ئىسلام ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ جىددىي يىغىنىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى

2011-يىلى 23-ئىيۇل بىلەن 25-ئىيۇل ئارىسىدا سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە ئىسلام ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ جىددىي يىغىنى چاقىرىلدى.

0:00 / 0:00

يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن تاللانغان ئىسلام ئۆلىمالىرى، مۇتەپەككۇرلار ۋە ھەر قايسى ئىسلامى تەشكىلاتلارنىڭ مەنسۇپلىرى ئىشتىراك قىلدى.

يىغىن ئىسلام ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدىكى قارارگاھىدا ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىننىڭ نامى «ئىسلام دۇنياسىدىكى مۈشكۈلاتلارنى ھەل قىلىش چارىلىرى» دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ، مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان قىيىن مەسىلىلەر ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە لېكسىيىلەر سۆزلەندى ۋە ئىسلام دۇنياسى دۇچ كېلىۋاتقان نۆۋەتتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش توغرىلىق پىكىر-تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

يىغىنغا ئۇيغۇر ۋەكىللەرمۇ ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئاۋسترالىيىدىن ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇسسالام قارىم، گېرمانىيىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دىنىي ئىشلار مەسئۇلى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇنلار ئىشتىراك قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىزنىڭ تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنى ئاڭلىغايسىلەر.