مىڭلىغان كامېرالار ئۇيغۇرلارنى سۆزلەشتىن چەكلەپ تۇرماقتا

ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاتتىق تەقىب ئاستىغا ئېلىنغانلىق تۈپەيلىدىن، ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شەھەر سىرتلىرىغا كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇرلىنىۋاتىدۇ.

0:00 / 0:00

يېقىندا ئامېرىكىدا نەشردىن چىقىدىغان «مېك كلاچىي» گېزىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. ئاپتور ماقالىنى ئۈرۈمچىدە بىۋاسىتە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن يازغان بولۇپ، ئۇ ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاتتىق تەقىب ئاستىغا ئېلىنىپ، ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شەھەر سىرتلىرىغا كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىدەك ئەھۋاللارنى گەۋدىلەندۈرگەن.

«مېك كلەچىي» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىنىڭ ماۋزۇسى «مىڭلىغان كامېرالار ئۇيغۇرلارنى سۆزلەشتىن چەكلەپ تۇرماقتا» دەپ قويۇلغان بولۇپ، ئاپتور توم لەسستېر ماقالىسىنى مۇنداق دەپ باشلايدۇ:
-ئۇ ناھايىتى جىددىيلەشكەن ھالدا ئۆزىنىڭ ياتاق ئۆيىگە باشتىن-ئاياق بىر قاراپ چىقتى. ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ماڭا ئەنۋەر دەپ تونۇشتۇرغان 50 ياشلار چامىسىدىكى بۇ كىشى خىتاي ھۆكۈمىتى توغرىسىدا بىر نەرسە دەپ بېرىشكە تازا پېتىنالمىغان ھالدا «بىرى بىزنى تامنىڭ ئارقىدىن ئاڭلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، ئۆزىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئويلىمىساق بولمايدۇ» دېدى. ئەسلىدە ئۇنىڭ سۆزى ئورۇنسىزمۇ ئەمەس ئىدى. چۈنكى خىتاي دائىرىلىرى بۇ شەھەرنىڭ ئۇيغۇرلار كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان رايونلىرىغا 17 مىڭدىن ئارتۇق كۆزىتىش ئاپپاراتى ئورناتقاننىڭ سىرتىدا، تېخى يېقىندىلا بۇ كامېرالارنىڭ سانىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

urumchi-herbi-kochida-385.jpg
ھەربىي ھالەتتىكى ئۈرۈمچى. 2009-يىلى. (www.guardian.co.uk)

ئاپتور ماقالىسىنىڭ داۋامىدا، يېقىندا ئەرەب دۇنياسىدا بىر قىسىم دېموكراتىك ھەرىكەتلەر مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن غەربتىكى تەتقىقاتچىلار ئارىسىدا بۇ خىل ھەرىكەتلەر خىتايغىمۇ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنمۇ دېگەندەك مۇنازىرىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى ئېيتىدۇ، ۋە ئۆزىنىڭ جاۋابىنى تۆۋەندىكىدەك ئوتتۇرىغا قويىدۇ:
-ئوتتۇرا شەرقتە يۈز بەرگەن دېموكراتىك ھەرىكەتلەردىن كېيىن خىتايدا يەنە قايتا تيەنئەنمېن ۋەقەسىدەك بىر ۋەقە بولامدۇ؟
مېنىڭچە بۇنىڭدا نۇرغۇن ئاساسىي ئامىللار پەرقلىق بولۇش بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى شۇنى ناھايىتى ئېنىق كۆرسىتىپ تۇرۇپتىكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن 20 يىلنى جەمئىيەتنى دېكتاتورچە كونترول قىلىش ئىستراتېگىيىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا سەرپ قىلغان. خىتاينىڭ بۇ ئىستراتېگىيىسى ھەم قاشاڭ، ھەم ئىنتايىن ئۆتكۈر. دېمەك، ئەمدى خىتايدا بۇنداق ھەرىكەت ئوتتۇرىغا چىقمايدۇ.
دەرۋەقە، باشقا ھەرقانداق بىر يەرگە قارىغاندا، بۇ شەھەر ساقچى دۆلىتىنىڭ تاكتىكىلىرىنى ھۆكۈمرانلارغا ئۆگىتىدىغان بىر مودېلغا ئايلىنىپ قاپتۇ. ئەنۋەرگە ئوخشاش نۇرغۇن كىشىلەر خاتا سۆزلەپ قويۇپ، ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىشتىن قورقىدىكەن.

