ئانالىزچىلار: جوۋ يۇڭكاڭنىڭ «شىنجاڭ خىزمىتى» ھەققىدىكى سۆزلىرى ئاساسلىق خىتاي كۆچمەنلىرىگە قارىتىلغان

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە مەسئۇل «مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى» ناملىق ئورگىنى، 23‏-ئۆكتەبىر مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ، ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتى ۋە سىياسىتىنى مۇزاكىرە قىلغان.

0:00 / 0:00

يىغىنغا ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى، كومپارتىيە سىياسىي بيۇرو دائىمىي ئەزاسى جوۋ يۇڭكاڭ رىياسەتچىلىك قىلغان ۋە مۇھىم سۆز قىلغان ئىدى.

28‏-ئۆكتەبىر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىن چاقىرىپ، «شىنجاڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى» نىڭ يىغىنىنىڭ روھىنى ۋە جوۋ يۇڭكاڭنىڭ يىغىندا قىلغان سۆزىنى يەتكۈزگەن. مەزكۇر يىغىننىڭ 8‏-نويابىر كومپارتىيە 18‏-قۇرۇلتىيى چاقىرىلىدىغان ھالقىلىق پەيتتە ئېچىلىشى، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بەزى ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، جوۋ يۇڭكاڭنىڭ «شىنجاڭ خىزمىتى» ھەققىدىكى سۆزلىرى ئاساسلىق خىتاي كۆچمەنلىرىگە قارىتىلغان. يەنى مەقسەت، 18-قۇرۇلتايدا كومپارتىيە رەھبەرلىك قاتلىمى ئالماشسىمۇ، بىراق مەركەزنىڭ «شىنجاڭ سىياسىتى» ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش، بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنى خاتىرجەم قىلىشتۇر.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز، ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ۋەزىيەت ئانالىزچىسى، شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق سىياسىي پەنلەر لېكتورى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى.