شۇ كۈنى قۇرۇلتايدا سۆزگە چىققان جۇمھۇرىيەتچى سەرخىللەر بولسا دېموكراتلار نامزاتى باراك ئوبامانى شىددەتلىك تەنقىد قىلىپ، ۋاشىنگتوننى كونسىرۋاتىپلاشتۇرۇدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئەركىن مەلۇمات بېرىدۇ.
مىننېسوتا شتاتىنىڭ سانت پائۇل شەھىرىدە ئېچىلىۋاتقان جۇمھۇرىيەتچىلەر قۇرۇلتىيىنىڭ چارشەنبە كۈنكى يىغىنىنىڭ پروگراممىسىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋەقە جۇمھۇرىيەتچى مۇئاۋىن پرېزىدېنت نامزاتى، ئالياسكا ۋالىسى سارا پېيلىننىڭ قۇرۇلتايدا سۆز قىلىپ، جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنت نامزاتلىقىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى جاكارلىشى ئىدى. ئۇ، قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىگە تەنتەنە بىلەن " مەن دۆلىتىمىز ھەل قىلغۇچ مىنۇتلاردا تۇرۇۋاتقان بىر مەزگىلدە.....بۇ سايلامدىكى كەسكىن رىقابەتكە چۈشۈشنى.... رىقابەتچىمىزگە كۆكرەك كېرىشنى قوبۇل قىلدىم" دەپ جاكارلىدى. ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ": مەن ۋاشىنگتونغا باشقىلارنىڭ شېرىن خىيالىنى كۆرۈشكە بارماقچى ئەمەس. مەن ۋاشىنگتونغا بۇ دۆلەت خەلقىغە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن بارىمەن. ئامېرىكا بىزدىن ۋاشىنگتونغا ياخشى ئادەملەرنى قايمۇقتۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى توغرا سەۋەبلەر بىلەن بېرىشىمىزنى كۈتمەكتە". ئۇ نۇتۇقىدا ئۆزىنىڭ ئائىلە ئەھۋالى، ئالياسكىغا ۋالى بولۇش جەريانىدا قىلغان خىزمىتى ۋە پەرزەنتلىرىنى تونۇشتۇردى.
جۇمھۇرىيەتچىلەر پرېزىدېنت نامزاتى جون مىكېيننىڭ سارا پېيلىننى مۇئاۋىن پرېزىدېنت نامزاتلىقىغا تاللىغانلىقى ئامېرىكىدا پېيلىننىڭ بۇ ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان تەجرىبىگە ئىگە ياكى ئەمەسلىكى توغرىسىدا تالاش تارتىش ياراتقان ئىدى. پېيلىن سانت پائۇلدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر قۇرۇلتىيىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا دېموكراتلارنىڭ بۇ ھەقتىكى تەنقىدلىرىنى رەت قىلىپ، قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىگە بۇ ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان يېتەرلىك تەجرىبىگە ئىگە ئىكەنلىكى توغرىسىدا ۋەدە بەردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ": مەن بۈيۈك شتات ئالياسكىغا ۋالى بولۇشتىن بۇرۇن ئۆز يۇرتۇمنىڭ شەھەر باشلىقى ئىدىم.... بۇ سايلامدا بىزنىڭ رىقابەتچىلىرىمىز بۇ تەجرىبىلىرىمگە سەل قارىغاندەك قىلىدۇ. مەن ئۇلارغا نېمە خىزمەتلەرنى قىلغانلىقىمنى چۈشەندۈرۈپ قوياي. مېنىڭچە كىچىك بىر يۇرتنىڭ باشلىقى بولۇش بىر ئاز جامائەت خىزمىتى قىلغانلىققا ئوخشايدۇ. لېكىن بۇنىڭدا سىز يەنىلا كونكرېت بىر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىڭىزگە ئالغان بولىسىز". ئۇ ئۆزىنىڭ ئامېرىكىغا مۇئاۋىن پرېزىدېنت بولۇشنى ئاتقۇرالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. پېيلىن " مەن پۈتۈن ئامېرىكىلىقلارغا شۇنى ۋەدە قىلالايمەنكى، مەن ئۆزەمدە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتىغا تېگىشلىك مەنىۋىي روھنى ئېلىپ يۈرىمەن. بۇ روھ مېنى ۋالىلىققا قەدەر يۈكسەلتتى...." دەپ كۆرسەتتى.
سارا پېيلىن ئامېرىكا تارىخىدا مۇئاۋىن پرېزىدېنت نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن 2 - ئايال نامزات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ بىر تەۋرەنمەس كونسېرۋاتىپ شۇنداقلا ھامىلدار ئاياللارنىڭ بالا چۈشۈرۈشىگە قەتئىي قارشى ياش جۇمھۇرىيەتچىدۇر. ئۇ قۇرۇلتايدىكى نۇتۇقىدا يەنە خەلقئارا مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق نېفىتىگە تايىنىشىنى ئازايتىدىغانلىقى، ئامېرىكىنىڭ ئۆزىدىكى نېفىت زاپىسىنى ئېچىشنى، ئەگەر بۇ ئەمەلگە ئاشسا ئامېرىكىنىڭ ئېنېرگىيىدە باشقىلارغا تايىنىشىنى، ئامېرىكىغا كېلىدىغان خەۋپنى ئازايتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ": رۇسىيە كاۋكازىيە رايونىدىكى مۇھىم نېفىت تۇرۇبىلىرىنى ئۆزىنىڭ كونتروللۇقىغا ئالماقچى بولۇۋاتقان شۇنداقلا نېفىت ۋە تەبئىي گازنى كوزۇر قىلىپ، ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى پارچىلاۋاتقان ۋە ئۇلارغا تەھدىت سېلىۋاتقان ئەھۋالدا بىز ئۆزىمىزنى باشقىلارنىڭ مەرھەمىتىگە ئاتىيالمايمىز. ئىراننىڭ دۇنيا ئېنىرگىيە تەمىناتىنىڭ ئاز كەم يېرىمىنى ئىگىلەيدىغان نېفىت تەمىناتىنى ئۈزۈۋېتىش خەۋپىگە قارشى تۇرۇش.... ياكى تېررورچىلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ Abqaiq نېفىت ئەسلىھەسىگە ھۇجۇم قىلىش ئېھتىمالى... ۋە ياكى ۋېنىزۇئېللانىڭ نېفىت يەتكۈزۈشنى توختىتىش ئېھتىمالىغا قارشى... بىز ئامېرىكىلىقلار ئۆزىمىزنىڭ نېفىت ۋە تەبئىي گاز زاپىسىنى ئىشلەپچىقىرىشقا ئېھتىياجمىز".
