قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلىدى

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى 1933-يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ 78 يىللىقى ۋە 1944-يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 67 يىللىقى خاتىرىلەندى.

0:00 / 0:00

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 11-نويابىر كۈنى بېشكەكتىكى ئالامىدىن مەھەللىسى پائالىيەت سورۇنىدا 1933-يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ 78 يىللىقى ۋە 1944-يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 67 يىللىقى خاتىرىلەندى. بۇ پائالىيەتكە شەرقى تۈركىستان ئىنقىلابىغا قاتناشقان پېشقەدەملەر، ھەر قايسى مەھەللە ئاكتىپلىرى، ئاياللار، ئاقساقاللار ھەمدە ياشلار ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 200دىن كۆپرەك ئادەم قاتناشتى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.