كېيىن تۈركىيە دۆلەت رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل بىلەن كۆرۈشتى. جو بايدىن تۈركىيە دۆلەت رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا، نوقتىلىق ھالدا سۈرىيىنىڭ ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى بىلەن ئىران مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان. بۇلاردىن باشقا يەنە پ ك ك تېررور تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەشتە ئامېرىكىنىڭ تۈركىيىگە قىلغان ياردىمى، ئافغانىستان، ئەرەب باھارى، تۈركىيە بىلەن ئىسرائىل ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ۋە تۈركىيە - ئەرمەنىيە مۇناسىۋىتى قاتارلىق تېمىلاردا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇئاۋىنى فەرىدىن سىنىرلىئوغلۇ، تۈركىيىنىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نامىق تان ۋە ئامېرىكىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى فرانچىس رىككىئاردونە قاتارلىق كىشىلەرمۇ قاتناشقان بۇ ئۇچرىشىش ئىككى سائەت داۋاملاشتى. ئۇچرىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تۈركىيە دۆلەت رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل مۇخبىرلارغا قىسقا بىر بايانات بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
ئىراقنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆزلەشتۇق. ئۇمۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، رايونىمىزدىكى مەسىلىلەر ھەققىدە سۆزلەشتۇق. تۈرك بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە نۇرغۇن تېمىلار بار ئىدى، بۇ ھەقتە سۆزلىشىش پۇرسىتىمۇ بولدى.
بىر مۇخبىرنىڭ ئامېرىكا تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە تۈركىيىگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئۈچ دانە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بەردى. بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشىڭىزدا بۇ ھەقتە نېمە يېڭىلىقلار بار دېگەن سوئالىغا، ئابدۇللا گۈل جو بايدىن ئىراقتىمۇ بىر يۈرۈش ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى. تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشتە ھەمپىكىر بولدۇق دەپ جاۋاب بەردى.
باياناتتا جو بايدىن بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشتا تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشتە ھەمپىكىر بولغانلىقى تەكىتلەنگەن.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ ياردەمچىسى جو بايدىن ئىستانبۇلدا «خەلقئارالىق تەشەببۇس قىلغۇچىلار» يىغىنىغا قاتناشقاندىن باشقا تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەنمۇ كۆرۈشىدىكەن. ئۇ 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن گىرىتسىيىگە بارىدىكەن. جو بايدىن ئىراقتىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ تۈركىيىگە كەلگەن ئىدى.
ئەرەب باھارىدا تۈركىيىنىڭ داۋاملىق ھالدا ئەرەب خەلقىنى ۋە نامايىشچىلارنى قوللاپ - قۇۋەتلىشى، ئەرەب باھارىغا دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرى نۇقتىنەزىرىدىن قارىشى تۈركىيىنىڭ خەلقئارادىكى ئابرويىنى يۇقىرى كۆتەردى. تۈركىيە سۈرىيىدىكى قوزغىلاڭدىن قاچقان خەلققە چېگرىسىنى ئاچتى، تۈركىيە دۆلەت رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان داۋاملىق ھالدا سۈرىيە دۆلەت باشلىقى بەشار ئەساتنى ئۆز خەلقىغە زۇلۇم قىلماسلىققا، خەلقىنى ئۆلتۈرمەسلىككە چاقىرماقتا. ھەتتا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ بەشار ئەسات ھۆكۈمىتىگە قارشى بولغان ئۆكتىچىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ سۈرىيىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بارماقتا. ئۇلار تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە تۈركىيىدە ئىش بىجىرىش ئورنى ئېچىش تەلىپىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. شۇڭا بەزى مۇتىخەسسىسلەر جو بايدىننىڭ بۇ قېتىمقى تۈركىيە زىيارىتىدە نوقتىلىق ھالدا سۈرىيە مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن قانداق ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.
بىز ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ ياردەمچىسى جو بايدىننىڭ تۈركىيىگە ئېلىپ بارغان بۇ زىيارىتى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسلىرىگە مىكرافونىمىزنى ئۇزاتتۇق.