كامبودژا ساقچىلىرى غايىپ بولغان ئىككى ئۇيغۇرنى ئىزدىمەكتە

كامبودژا ھۆكۈمىتى 20 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئەمدىلىكتە غايىپ بولغان ئىككى ئۇيغۇرنى ئىزدىمەكتە. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، كامبودژادىكى ئالاقىدار تەرەپلەر، 20 ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش ۋەقەسى ھەققىدە مەسئۇلىيەتنى بىر - بىرىگە ئارتماقتا.

0:00 / 0:00

كامبودژادا چىقىدىغان Phnom Penh Post گېزىتىنىڭ بۈگۈن خەۋەر قىلىشىچە، كامبودژا ساقچىلىرى غايىپ بولغان ئىككى ئۇيغۇرنى تۇتۇش ئۈچۈن ھەرىكەت باشلىغان. كامبودژا دۆلەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مۇئاۋىن مەسئۇلى Sok Phal، غايىپ بولغان ئىككى ئۇيغۇرنى كامبودژانىڭ چېگرا قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش جىنايەت گۇمانى بىلەن ئىزدەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەسلىدە كامبودژادا پاناھلىق تىلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 22 بولۇپ، كامبودژا ساقچىلىرى ب د ت خادىملىرى بىلەن بىرلىكتە، ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنى يىغىنغا چاقىرغاندا 2 نەپەر ئۇيغۇر يىغىنغا كەلمىگەن. شۇ كۈنى يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇرلارغا، ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن باشقا جايغا يۆتكەيدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان. ئورنى يۆتكىلىپ ئىككى كۈن ئۆتكەندە، يەنى دېكابىر كۈنى كامبودژا ساقچىلىرى تۇيۇقسىز پوزىتسىيە ئۆزگەرتىپ ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنى تۇتقۇن قىلغان. بۇ جەريان ھەققىدە ئۇيغۇر مۇھاجىرلارغا ياردەم قىلىۋاتقان مىسيونىرلەردىن مۇناخ Denise Coughlan پىنوپەن پوچتىسى گېزىتىدە مۇنداق دەيدۇ: " ئەھۋالدىن بەكلا چۈچۈپ كەتتىم، كامبودژا ھۆكۈمىتى تېخى ئالدىنقى كۈنىلا، ئۇلارنى بىخەتەر بىر ئورۇنغا يۆتكەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇيغۇر مۇھاجىرلارمۇ ئۆزلىرىنى بىخەتەر ئۆيگە كۆچۈۋاتىمىز دەپ ئىشەنگەن ئىدى."

بۈگۈن بىرقىسىم مەتبۇئاتلاردا غايىپ بولغان ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ئىككى بوۋاق ئىكەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالغان. ئەمما مۇناخ دىنايز خانىم، 16 ‏- چىسلا كۈنى 20 ئۇيغۇر قوغدىلىش نامى ئاستىدا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغاندا، 2 بوۋاقنىڭ ئاتا - ئانىسى بىلەن بىرگە 20 كىشىنىڭ ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

كامبودژا ساقچى تارماقلىرىنىڭ مەسئۇلى Sok Phal نۆۋەتتىكى ھەرىكەت ھەققىدە مۇنداق دېگەن: "ساقچى كۈچلىرىمىز كامبودژاغا قانۇنسىز كىرگەن كۆچمەنلەرنى تۇتقۇن قىلىۋاتىدۇ. ئىزدىلىۋاتقانلار ئارىسىدا (خىتايغا قايتۇرۇلۇشتا غايىپ بولغان) ئىككى ئۇيغۇرمۇ بار." ئۇ يەنە ھازىرغا قەدەر 40 نەپەر چەتئەللىكنىڭ چېگرادىن قانۇنسىز كىرگەنلىكى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلاش باياناتچىسى بۈگۈن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئوت قويۇش جىنايىتى ۋە بومبا ياساش جىنايىتىگە چېتىشلىق كىشىلەر بارلىقى ئېنىقلاندى دېگەن. كامبودژا ساقچىلىرىنىڭ غايىپ بولغان ئىككى ئۇيغۇرنى ئىزدەش ھەرىكىتىنىڭ، خىتاينىڭ يۇقىرىقى باياناتىدا دېيىلگەنلەر بىلەن ئالاقىسى بار-يوقلۇقى؛ يەنى خىتاي تەرەپنىڭ غايىپ بولغان 2 ئۇيغۇرنىمۇ تۇتۇپ بېرىش ھەققىدە كامبودژاغا تەلەپ سۇنغان - سۇنمىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

بۈگۈن كامبودژادىكى ب د ت مۇھاجىرلار ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى Christophe Peschoux غايىپ بولغان ئىككى ئۇيغۇرنىڭ نەدىلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىش بىلەن بىللە، كامبودژا ھۆكۈمىتىگە ئەگەر بولار تۇتۇلغان تەقدىردە، چوقۇم ب د ت مۇھاجىرلار ئىشخانىسىغا تاپشۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى، ئۇ ئىككىسىنىڭ سىياسىي پاناھلىنىش ئىلتىماسى تەكشۆرۆش جەريانىدا تەستىقتىن ئۆتمىگەن ئەھۋالدا، ئاندىن ئۇلارنى قانۇنسىز كۆچمەن دېيىشكە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

مىسيونىرلەرنىڭ باشلىقى دىنايز خانىم بولسا، نېمە بولسا-بولسۇن، ئەمدىلىكتە كامبودژاغا گەپ ئىشلىمەيدىغانلىقىنى، كامبودژانىڭ بۇ ئىككى ئۇيغۇر ئۈچۈن خەتەرلىك جاي ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە ئۇلارنىنگ باشقا بىر دۆلەتكە قېچىپ كەتكەن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن دۇئا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

20 ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشى ۋە ئىككى ئۇيغۇرنىڭ غايىپ بولۇشى كامبادژادىكى بىرقىسىم گۇرۇپپا ۋە جامائەت ئارىسىدا ئىنسانىي نۇقتىدىن تالاش - تارتىش پەيدا قىلغان. كامبودژا ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى Khieu Kanharith دۈشەنبە كۈنى شى جىنپىڭنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىغا قاتنىششنىڭ ئالدىدا مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ، 20 ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ب د ت مۇھاجىرلار ئىشخانىسىنىڭ ھورۇنلۇق قىلغانلىقىنى، ئەسلىدە 7- 8 كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈپ باشقا دۆلەتكە يۆتكەپ كېتىشنىڭ ئورنىغا، بىر ئايدىن ئارتۇق ساقلىتىش ئارقىلىق، كامبودژا ساقچىلىرىنى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇرلاپ قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئەيىبلەنگۈچى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ پاناھلانغۇچىلارنى پەقەت تەكشۈرۈش ۋەزىپىسى بارلىقىنى، كامبودژانىڭ خەلقئارا كېلىشىم بۇيىچە قوغداش ۋەزىپىسى بارلىقىنى، شۇڭا ب د ت مۇھاجىرلار ئىشخانىسىنىڭ ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنى كامبودژا ساقچىسىنىڭ قوغدىشىغا تاپشۇرۇشىنىڭ خاتا ئىش ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.

نۆۋەتتە بىر قانچە دۆلەت ۋە كۆپلىگەن تەشكىلاتلار غايىپ بولغان ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەندىشە قىلماقتا ۋە ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.