ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كامبودژانى جازالاش قانۇن لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى

ئامېرىكا دۆلەت مەسىلىسىدىكى ئىككى نەپەر ئاۋام پالاتا ئەزاسى، 2010" ‏- يىلىدا كامبودژا بىلەن سودا" نامىدا قانۇن لايىھىسى ھازىرلىغان. لايىھە ئۆتكەن ھەپتە، يەنى 2010 - يىلى 20 - ماي، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىغا سۇنۇلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010.05.27
Amerika-Kambodia-munasiwiti-20-uyghur-mesilisi-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ Scot Marciel ﻧﯩﯔ ﺳﻪﻳﺸﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﺎﻣﺒﻮﺩﮊﺍﻧﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻛﺎﻣﺒﻮﺩﮊﺍ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ Hor Namhong ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
www.phnompenhpost.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

لايىھىدە ئاساسلىقى كامبودژا ھۆكۈمىتى 20 نەپەر ئۇيغۇر پانالانغۇچىنى خىتايغا قايتۇرۇۋەتكەنلىكى ئۈچۈن، كامبودژانىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان سودىدىكى ئىمتىيازىنى بىكار قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. لايىھە ئامېرىكا دۆلەت مەسىلىسىدىكى دېموكراتچى ئاۋام پالاتا ئەزالىرىدىن ۋىللىئام دېلىخونت ۋە جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزالىرىدىن دانا روراباكېر تەرىپىدىن سۇنۇلغان.

ئەسلىدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە 1961 ‏- يىلى ماقۇللانغان چەت دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىش قانۇنىدا، بىر قىسىم ئاجىز دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكىغا بولغان قەرزىنى قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي كەچۈرۈم قىلىۋېتىش بېكىتىلگەن. بۈگۈنكى لايىھىدە، كامبودژانىڭ مانا بۇ قانۇندىن پايدىلىنىشىنى چەكلەش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە 1974 ‏- يىلى ماقۇللانغان تاشقى سودىغا ئائىت بىر قانۇندا، بىر قىسىم ئاجىز دۆلەتلەرنىڭ ماللىرىدىن ئامېرىكىدا باج ئېلىنماسلىقى بېكىتىلگەن. كامبودژا يىللاردىن بېرى ئامېرىكا بىلەن تىجارەتتە مانا بۇ قانۇندىن پايدىلىنىپ كەلگەن. بۈگۈنكى لايىھىدە كامبودژانىڭ ئامېرىكىغا توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك مەھسۇلاتلىرىنى باجسىز ئېكسپورت قىلىش ئىمتىيازىنى قايتا ئۇزارتماسلىق پىكرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

لايىھىنى ھازىرلىغۇچىلاردىن دانا روراباكېر، بۈگۈن، "كامبودژا پوچتىسى گېزىتى" گە سۆز قىلىپ؛ لايىھىنىڭ دۆلەت مەجلىسىدە تەستىقتىن ئۆتۈش ‏- ئۆتمەسلىكى مۇھىم ئەمەسلىكىنى، مۇھىمى كامبودژا ھۆكۈمىتىنىڭ غەيرىي ئىنسانىي قىلمىشىغا خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە، ئەگەر لايىھە سەۋەبلىك كامبودژا خەلقى زىيانغا ئۇچراپ قالسا، كامبودژا خەلقىنىڭ بۇ زىياننى چەت دۆلەتلەردىن ئەمەس، كامبودژا ھۆكۈمىتىدىن كۆرۈشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.

لايىھىدە كامبودژانىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان سودىدىكى ئىمتىيازىنى بىكار قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى ئىزاھلىنىپ 12 تۈرلۈك سەۋەب ئوتتۇرىغا قويۇلغان؛ بۇلار خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دىنىي ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى، خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ھەرىكەتتىن پايدىلىنىپ باستۇرۇۋاتقانلىقى،5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا قارىتا تۇتقۇن قىلىش ۋە ئۆلۈم جازالىرىنىڭ شىددەتلەنگەنلىكى؛ مانا مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، كامبودژا ھۆكۈمىتىنىڭ 20 نەپەر ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلانغۇچىنى ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى دەپ خىتايغا قايتۇرۇۋەتكەنلىكى؛ كامبودژانىڭ ب د ت ۋە ئامېرىكىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قۇلاق سالمىغانلىقى؛ شۇڭا ئامېرىكىنىڭ دىكتاتور ھاكىمىيەتلەر ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىگە ھەرگىز ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئىمتىياز بەرمەسلىكى بايان قىلىنغان.

لايىھىنى ھازىرلىغۇچىلاردىن ۋىللىئام دېلىخۇنت ئالدىنقى كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىدىن ئىقتىسادىي مەنپەئەت كۈتكۈچىلەرنىڭ ئالدى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى خاتىرىسىنى ياخشىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. دانا روراباكېر مۇخبىرغا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېگەن: "شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى، بولۇپمۇ كامبودژا خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە سەگەك بولۇشى كېرەك. خىتاي دىكتاتور ھاكىمىيىتى رايوندىكى ئەڭ ئىشەنچسىز بىر ھاكىمىيەتتۇر. خىتاي ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بەرگىنى ئۈچۈن، كامبودژانى مۇكاپاتلاۋاتىدۇ. ئەمما، بىز شۇ ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا قىلىنغان بۇ ھەقسىزلىقنى ئۇنتۇپ كەتمەيمىز."

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئىشلىرى مەسئۇلى 2 ‏ئاينىڭ ئالدىدا كامبودژانى زىيارەت قىلغاندا، كامبودژا ھۆكۈمىتىنىڭ كونا قەرزنى كەچۈرۈم قىلىۋېتىش تەلىپىنى رەت قىلغان؛ ئۆتكەن ئايدا يەنە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كامبودژاغا ياردەم يوسۇندا بېرىلىدىغان ھەربىي ئاپتوموبىللارنى بېرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ئىدى. بۇ قېتىمقىسى پەقەت كامبودژادىن قايتۇرۇلغان 20 ئۇيغۇر مەسىلىسى سەۋەبلىك كامبودژانى 3 ‏- قېتىم مەنپەئەتتىن مەھرۇم قالدۇرۇشىدۇر.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.