رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندىن بۇيان ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە «بىر جۇڭگو»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى» كۈچەيتىلگەن.
ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ مەكتىپىدە 1-ئىيۇل كومپارتىيە بايرىمىدىن ئىلگىرى بىر جۇڭگو ھەم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەدھىيىلىنىدىغان مەزمۇندىكى ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىش ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
شۇ مەكتەپتىكى بىر ئوقۇغۇچى بۇ قېتىم ئۇلارنىڭ مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسىدە، مەكتەپتىكى خىتاي سىنىپلار بىلەن ئۇيغۇر سىنىپلار بىرلەشمە پائالىيەت ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، ئۇلار بۇ قېتىمقى مۇسابىقىسىدە «بىر جۇڭگو» ناملىق ناخشىنى ئېيتىدىكەن.
ناخشىدا خىتاينىڭ بىر جۇڭگو سىياسىتى ئېنىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، خىتايدىن ئىبارەت بۇ چوڭ دۆلەتتە كۆپلىگەن مىللەتلەرنىڭ بارلىقى، ھەرقانداق سىرتقى كۈچنىڭ بۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزالمايدىغانلىقى، خىتاينىڭ ھەر ۋاقىت بىر پۈتۈن ھالىتىدە ساقلىنىپ تۇرىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
بۇ ئوقۇغۇچى يەنە ئۇلارنىڭ سىنىپ تەربىيىچىسىنىڭ ئوقۇغۇچىلاردىن بۇ قېتىمقى ناخشا مۇسابىقىسىگە بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، ناخشا مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدىغان كۈنلەردە ئوقۇغۇچىلارغا رۇخسەت بېرىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يېقىندا چەتئەلگە ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەن بىر ئوقۇغۇچى ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرى ئوتتۇرا مەكتەپ ھەم ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدا ھەر يىلى بۇنداق مۇسابىقىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى، مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇنداق مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىش ئۇلارنىڭ سىياسىي قارىشىنى بەلگىلەيدىغان ئۆلچەم قىلىنغىنى ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇنداق مۇسابىقىلەرگە مەجبۇرىي قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەمىنلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىمۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى كۈچەيتىلگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىۋېرسىتېتلاردا بۇ يىل 5-6-ئاي مەزگىلىدە «ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ساقلاش» تېمىسىدا ھەر خىل پائالىيەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان. باشقا يۇرتلاردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن، ئۇلارنى بۇ يىل يازلىق تەتىل مەزگىلىدە ئومۇميۈزلۈك ئۆز يۇرتىغا قايتۇرۇش تەشەببۇس قىلىنغان. شۇنداقلا بۇ ئوقۇغۇچىلاردىن يۇرتلىرىدا «ۋەتەنپەرۋەرلىك ئۆگىنىش كۇرسلىرى»غا قاتناشقانلىقى ھەققىدىكى ئىسپات خېتى ئەكېلىش تەلەپ قىلىنغان.
خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنى 60 يىلدىن بۇيان ئەڭ بىئارام قىلىپ كېلىۋاتقان مەسىلە خىتاي دۆلىتىدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ مىللىي ئېڭىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەش ئىكەن. بولۇپمۇ، 2008-يىلى تىبەتتە يۈز بەرگەن 11-مارت تىبەت ۋەقەسى، 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى شۇنداقلا بۇ يىل 5-ئاينىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ئىچكى موڭغۇلدا يۈز بەرگەن موڭغۇللار نامايىشىدىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى بۇ رايونلاردىكى مەكتەپلەردە ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ، رايونغا نىسبەتەن ساقچى-ئەسكەرلەر ئارقىلىق كونتروللۇقنى كۈچەيتكەندىن باشقا، ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى نامىدا «بىر جۇڭگو» ۋە «جۇڭخۇا بىرلىكى» سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى كۈچەيتىشىمۇ، بۇ رايونلاردا يېڭىدىن نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىكەن.