1-ئىيۇل خىتاينىڭ پارتىيە بايرىمى كۈنى جۈمە نامىزى نازارەت ئاستىدا ئوقۇلدى

بۇ ھەپتىلىك جۈمە نامىزى خىتاينىڭ پارتىيە بايرىمى كۈنىگە توغرا كەلگەن بولۇپ، ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە بۈگۈنكى جۈمە نامىزى قاتتىق نازارەت ئاستىدا ئوقۇلغان.

0:00 / 0:00

رادىئومىز ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۈگۈن 1-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىق خاتىرە كۈنى تەبرىكلىنىش بىلەن بىللە، ئۈرۈمچى، غۇلجا، قەشقەر قاتارلىق شەھەرلەردە ۋەزىيەت ئادەتتىكى چاغلاردىكىدىن جىددىيلەشكەن.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى، غۇلجا قاتارلىق شەھەرلىرىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغانلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۈرۈمچىدە كوچا چارلاپ يۈرگەن ساقچىلار ئادەتتىكى كۈنلەردىن كۆرۈنەرلىك كۆپەيگەن. بۇ ھەپتىلىك جۈمە نامىزىمۇ ساقچى، ئەسكەرلەر ھەم كوچا چارلاپ يۈرگەن ساقچى ئاپتوموبىللىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئوقۇلغان.

غۇلجىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر، بۈگۈن كوچىدا ئۆزى كۆرگەن ئەھۋاللارنى بايان قىلىپ، غۇلجا ۋەزىيىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكىنى، بولۇپمۇ بۈگۈنكى جۈمە نامىزىنىڭ ساقچىلار ھەرقايسى مەسچىتلەرنى قورشىۋالغان ئەھۋال ئاستىدا قاتتىق نازارەت ئىچىدە ئوقۇلغانلىقىنى بايان قىلدى.

بىز بۇ كىشىدىن بۈگۈنكى جۈمە نامىزىنىڭ مەسچىت ئىچىدە قانداق ھالەتتە ئوقۇلغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ ئېھتىياتچانلىق بىلەن جاۋاب بېرىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەسچىتتىكى ئىمام قاتارلىق دىنىي خادىملار ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بەلگىلەنگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزى ھەم ئۆزىگە ئوخشاش نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ناماز ئوقۇش ئۈچۈن مەسچىتكە كىرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىگە ئۈرۈمچىنىڭ يېقىنقى بىرنەچچە كۈندىن بۇيانقى ئەھۋالىنىڭ جىددىيلىكىنى بىلدۈرگەن جاڭ فامىلىلىك خىتاي پۇقراسى مۇنداق دېگەن.

« ئىككى كۈندىن بۇيان ئۈرۈمچى ۋەزىيىتى جىددىيلىشىپ كەتتى. كوچىلاردا چارلاپ يۈرگەن قوراللىق ساقچىلار ھەم ئالاھىدە ساقچىلار ئادەتتىكى كۈنلەردىكىدىن كۆپ. ئۈچتىن بەشكىچە قوراللىق ساقچى بىر گۇرۇپپا بولۇپ، كوچىلاردا چارلاپ يۈرۈۋاتىدۇ.ساقچى ئاپتوموبىللىرىمۇ 24 سائەت توختىماي چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. كوچىلاردا كومپارتىيىنىڭ 90-يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز، پارتىيە كۆرسەتكەن يولدا ماڭىمىز، پارتىيىنىڭ گېپىنى ئاڭلايمىز دېگەن مەزمۇندىكى پلاكاتلار ئېسىلىپتۇ. ئەمما شەھەر ئىچى بايرام كەيپىياتىدا ئەمەس بەلكى جىددىي بىر ھالەتتە قالغاندەك كۆرۈنىدۇ.»

جاڭ فامىلىلىك بۇ خىتاي پۇقراسى يەنە، ئۈرۈمچى ۋەزىيىتىنىڭ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان جىددىيلىشىپ كېتىشىدىكى سەۋەب ھەققىدە ئۆز پەرىزىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ سۆزىدە ئۈرۈمچى ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىشىشى 1-ئىيۇل پارتىيە بايرىمى سەۋەبىدىنلا بولماستىن، ئاساسلىقى يەنىلا 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ئىككى يىللىق خاتىرە كۈنى يېقىنلىشىپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۈگۈن جۈمە نامىزىدىن كېيىن ساقچى دائىرىلىرى ئۈرۈمچى نوغاي مەسچىتى( ھازىرقى نامى بەيتۇللا مەسچىتى)نىڭ ئالدىدا جۈمە نامىزىدىن چىقىپ توپلىشىپ تۇرغان ئۇيغۇرلارنى تارقىتىۋەتمەكچى بولغىنىدا، ساقچىلارنىڭ بۇيرۇقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئۇيغۇرلاردىن 4 كىشىنى تۇتۇپ كەتكەن.

دىلشات رىشىت ئۆز بايانىدا يەنە شەرقىي تۈركىستاندىكى بۇ خىل جىددىي كەيپىياتنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆزى پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، دائىرىلەرنىڭ بۇنداق قاتتىق تەدبىر ئېلىشى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 2-يىللىقى ھارپىسىدا، رايوندا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

دىلشات رىشىت ئەپەندى سۆزىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى پەسەيتىشتە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مىللىي كەمسىتىش، باستۇرۇش سىياسىتىنى تۈزىتىشكە تىرىشماستىن ئەكسىچە، ئۇيغۇرلارغا قارىتا بۇ خىل قاتمۇ-قات نازارەتنى كۈچەيتىپ، رايون ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ قاتماللاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنى تەنقىدلىدى.