قۇرۇلتاينىڭ چارشەنبە كۈنكى پروگراممىسىدا سۆز قىلغان جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ كۆپ قىسىمى مەزكۇر پارتىيىدىكى مەشھۇر شەخسلەر ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى مىت رومنېي، مايك خاكۇبې ۋە رۇدى گۇلىيانىلار جون مىكېين بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ پرېزىدېنت نامزاتلىقىنى تالاشقان شەخسلەر بولۇپ، لېكىن پارتىيىنىڭ نامزاتلار سايلىمىدا مىكېينگە ئۇتتۇرۇپ قويغان ئىدى. مىت رۇمنېي قۇرۇلتايدىكى نۇتۇقىدا دېموكراتلارنى تەنقىد قىلدى ۋە ئامېرىكىغا ھەقىقىي ئۆزگىرىشنى جون مىكېين بىلەن سارا پېيلىننىڭ ئېلىپ كېلەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، " ئەگەر ئامېرىكا ھەقىقەتەن ئۆزگىرىشنى خالىسا قۇياشنىڭ غەربتىن كۆتۈرۈلۈۋاتقانلىقىغا تىكىلىش ۋاقتى كەلدى. چۈنكى بۇ قۇياش ئارىزونا ۋە ئالياسكىدىن كۆتۈرۈلمەكتە ۋە چاقنىماقتا"، دەپ كۆرسەتتى.
نۇتقىنىڭ داۋامىدا "ھازىرقى ۋاقىت دوست تارتىدىغان ۋاقىت ئەمەس، بۈيۈك ئىدىيىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان ۋاقىت، " دەپ تەكىتلىگەن مىت رۇمنېي، ئامېرىكا ئىقتىسادى خىتاينىڭ تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ": بىزنىڭ ئىقتىسادىمىز ھۇجۇمغا دۇچ كەلمەكتە. خىتاينىڭ ھەرىكىتى ئۆزىگە ھورمون ئۇرۇۋالغان ئادەمگە ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ. ئۇلار دۇنيادىن ئاچكۆزلۈك بىلەن نېفىت سېتىۋېلىپ، يادرو تېخنىكىسى ساتماقتا. رۇسىيە ۋە نېفىت ساتقۇچى دۆلەتلەر ھەر يىلى بىزدىن 500 مىليارد دوللاردىن سۈمۈرۈپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ زور ئىقتىسادى بايلىقنى يۆتكەش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ."
رۇدى جۇلىيانى جون مىكېين بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتلىقىنى تالاشقان، لېكىن سايلامدا جون مىكېينگە ئۇتتۇرۇۋەتكەن نيۇ يورك شەھىرىنىڭ سابىق باشلىقى. ئۇ، قۇرۇلتايدىكى نۇتۇقىدا جون مىكېين بىلەن بىلەن سارا پېيلىننى ماختىدى. جۇلىيانى " ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئوخشىمىغان تۇرمۇش تەجرىبىلىرىگە ئىگە دۇرۇس ۋە ۋەتەنپەرۋەر ئادەملەر بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ ھازىرقى تارىخىي مىنۇتلاردا ئۆز - ئارا ئورتاقلىشىشىنى ئالغا سۈرمەكتە....." دەپ كۆرسەتتى. ئۇ دېموكراتلار نامزاتى باراك ئوباماغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى ئامېرىكىنىڭ كېيىنكى بىر ئەسىرلىك تارىخىدا چىققان ئەڭ تەجرىبىسىز پرېزىدېنت نامزاتى، دەپ ئەيىبلىدى.
جۇلىيانى مۇنداق دەيدۇ": ئۇ ئۆزىنىڭ كۆپ قىسىم ۋاقتىنى مۇراسىملارنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى بولۇپ ئۆتكۈزدى. ئۇ رەھبەرلىك قىلىپ باقمىدى، قانۇن چىقىرىپ باقمىدى..... ئۇ بىرەر شەھەر، بىرەر شتات ياكى بىرەر كارخانىنى باشقۇرۇپ باقمىدى. ئۇ خەلق دۇچ كەلگەن بىرەر كرىزىسىنى ھەل قىلىپ باققان ئەمەس. ئۇ ئامېرىكا تارىخىدا كېيىنكى 100 يىلدا چىققان ئەڭ تەجرىبىسىز پرېزىدېنت نامزاتىدۇر".
ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى جون مىكېيىن پەيشەنبە كۈنى قۇرۇلتاي نۇتۇقى سۆزلەپ، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ نامزاتلىقىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ. ئۇ چارشەنبە كۈنى سانت پائۇل شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن. مۇئاۋىن پرېزىدېنت نامزاتى سارا پېيلىننىڭ نۇتۇقى قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ ئۇزۇنغا داۋاملاشقان ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى.
0:00 / 0:00