پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ 2 - باسقۇچى 7 - ئايدا باشلانغاندىن كېيىن بۇ باسقۇچتا، دېموكراتلار پارتىيىسى 8 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن 28 - كۈنىگىچە كالورادو شىتاتىدا مەملىكەتلىك قۇرۇلتېيىنى ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتلىقىغا كۆرسىتىلگەن نامزاتلاردىن باراك ئوبامانى ئامېرىكا پرېزىدېنتى نامزاتلىقىغا، جو بايدېننى مۇئاۋىن پرېزىدېنت نامزاتلىقىغا كۆرسىتىشنى قارار قىلدى.
ئۇنىڭدىن كېيىن، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 4 - كۈنىگىچە، مىنىسۇدا شىتاتىدا مەملىكەتلىك قۇرۇلتېيىنى ئۆتكۈزۈپ، 1 - باسقۇچتا كۆرسىتىلگەن نامزاتلار ئىچىدىن جوھن مىكېيننى ئامېرىكا پرېزىدېنتى نامزاتلىقىغا، سارا پېيلىن خانىمنى مۇئاۋىن پرېزىدېنت نامزاتلىقىغا كۆرسىتىشنى قارار قىلدى. ھازىر ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ پۈتۈن خەلق ئاۋاز بېرىپ ئامېرىكا پرېزىدېنتىنى سايلاپ چىقىدىغان 3 - باسقۇچى باشلاندى. بۇ باسقۇچ 11 - ئايغىچە داۋام قىلىدۇ.
جوھن مىكېين ئەپەندى سارا پېيلىن خانىم بىلەن بىرلىكتە ۋاشىنگتوننى ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى جوھن مىكېين ئەپەندى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتلىقىغا كۆرسىتىش قارارىنى قوبۇل قىلىپ، ئەگەر پرېزىدېنت بولۇپ سايلانسا، مۇئاۋىن پرېزىدېنتلىققا كۆرسىتىلگەن نامزات سارا پېيلىن خانىم بىلەن بىرلىكتە ۋاشىنگتوننى ئۆزگەرتىدىغانلىقى ۋە قانداق سىياسەتلەرنى قوللىنىپ ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن تارىخ يارىتىدىغانلىقى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلىدى.
جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى كۆرسەتكەن ئامېرىكا پرېزىدېنت نامزاتى 72 ياشلىق ، تەجرىبىگە باي جوھن مىكېين ئەپەندى سۆزلىگەن نۇتقىدا، گروزىيە مەسىلىسىدە رۇسىيىنى تەنقىدلىدى ۋە 'بىز تارىخ ئالدىدا ھەرگىزمۇ ئۆزىمىزنى چەتكە ئالمايمىز' دېدى.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، گەرچە دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلتېيى بىر قەدەر تىنچ ئۆتكۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلتىيىدا، ئۆكتىچىلەرنىڭ ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش نامىدا ئېلىپ بارغان نامايىشلىرى زوراۋانلىق ھەرىكەتكە ئايلىنىپ قالغان ئەھۋالمۇ كۆرۈلدى.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە يەنە، بۇ قۇرۇلتايغا ۋىرجىنىيە شىتاتىدىن كەلگەن جېن شۇتىڭ خانىم جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىىسنىڭ قۇرۇلتېيى بىلەن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلتېيىنى سېلىشتۇرۇپ 'گەرچە جەنۇبتىكى دېڭىز بورىنى ئاپىتىدىن خەلقنى قۇتقۇزۇش جىددىي بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ قۇرۇلتايدا يىغىن ئازراق ئۈكسۈپ قېلىپ، خۇددى دېموكراتلارنىڭ قۇرۇلتېيىدەك ئارزۇ - ھەۋەسلەر كۆپ سۆزلىنىپ، ھاياجانلىق ئەۋجىگە كۆتۈرۈلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ قۇرۇلتايدا، ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئەمەلىي مەسىلىلەر كۆپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مۇئاۋىن پرېزىدېنت نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا داڭ چىقارغان 44 ياشلىق سارا پېيلىن خانىمنىڭ نۇتقىدىن كېيىن، بۇ قۇرۇلتايدا قىزغىنلىق ئەۋجىگە كۆتۈرۈلدى' دېدى.
'ئەمدى ئامېرىكىدا چىرىكلىكنى تۈزەيدىغان ئىسلاھات باشلىنىدۇ'
فرانسىيە ئاگېنتلىقنىڭ بايان قىلىشىچە، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى كۆرسەتكەن ئامېرىكا پرېزىدېنت نامزاتى، تەجرىبىگە باي جوھن مىكېين ئەپەندى سۆزلىگەن نۇتقىدا، ئامېرىكا خەلقى ئۈچۈن يېڭى خىزمەت پۇرسەتلىرىنى يارىتىدىغانلىقىنى، مائارىپنى ياخشىلايدىغانلىقىنى، ئېنىرگىيە تەننەرقىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن دۆلەت ئىچىدە ئېنىرگىيە ئىشلەپچىقىرىشنى يولغا قويۇپ، ئامېرىكىنى يېقىلغۇدا چەتئەللەرگىلا تايىنىدىغان خېيىم - خەتەردىن قۇتۇلدۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، جوھن مىكېين نۇتقىدا يەنە 'مەن ۋاشىنگتوندىكى دۆلەت بىلەن كارى بولماي، پەقەت ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئەتىگىلا چوغ تارتىپ ، چىرىكلىشىپ، بەدخەجلىك قىلىۋاتقان، ئەمما قىلغان ئىشىنىڭ تايىنى يوق كىشىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويماقچىمەنكى، ئەمدى سىلەردىكى چىرىكلىكنى تۈزەيدىغان ئىسلاھات باشلىنىدۇ' دەپ جاكارلىدى.
'ئامېرىكىدىكى ئىككى پارتىيىنىڭ تەيۋەن بوغۇزى سىياسىتى ھەققىدە سېلىشتۇرما'
ئامېرىكىنىڭ خىتاي سىياسىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئېلان قىلغان ماقالىلەردىن 'ئامېرىكىدىكى ئىككى پارتىيىنىڭ تەيۋەن بوغۇزى سىياسىتى ھەققىدە سېلىشتۇرما' دېگەن ماقالە تۈنۈگۈن 'كۆزىتىش ژۇرنىلى'دا كۆچۈرۈپ بېسىلدى. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكىدىكى دېموكراتلار پارتىيىسى ئۆزىنىڭ 'بىر جۇڭگو سىياسىتى'دە ۋە 'تەيۋەن مۇناسىۋەتلىرى قانۇنى 'دا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى، ئىككى تەرەپ مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى تەيۋەن خەلقنىڭ ئارزۇيى ۋە ئەڭ ياخشى مەنپەئەتىگە مۇۋاپىق بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتىدۇ.
ئەمما جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى بولسا، 'بىر جۇڭگو' دېگەننى تىلغا ئالماي، پەقەت ئامېرىكىنىڭ 'تەيۋەن مۇناسىۋەتلىرى قانۇنى' غا ھۈرمەت قىلىشنى، ئەگەر خىتاي بۇ پرىنسىپقا خىلاپلىق قىلسا، ئامېرىكا چۇقۇم تەيۋەننىڭ ئۆزىنى قوغدىشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتىدۇ.
