ئامېرىكا ئاۋام پالاتا رەئىسى جون بېينىر خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى ئىككىلەنمەي قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

خىتاي كومپارتىيە ھاكىمىيىتى ھۆكۈمەتنىڭ كونتروللۇقى سىرتىدىكى بارلىق دىنىي پائالىيەت ۋە دىنىي گۇرۇھلارنى جەمئىيەتتىكى مۇقىملىقىغا زىيانلىق ئامىللار، دەپ قاراپ باستۇرۇپ كەلگەن ئىدى.

0:00 / 0:00

دىنىي ئەركىنلىك ئامېرىكىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىدىكى سەزگۈرلۈكى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كوممۇنىستىك تەبىئىتى سەۋەبلىك ئامېرىكا -خىتاي ئارىسىدىكى ئىزچىل نازۇك مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى. ئامېرىكا ئاۋام پالاتا رەئىسى جون بېينىرنىڭ تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى سۆزلىرىدىن قارىغاندا بۇ مەسىلە يەنە، جۇمھۇرىيەتچىلەر كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن بۇ نۆۋەتلىك ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى يېقىندىن دىققەت قىلىدىغان مەسىلە بولۇپ قالىدىغاندەك قىلىدۇ.

جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا رەئىسى جون بېينىر چارشەنبە كۈنى خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىگە پىكىر بىلدۈرۈپ، خىتايدا دىنىي ئەركىنلىكنى قوللايدىغانلىقى ۋە بۇ جەھەتتىكى قوللىشىنىڭ ئۈزۈل-كېسىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ شۇ كۈنى خوڭكوڭ كاتولىك چېركاۋىنىڭ كاردىنالى چېن رىجۈننى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ خىتاي دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىدىكى قارىشىنى شەرھلەپ، «دىنىي ئەركىنلىك ئاساسى كىشىلىك ھوقۇقتۇر. ئەگەر ھۆكۈمەت خەلقنىڭ بۇ ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلسا، ئامېرىكا بۇنىڭغا سۈكۈت قىلماسلىقى كېرەك ۋە شەرت» دەپ تەكىتلىگەن.

بۇ، جون بېينىرنىڭ بۇ يىل 1-ئايدا ئاۋام پالاتا رەئىسلىك ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان قىلغان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدىكى ئەڭ قاراتمىلىققا ئىگە سۆزلىرىنىڭ بىرىدۇر. جون بېينىرنىڭ ئىشخانىسى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا بېينىرنىڭ يەنە ئالاھىدە ئەسكەرتىپ، چېن رىجۈننىڭ خىتايدىكى بارلىق خەلقلەرنىڭ دىنىي ئازادلىقى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمىتىنى «ئۈزۈل-كېسىل» قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

دىنىي ئەركىنلىك نېمە ئۈچۈن ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدا ئىزچىل تالاش-تارتىشتىكى سەزگۈر مەسىلە بولۇپ قالىدۇ؟ خىتايدا دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئامېرىكىنىڭ تېكساس شتاتىدىكى «جۇڭگو ياردەم جەمئىيىتى» ناملىق خرىستىئان مىسيونېرلىك گۇرۇھىنىڭ مەسئۇلى بىشوپ فۇ شىچيۇ بۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت قۇرۇلۇش پرىنسىپى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ، ئامېرىكىنىڭ خىتاي دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىدىكى سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ، دىنىي ئەركىنلىك ئامېرىكىنىڭ دۆلەت قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسى قىممەت قارىشىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. فۇ شىچيۇ «دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى نېمە ئۈچۈن مۇھىم دېگەندە، بۇنى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت قۇرۇلۇش سەۋەبى بىلەن باغلاشقا بولىدۇ. بىزگە مەلۇم، ئامېرىكىنى قۇرغۇچى رەھبەرلەر ياۋروپادىكى دىنىي زىيانكەشلىكتىن قېچىپ كېلىپ، ئامېرىكىدا دىنىي زىيانكەشلىك بولمىغان غايىۋى جەمئىيەت قۇرماقچى بولغان كىشىلەر ئىدى. شۇڭا ھەر نۆۋەتلىك ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە شۇنداقلا ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ھەر يىلى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كۈنى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى 1999-يىلى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قانۇنى ماقۇللاپ، پرېزىدېنت كلىنتوننىڭ قول قويۇشى بىلەن خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك باش ئەلچىسى، دىنىي ئەركىنلىك ئىشخانىسى تەسىس قىلىپ، ھەر يىلى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئېتىقادى ۋە ياكى ئۇلارنىڭ دۆلەت قۇرۇلۇش ئاساسىغا بولغان چۈشەنچىسىدىن تۇغۇلغان قىممەت قارىشى ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ مۇھىم ھالقىلىرىدىن بىرىدۇر» دەپ كۆرسەتتى.

