خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى كامبودىژادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئادىل مۇئامىلىگە ئۇچرىشىنى تەشەببۇس قىلدى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۈگۈن ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، كامبودىژاغا قېچىپ بېرىپ پاناھلىق تەلەپ قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى، خىتاينىڭ بېسىمى ئاستىدا خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىكنى تەشەببۇس قىلدى.

0:00 / 0:00

16 ‏- دېكابىر كۈنى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا، جۆملىدىن فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى سەم زارىفىنىڭ، كامبودجا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىغا يازغان خېتىنىڭ مەزمۇنى ئېلان قىلىندى. ئۇ خېتىدە كامبودجادىكى پاناھلىق تەلەپ قىلىۋاتقان 22 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئادىل مۇئامىلىگە ئېرىشىشىنى تەشەببۇس قىلدى.

سەم زارىفى خېتىدە، "ئەگەر، بۇ ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلسە، ئېغىر جازا ۋە قاتتىق قىيىن - قىستاق ئاستىغا ئېلىنىدىغانلىقى" نى تەكىتلىگەن.

ئوچۇق خەتتە يەنە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ 2001 ‏- يىلىدىن بۇيان خىتاينىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردە پاناھلىق تەلەپ قىلغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ كېلىپ، ھەر خىل قېيىن - قىستاقلارغا ۋە تەن جازاسىغا تارتقانلىقى، ھەتتا بىر قىسىملىرىغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى ئەھۋاللارنى تولۇق خاتىرىلەپ كېلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى مەسئۇلى زارىفى، كامبودجانىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا بويسۇنۇپ، سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلىش ئەھدىنامىسىگە رىئايە قىلغان ھالدا بۇ ئۇيغۇرلارغا ئادىل مۇئامىلە قىلىشىنى ئالاھىدە تەشەببۇس قىلدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئوچۇق خېتى ئېلان قىلىنىشتىن بىر كۈن بۇرۇن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاڭ يۈ، كامبودجادىكى 22 ئۇيغۇرنى "5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە چېتىشلىق جىنايەتچىلەر" دەپ ئەيىبلەپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىشخانىسىنىڭ جىنايەتچىلەر قوغدىلىدىغان جەننەتكە ئايلىنىپ قالماسلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

جاڭ يۈنىڭ، ئىككى بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 22 ئۇيغۇرنى "جىنايەتچى" دەپ ئەيىبلىگەنلىكى ھەمدە بۇ ھەقتە ھېچقانداق دەلىل ‏- ئىسپات كۆرسىتەلمىگەنلىكى نۆۋەتتە ھەرقايسى مەتبۇئاتلار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەقتە كامبودجا ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى، ئەگەر بۇ كىشىلەر، پاناھلانغۇچىلارنىڭ ئۆلچەم پىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن بولسىلا، ئۆزلىرىنىڭ خىتاينىڭ تەلىپىنى رەت قىلىدىغانلىقىنى، ئەگەر ئۇلار ھەقىقەتەن جىنايەت سادىر قىلغان بولسا، ئۇ ھالدا بۇ كىشىلەرنى قايتۇرۇش مەسىلىدە ئويلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بىلەن بىردەك قاراشقا ئىگە بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئەگەر بۇ ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇلسا مۇتلەق يوسۇندا خىتاينىڭ ئېغىر جازاسىغان ئۇچراپلا قالماي، بەلكى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دەل ۋاقتىدا ئېلان قىلغان ئوچۇق خېتىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، 22 ئۇيغۇرنىڭ خىتاي ئېيتقاندەك جىنايەتچى بولماستىن، بەلكى خىتاينىڭ سىياسىي بېسىمى تۈپەيلى قېچىشقا مەجبۇرلانغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 22 ئۇيغۇرنى ب د ت نى ئۆز ئىچىگە ئالغان، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھىمايىسىدىن مەھرۇم قالدۇرۇپ، خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ھالدا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ھەتتا ئويدۇرما بۆھتانلارنى چاپلاپ، ئۇلارنى جىنايەتچى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

كامبودجادىكى 22 ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ تەقدىرى ھازىر خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭلا ئەمەس، بەلكى، خەلقئارا جەمىيەتنىڭمۇ دىققىتىنى تارتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.