بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى جياڭ يۈ بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ جىنايەت گۇماندارلىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى خىتاينىڭ بۇ سۆزىنى قەتئىي رەت قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر بولغان ھەرقانداق بىر كىشىنى جنايەتچى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
22 نەپەر ئۇيغۇر كامبودجاغا قېچىپ كېلىپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كامبودجادا تۇرۇشلۇق مۇساپىرلار ئىشخانىسىدىن پاناھلىق تىلىگەندىن كېيىن، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ "پاناھلانغۇچى" سالاھىيىتىگە ئېرىشىپ 3 - بىر دۆلەتكە ساق - سالامەت ئورۇنلىشىشى ئۈچۈن جىددىي خىزمەتلەر ئىشلەنمەكتە. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى بولسا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ جىنايەت گۇماندارلىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جياڭ يۈ بۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى جىنايەتچىلەرگە پاناھلىنىدىغان يەر بولماسلىققا چاقىردى.
جياڭيۈنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرىگە نىسبەتەن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىمۇ ئىنكاس قايتۇردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىچكى ئىشلار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ئېلشات ئەپەندى بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ 22 نەپەر ئۇيغۇرنى جىنايەتچى دەپ ئەيىبلىشىنىڭ تامامەن ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ھەرگىزمۇ خەلقئارانىڭ كۆز قارىشى ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.
رويتېرس ۋە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا ئوخشاش ھەرقايسى مۇھىم ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بۈگۈنكى خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بىر ھەپتە بۇرۇنلا كامبودجا ھۆكۈمىتىگە بۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە دىپلوماتىك نوتا بەرگەن بولۇپ، كامبودجا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى كوي كوڭ خىتايدىن دىپلوماتىك نوتا كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىچىدىكى مەزمۇنىدىن خەۋىرىنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ يەنە كامبودجا دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇش - قايتۇرماسلىقى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، " كامبودجا ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرچە بۇ مەسىلىگە ئېنىق بىر ئىپادىسى يوق، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە كامبودجا دائىرىلىرى بىرلىشىپ، بۇ 22 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ھەقىقەتەن پاناھلانغۇچى سالاھىيىتىگە توشۇش - توشماسلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن جىددىي خىزمەت قىلماقتا،" دېگەن.
كامبودجا ھۆكۈمىتى 22 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ مەسىلىسى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئەگەر بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ئىجتىمائىي مەسىلە بولسا خىتايغا قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى، ئەگەر سىياسىي مەسىلە بولسا، بۇنىڭ باشقىچە بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى، ئەگەر يەنە ئىجتىمائىي مەسىلە بولغان تەقدىردىمۇ، دۆلىتىگە قايتسا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغان ئىش بولسا، ئوخشاشلا خىتايغا قايتۇرۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئېلشات ئەپەندىم بولسا ھازىرقى ئومۇمىي ۋەزىيەتتىن قارىغاندا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى ياخشى يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، دېيىشكە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
گەرچە چەتئەللەردە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە بولغان باھالار ئىجابىي بولسىمۇ، ئەمما خىتاي دائىرىلىرى چەتئەللەر بىلەن بولغان ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈۋېتىلگەن ئۇيغۇر دىيارىغا پەرقلىق تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بارماقتا.
يېقىندا خىتايدا چىقىدىغان "يەرشارى ۋاقتى" گېزىتى 22 نەپەر ئۇيغۇرنى كامبودجا دائىرىلىرىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشكە ماقۇل بولغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن. ئەمما، بۇ خەۋەر خەلقئارادىكى باشقا ھېچقانداق مەتبۇئاتتىن ئورۇن ئالمىغان ھەم كامبودجا دائىرىلىرى تەرىپىدىنمۇ دەلىللەنمىگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كامبودجادىكى ئىشخانىسى ھازىرغا قەدەر كامبودجا ھۆكۈمىتىدىن 22 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ بۇ يەردە پاناھلىنىشىغا قارىتا ھېچقانداق نارازىلىق سۆز ۋە ھەرىكەتنىڭ بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يەنە بىزگە كەلگەن باشقا خەۋەرلەردىن "ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى"نىڭ كامبودجاغا قېچىپ كېلىپ پاناھلانغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە بەرگەن خەۋىرىدە "كامبودجادا بىر قىسىم ئۇيغۇرلار قولغا چۈشتى" دېگەن ئىبارىنى قوللانغانلىقى مەلۇم.
ئېلشات ئەپەندى بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ۋەتەن ئىچىدە باشقا خەۋەر مەنبەسى بولمىغان ئۇيغۇرلارنى يالغان خەۋەرلەر ئارقىلىق ئالداپ، ئۇيغۇرلارنىڭ چەت مەملىكەتلەرگە قېچىش يولىنى توسۇش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئويناۋاتقان ئويۇنى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.