قان تۆكۈلۈشلەر يەنە ئىلگىرىكىسىدىن كۆپرەك كۆرۈلۈشكە باشلىغان. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بارلىقى ياكى يوقلۇقىنىڭ ھېچقانداق پەرقى بولمىغان.
سۈرىيىلىك نامايىشچىلار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى تەختتىن چۈشۈرۈشنى نىشان قىلغان شوئارلارنى توۋلاپ 13-يانۋار جۈمە كۈنى سۈرىيىنىڭ كۆپلىگەن شەھەر ۋە ۋىلايەتلىرىدە نامايىشلىرىنى باشلىۋەتكەن.
قاتارنىڭ «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلى 2012-يىلى 13-يانۋار كۈنىدىكى خەۋىرىدە سۈرىيىنىڭ دەمەشىق، ھەمس، ئىدلىب، دەرئا، ھەلەب قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان نامايىشلارنى نەق مەيداندىن كۆرسەتكەن بولۇپ، نامايىشچىلار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلىپ چوڭ كۆلەملىك نامايىش ئۇيۇشتۇرغان.
سۈرىيىلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى مۇھەممەد مۇدى 2012-يىلى 13-يانۋار جۈمە كۈنى «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى نامايىش بەششار ئەل ئەسەدنى ئىسلاھاتقا چاقىرىش ئەمەس، بەلكى تەختتىن چۈشۈشكە چاقىرغان جىددىي بىر نامايىش بولدى. مۇندىن ئىلگىرى سۈرىيىگە ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىدىن مەخسۇس كۆزەتكۈچى گۇرۇپپا كەلسە ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بولۇشىنى كۈتكەن سۈرىيىلىكلەر بۇ كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كەلگەنلىكىدىن ھېچقانچىلىك بىر ئاددىي ئۆزگىرىشنىمۇ ھېس قىلالمىدى. ئۇلارنىڭ قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدى. ھەتتا كۆزەتكۈچىلەر كەلگەندىن كېيىن ۋەزىيەت تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتى. شۇنداق قىلىپ نامايىشچىلارنىڭ ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشىدىن ئۈمىدى پۈتۈنلەي ئۈزۈلدى. شۇڭا ئۇلار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلىپ ئومۇميۈزلۈك نامايىش ئۇيۇشتۇردى.»
كۆزەتكۈچىلەرمۇ نامايىشچىلارغا ھېسداشلىق قىلدى
مۇھەممەد مۇدى يەنە مۇنداق دېدى: «ئەرەب دۆلەتلىرى ’ئىتتىپاقى تەرىپىدىن سۈرىيىگە ئەۋەتىلگەن كۆزەتكۈچىلەر بىر تەرەپتىن جېنىنى ئامان ساقلاشقا تىرىشسا، يەنە بىر تەرەپتىن نامايىشچى خەلققە ھېسداشلىق قىلىپ ئۇلارنىڭ دەردلىرىنى ئاڭلاشقا تىرىشىپ كەلدى. ئەمما ئۇلارمۇ ئەسەد ھاكىمىيىتى تەرەپدارلىرىنىڭ زەربىلىرىدىن خالىي قالمىدى. چۈنكى ساقچىلار ئۇلارغىمۇ ئوق چىقاردى. سۈرىيىدىكى ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئادەملىرى نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىش بىلەن تەھدىت قىلىپ كەلگىنىدەك، كۆزەتكۈچىلەرگىمۇ تەھدىت ياغدۇرماقتا. ئەمما بۇ كۆزەتكۈچىلەر گۇرۇپپىسى سۈرىيىنىڭ نامايىش چىققان شەھەرلىرىنىڭ ھەممىسىگە بېرىپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى خاتىرىلەش ئىشىدىن ھېچ ۋاز كەچمىدى. تەھدىت يېغىپ تۇرسىمۇ سۈرىيىدىن چىقىپ كېتىش كويىدا بولمىدى. بۇنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تۆھپىسى دېيىشكە بولىدۇ. يەنىلا بۇ كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قولىدىن ئىش كەلمىگەنلىكىدىن، ئۇلاردىن ئاغرىنىشنىڭ يولى يوق.»