تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە بىر ئۇيغۇر سايلاندى

دېموكراتىيىلىك تۈزۈم بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان دۆلەتلەردە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رولى ناھايىتى زور. تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى 400 مىڭ ئەزاسى بار ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى.

0:00 / 0:00

بۇ تەشكىلات تۈركىيە دۆلەت ئىدارىلىرىدە ئىشلەۋاتقان 400 مىڭ كادىرنىڭ ھەق-ھۇقۇقىنى قوغداشتىن باشقا، تۈرك دۇنياسى جۈملىدىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىنى تۈرك جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈنمۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن خىزمەت قىلماقتا. 9 يىلدىن بېرى تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان بىرجان ئاقيىلدىز ئەپەندى پارلامېنت ئەزاسى نامزاتى بولۇپ كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، كادىرلار ئۇيۇشمىسى 4-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسمائىل قونجۇق ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر رەئىس بولۇپ سايلاندى. ئىسمائىل قونجۇق رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا چوڭ دادىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر شەھىرىدىن كەلگەن بىر ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىسمائىل قونچۇق ئەپەندى تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ تۈرك دۇنياسى سىياسىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:

ongdin-uchinji-kishi-kadirlar-oyushmisi-reisi-uyghur-ismail-qonjuq-385
ئىسمائىل قونچۇق ئەپەندى(ئوڭدىن ئۈچىنچىسى) تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ تۈرك دۇنياسى سىياسىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. (RFA/Erkin Tarim)

تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى خىزمەت پرىنسىپلىرى، خىزمەت دائىرىسى ئېنىق بولغان بىر ئاممىۋى تەشكىلات. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇ پرىنسىپلارنى ئاساس قىلغان ھالدا خىزمىتىنى داۋام قىلىدۇ. تۈرك دۇنياسى بىز ئۈچۈن ۋاز كېچىشكە بولمايدىغان ئەھمىيەتكە ئىگە. تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرى ئۈچۈن تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى قولىدىن كەلگەننى قىلىۋاتىدۇ. بىزنىڭ تارمىقىمىزدا ياۋروئاسىيا ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلىكى بار. بۇ بىرلىككە قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، ئەزەربەيجان، تۈركمەنىستان، كوسوۋو قاتارلىق دۆلەتلەردىكى كادىرلار ئۇيۇشمىلىرى ئەزا. ئۇلار بىلەن ھەمكارلىقىمىز بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدۇ. تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشىمىز.

ئىسمائىل قونجۇق ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مىللىي داۋاسى ئىكەنلىكىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى:
بىز شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈمىز. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى جامائەتچىلىككە ئاڭلىتىش بىزنىڭ مىللىي ۋەزىپىلىرىمىزدىن بىرى. مېنىڭ چوڭ داداممۇ ئۇ يەرلەردىن كەلگەن. مېنىڭ چوڭ دادام يەنى دادامنىڭ دادىسى قەشقەردىن كەلگەن. بىز ئۇ ئىنسانلارغا قانداقمۇ ياردەم قىلماي تۇرالايمىز، ئۇلارنىڭ دەردى بىزنىڭ دەردىمىز دېمەكتۇر. شۇڭا تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىق شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ھارماس-تالماس قوللىغۇچىسى بولىدۇ.