ئاۋام پالاتا رەئىسى جون بېينىر، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ يىل 1‏-ئايدا ئېلىپ بارغان ئامېرىكا زىيارىتى جەريانىدا ئۇچراشقان يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ خۇ جىنتاۋغا بەرگەن ئاق سارايدىكى كەچلىك زىياپىتىگە تەكلىپ قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن زىياپەتكە قاتناشمىغان. خۇ جىنتاۋ زىياپەتنىڭ ئەتىسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان ئىدى. بېينىر بىلەن خۇ جىنتاۋنىڭ 20-يانۋاردىكى شۇ نۆۋەتلىك سۆھبىتىدە بېينىر، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، بولۇپمۇ دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقىنىڭ رەت قىلىنىشى، خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاياللارنى بالا چۈشۈرۈشكە مەجبۇرلاش ئەھۋاللىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

خىتاي ئاساسى قانۇنىدا پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى كاپالەتكە ئىگە، دېيىلگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى ھۆكۈمەتنىڭ كونتروللۇقى سىرتىدىكى دىنىي پائالىيەتلەرنى جەمئىيەت مۇقىملىقىغا زىيانلىق ئامىللار قاتارىدا كۆرۈپ، باستۇرۇپ كەلدى.

«جۇڭگو ياردەم جەمئىيىتى» دىكى بىشوپ فۇ شىچۇينىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، دىن جەمئىيەت مۇقىملىققا خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئامىل ئەمەس، بەلكى جەمئىيەت مۇقىملىقنى قوغداپ، تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر ئامىلدۇر.

ئۇ مۇقىمسىزلىقنىڭ ئەسلى تۈرلۈك دىنىي ئېتىقادلارغا يول قويماسلىقتىن كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «جۇڭگو كومپارتىيىسى ئىناق جەمئىيەت قۇرۇشنى ئىزچىل تەكىتلەپ كەلدى. ئەگەر بىر جەمئىيەت ئۆزىنىڭ پۇقرالىرىنىڭ نورمال دىنىي ئەركىنلىكىنى قوغدىمىسا، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوللىنىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلمىسا، بۇنداق جەمئىيەتتە ئىناقلىق بولمايدۇ. دېمەكچىمەنكى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەقىل دىنىي جەمئىيەتلەرنى ۋە باشقا دىنىي گۇرۇھلارنى كونترول قىلىپ، ئۇلارنى باستۇرۇش سىياسىتى ھەرگىز ئۇلار كۈتكەندەك نەتىجە بەرمەيدۇ. بەلكى ئەكسىچە رول ئوينايدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ھەققىدىكى دوكلاتلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالى خىتايدىكى باشقا مىللەت ۋە دىنىي گۇرۇھلارغا قارىغاندا بىر قەدەر ئېغىرلىقى، خىتاينىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى باستۇرۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بىشوپ فۇ شىچيۇنىڭ تەكىتلىشىچە، قەشقەر ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئۇيغۇر خرىستىئان مۇرىتى ئالىمجان ھىمىتنىڭ مەسىلىسى، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە دىنىي ئەركىنلىككە قانچىلىك دەرىجىدە ئېغىر زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقىنى نامايان قىلىدىكەن. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىنىي زاتلىرىغا سىياسىي تەلىم-تەربىيە ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنى كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى.

فۇ شىچۇي مۇنداق دەيدۇ: «ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ دىنىي ئىبادىتى ئوخشاشلا نۇرغۇن بېسىم ۋە چەكلىمىگە ئۇچرىماقتا. مەسىلەن، دىنىي ئۆلىمالار، ئىسلام جەمئىيىتىگە ئەزا ئاتالمىش ۋەتەنپەرۋەر دىنىي جامائەت رەھبەرلىرى پۈتۈنلەي ھۆكۈمەت تەرىپىدىن كونترول قىلىنماقتا ۋە ۋەزىپىگە قويۇلماقتا. مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ مەسچىتكە بېرىپ، دىنىي ئىبادەت بىلەن شۇغۇللىنىشى نازارەت ئاستىغا ئېلىنماقتا. دىنىي رەھبەرلەر سىياسىي ئۆگىنىش كۇرسىلىرىغا قاتنىشىشقا مەجبۇرلىنىپ، مېڭىسى يۇيۇلۇۋاتىدۇ.»

فۇ شىچيۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئاممىسى ۋە دىنىي زاتلىرىغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش تەربىيىسى، دېگەندەك پائالىيەتلەر ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر ساياھەتچىلىرىگە ئالاھىدە رۇخسەتنامە ئېلىشنى تەلەپ قىلىش قاتارلىق ساياھەت چەكلىمىلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتىكى ئىجتىمائىي كەمسىتىشكە كىرىدىغان قىلمىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭ خىتاي ئاساسى قانۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك ماددا ۋە مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە خىلاپ، ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

جون بېينىر، خۇ جىنتاۋ بىلەن ئېلىپ بارغان 20-يانۋاردىكى سۆھبىتىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىپ، «بارلىق خىتاي پۇقرالىرىنىڭ جۈملىدىن تۇغۇلمىغان بوۋاقلارنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ئىززەت ھۆرمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش مەسىلىسىگە كەلسەك، خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ مەسىلىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش مەسئۇلىيىتى بار» دەپ تەكىتلىگەن ئىدى. جون بېينىرنىڭ ئىشخانىسى ئېلان قىلغان كاردىنال چېن رىجۈن بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت ھەققىدىكى باياناتىدا، چارشەنبە كۈنكى ئۇچرىشىش خۇ جىنتاۋ بىلەن ئېلىپ بېرىلغان 20-يانۋاردىكى سۆھبەتكە ئالاقىدار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.