليارد دوللار مەبلەغ ئاجرىتىپ، باشقا كەمبەغەل دۆلەتلەرنىڭ كۈنسايىن ئۆسۈۋاتقان ئېنېرگىيە قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان شۇنىڭدەك يەنە سەئۇدى ھۆكۈمىتى ئۆزى بەش يۈز مىليون دوللار ئاجرىتىپ، ئۇنى ئېنېرگىيە پىلانلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشىدىكى سەۋەب نېمە؟

نېفىتنىڭ خەلقئارا بازاردىكى ھەر بىر تۇڭىنىڭ باھاسى بۇ يىلنىڭ بېشىدا 100 دوللار ئەتراپىدا بولۇپ، قىسقىغىنا 4 - 5 ئاي ئىچىدە 140 دوللارغا يەتتى. ئۆتكەن يىلى بولسا 70 - 80 دوللار ئەتراپىدا بولۇپ، بۇ يىل بىر قاتلىدى.

نۆۋەتتە، نېفىت باھاسىنىڭ يەنە داۋاملىق ئۆسۈش ئېھتىماللىقى بارلىقى پەرەز قىلىنماقتا. ئۇنداقتا، بۇنىڭدىكى سەۋەب نېمە؟ بۇ ھەقتە قاراشلار ھەر خىل بولۇپ، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە قاتارلىق بىر قىسىم غەرب نېفىت ئىستېمالچى دۆلەتلىرى بۇنى نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرماسلىق بىلەن باغلىغان بولۇپ، ئۇلار مەزكۇر دۆلەتلەرنى نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈشنى پەسەيتىش كېرەك دەپ ھېسابلايدۇ. ئەمما، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر بولسا، نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشىدىكى ئامىلنى بازار تالىشىش ھەم ئىستېمالچى دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى ئېنېرگىيە بېجى بىلەن باغلايدۇ.

ئامېرىكا بىلەن خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ نېفىت ئىمپورت قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، مەزكۇر مەسىلە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسىىدىمۇ داۋاملىق مۇزاكىرە قىلىنماقتا. نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە نىسبەتەن خىتاي ئېنېرگىيە ساھەسىمۇ تۈرلۈك مۇلاھىزىلەرنى ئېلىپ بارماقتا. خىتاينىڭ "ككتۋ" پروگراممىسىدا ئېنېرگىيە مەسىلىسى ھەققىدە توختالغان ئىككى نەپەر پروفېسسور نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشىدىكى ئامىللار ھەققىدە پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇنىڭ سەۋەبىنى ئاساسلىقى ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئىستېمالچى دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىتىگە باغلىدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، تۇيۇقسىز پەيدا بولغان ئەھۋاللار ھەمدە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ يېتەرسىز بولۇشى ۋە كىمنىڭ ماي ئۆسۈشتە پايدا ئالغانلىقى مەسىلىنىڭ تۈگۈنلىرىدىن بىرى. ئۇلار بۇ قېتىمقى يىغىندىن چوڭ ئۈمىد كۈتۈش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلەشتى.

ئاھالىلارنىڭ ئاپتوموبىل ئىشلىتىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى ھەمدە دۇنيادا ئەڭ كۆپ نېفىت ئىمپورت قىلىدىغان مەملىكەت ھېسابلىنىدىغان ئامېرىكىدا ماي باھاسىنىڭ تېز ئۆسۈشى ئىقتىسادقا جۈملىدىن پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىغان مەسىلىگە ئايلانغان بولۇپ، ئۆتكەن ھەپتىدە پرېزىدېنت بۇش ئامېرىكىنىڭ بەزى دېڭىز بويلىرىدىكى 80 - يىللاردا دۆلەت مەجلىسى ئېچىشنى چەكلىۋەتكەن نېفىت مەنبەلىرىنى ئېچىش ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى ھەل قىلىشقا ياردەم كۆرسىتىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، بىراق ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى دېموكراتىك پارتىيىدىن كېلىپ چىققان ئەزالارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان ھەمدە بۇ تەشەببۇس ئۆتمىگەن. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۆلەت مەجلىسىنىڭ دېموكراتىك ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن بولغان ئەزالار ئارىسىدىمۇ بۇنىڭغا نىسبەتەن ئوخشىمىغان پىكىرلەر مەۋجۇت.

جىددە يىغىنى ھەقىقەتەن ئېنېرگىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلالامدۇ؟

30 نەچچە دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە باشلىقلىرى قاتناشقان جىددە يىغىنىدا سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بەزى تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتسىمۇ، بىراق، مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولىشى ئۇنچە ئاسانغا چۈشمەيدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، يىغىن خۇلاسىسى سۈپىتىدە مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان ھېچقانداق بىر قارار قوبۇل قىلىنمىغان.

بىراق، ھازىر ئامېرىكىدا بىر گاللون ماينىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 4 دوللار ئەتراپىدا بولۇپ، ئەمما، ئامېرىكىنىڭ "لۇندبېرگ تەتقىقات گۇرۇپپىسى" دەپ ئاتالغان نېفىت مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىدىغان بىر ئورۇن يەتتە مىڭدىن ئارتۇق ماي قاچىلاش ئورنىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ماي باھاسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن چۈشىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان. بۇ تەتقىقات ئورنىنىڭ مەسئۇلى لۇندبېرگ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ماي ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى كۆپەيتىشى 7 - ئايدا ماي باھاسىنىڭ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن دەپ ھۆكۈم قىلغان.