ئۇيغۇر زىيالىيسى كامىلجان ئەپەندىنىڭ ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلغان كۈنىگە ئاتاپ يازغان `بۈگۈن` ناملىق ماقالىسى تۈركىيىدىكى تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىندى. ئاپتور ماقالىسىدە 20 - ئەسىردە ئۇيغۇرلار قۇرغان بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: "بۈگۈن ئېتىقاد چۈشەنچىمىزنىڭ ۋە مىللى تارىخىمىزنىڭ مېراجى يارىتىلغان بىر كۈن. بۈگۈن دۇنيا تارىخىدىكى تۇنجى ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، يەنى، شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئىككى قېتىم قۇرۇلغان بىر كۈن. بىز مۇشۇ بۈگۈنىمىزنىڭ ئىپتىخارى بىلەن ھازىرمۇ بېشىمىزنى تىك تۇتۇپ دۇنياغا مەغرۇر قارىيالايدىغان بىر كۈن."
ئاپتور ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەشۇ كۈننى سېغىنىۋاتقانلىقىنى ئۇ ئەركىنلىكنى ئۇ كۈننى قايتا قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن نېمە قىلىشى كېرەكلىكىنى مەشھۇر تۈرك شائىرى مەھمەت ئاكىف ئەرسوينىڭ شېئىرلىرى بىلەن ئاڭلاتقان.
مانا ئەمدىلىكتە يا يىغلاشنى، يا كۈلۈشنى بىلمەي، ئەشۇ بۈگۈننى خاتىرىلىمەكتىمىز، ئەشۇ بۈگۈننى سېغىنماقتىمىز، ئەشۇ بۈگۈنگە تەلپۈنمەكتىمىز، چوڭقۇر ھەسرەت بىلەن ئەشۇ بۈگۈننى چاقىرماقتىمىز. ئەمما مىللىي تارىخىمىزنىڭ مېراجى بولغان ئۇلۇغ بۈگۈنىمىز بولسا، بىزگە ئېچىنىپ نالە قىلماقتا، خۇددى تۈركىيە شائىرى ئېيتقاندەك:
بايراقنى بايراق قىلغان ئۈستىدىكى قاندۇر،
تۇپراق ئەگەر جان بەرگۈچى بولسا ۋەتەندۇر.
دېگىنىچە ۋىجدانىمىزغا خىتاب قىلماقتا. ئەشۇ بۈگۈنىمىزنى قايتىدىن قايتۇرۇپ ئالالىشىمىز ئۈچۈن بىزنى بەدەل تۆلەشكە چاقىرماقتا.
بىز بۇ ماقالە ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ماقالىنىڭ ئاپتورى كامىلجان ئەپەندىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.