ئاپتور توم لەسستېر ماقالىسىنىڭ داۋامىدا 2009-يىلى يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىر قانچە قېتىم قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرلىكتە ھايات بولغانلىكى ھەرقانداق ئۇيغۇر ھەققىدە مەلۇمات يىغقانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ تەتقىقاتچىسى نىكولاس بىكۇلىننىڭ سۆزىنى مىسالغا ئالغان بولۇپ، نىكولاس بىكۇلىن ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ خىل نازارەتنىڭ تەڭداشسىز ئىكەنلىكى، ساقچىلارنىڭ خالىغان كىشىنى قولغا ئېلىپ ئۇنى يوقىتىۋېتەلەيدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر رايونىنىڭ خىتايدىكى سىياسىي بېسىم ئەڭ ئېغىر جاي ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

ماقالىدە يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا بىر قىسىم مەبلەغلەرنى سېلىۋاتقانلىقى، ئېگىز بىنالارنىڭ، ئېسىل مېھمانخانىلارنىڭ سېلىنغانلىقى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن سېلىۋاتقان مەبلەغلىرىدىن يەرلىك خەلقلەرنىڭ خۇشال ئەمەسلىكى بايان قىلىنغان. چۈنكى ئاپتورنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلار تەرەققىياتنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەمەس، خىتايلار ئۈچۈنلۈكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن بولۇپ، ئۇ بۇنىڭغا مىسال قىلىپ، 1949-يىلىدا ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ ئاران 7 پىرسەنت، ئۇيغۇرلارنىڭ بولسا 75 پىرسەنتلىكى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەن خىتايلارنى يەرلەشتۈرۈش سىياسىتى بويىچە ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ رايوندا 50 پىرسەنتتىن ئاز ئورۇنغا چۈشۈپ قالغانلىقىدىن مەلۇمات بېرىدۇ.

توم لەسستېر ئۈرۈمچىدە خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەنمۇ سۆزلەشكەن بولۇپ، ئۇ ماقالىسىنىڭ بۇ قىسمىدا مۇنداق دېگەن :
-ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن 1500 دىن ئارتۇق كىشى قولغا ئېلىندى. ئەمما، خىتايلار ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى «بۆلگۈنچى» ئۇنسۇرلارنىڭ قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىشىدىن يەنىلا ئەنسىرەيدۇ. خىتاينىڭ جېجياڭ ئۆلكىسىدىن بۇندىن 18 يىل ئىلگىرى ئۈرۈمچىگە كۆچۈپ كەلگەن سەي جىنباۋ ماڭا «بىز ھازىر ئۆزىمىزنى ئىلگىرىكىدەك بىخەتەر ھېس قىلمايمىز. مەن سىزگە دۇكانلارنىڭ كەچتە قانچىدە تاقىلىدىغانلىقىنى دەپ بېرەلمەيمەن، چۈنكى مەن كەچتە تالا-تۈزگە چىقمايدىغان بولۇپ كەتتىم» دېدى. ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا چارلاپ يۈرگەن ساقچىلارنى ھەممىلا يەردە كۆرگىلى بولىدۇ. ئابدۇراخمان ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر شوپۇر ماڭا، مەن بىلەن سۆزلىشىشنىڭ قانچىلىك خەتەرلىكلىكىنى ئېيتىپ «ھەممە يەردە كامېرا بار، بىز كامېراغا چۈشۈپ قېلىشتىن قورقىمىز. ئەگەر بىز بىللە ماڭساق، بىزنى قولغا ئېلىپ كېتىدۇ» دېدى. ئەمما نىمىشقىكىن، ئۆزىنىڭ ئويلىغىنىنى دېيىشتىن ئانچە بەك قورقۇپ كەتمەيدىغان ئۇيغۇرلارمۇ بار ئىكەن. 40 ياشلار ئەتراپىدىكى مەمەت ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ماڭا «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتى بىزنى بۇ شەھەردىن يوقىتىۋېتىش. ئەگەر مۇشۇنداقلا بولىدىغان بولسا، بۇ يەردە ئىلگىرىكىدىنمۇ ئېغىر ۋەقە چىقىدۇ. ھۆكۈمەت ئۇيغۇرلارنى بەك قىيناپ كېتىۋاتىدۇ. بۇنداق قىلسا مىللەتلەر ئارىسىدىكى زىددىيەت تېخىمۇ چوڭىيىپ كەتمەمدۇ» دېدى.

ئاپتور ماقالىسىدە يەنە، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ سۆزىگە ئاساسەن 2009-يىلىدىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلىدىكى ئۆي-ماكانلىرىدىن كۆچۈرۈلۈپ، شەھەر سىرتلىرىغا قوغدىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ۋە ماقالىسىنى ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە بىر ئۇيغۇر بىلەن ئېلىپ بارغان قىسقىغىنە سۆھبىتى بىلەن ئاياغلاشتۇرغان:
-ھازىر ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىدىكى يىراق بىر رايونغا كۆچۈرۈۋېتىلگەن بىر ئۇيغۇر ماڭا شەھەر مەركىزىدە 20 يىلدىن بۇيان ئولتۇرۇپ كېلىۋاتقان قورۇ-جايلىرىنىڭ بۇزۇپ تاشلانغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. ئۈستىگە قېنىق رەڭلىك چاپان ۋە قارا ئىشتان كىيىۋالغان بۇ كىشىنىڭ ئىسمىمۇ مەمەت بولۇپ، ئۇ ناھايىتى غەزەپلەنگەن ھالدا ماڭا «ھۆكۈمەت بىزنىڭ مەھەللىگە ئادەم ئەۋەتىپ، بىزگە ئۈرۈمچىدىن كېتىڭلار، يېزاڭلارغا قايتىڭلار دېدى. بۇ ھۆكۈمەت ئۇيغۇرلارنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋەتمەكچى" دېدى.